ئەسەرلىرىدە ئانادولۇنىڭ ساداسىنى ياڭراتقان يازغۇچى- ياشار كامال

كۆزنەك -27

1959084
ئەسەرلىرىدە ئانادولۇنىڭ ساداسىنى ياڭراتقان يازغۇچى- ياشار كامال

ئەسەرلىرىدە ئانادولۇنىڭ ساداسىنى ياڭراتقان يازغۇچى؛ ياشار كامال

ئەسەرلىرىدە ئانادولۇنىڭ ساداسىنى ياڭراتقان يازغۇچى؛ ياشار كامال

 كۆزنەك -27

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ ھۆرمەتلىك ئىخلاسمەنلىرى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىن، تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى سىتۇدىيولىرىدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام! «كۆزنەك»كە خۇش كەلدىڭلار! «كۆزنەك» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئەسەرلىرىدە ئانادولۇنىڭ ساداسىنى ياڭراتقان يازغۇچى- ياشار كامال ھەققىدە توختىلىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار پىروگراممىمىزدا بولسۇن!

******* ****** ****** *******

ياشار كامال شېئىر، ھېكايە، رومان، پوۋېست، خاتىرە، ماقالە، سۆھبەت، تەرمىلەر، زىيارەت، درامما، چۆچەك، مەسەل ۋە سېنارىيە قاتارلىق نۇرغۇن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى قالدۇرغان بولۇپ، ئۇ تۈرك ئەدەبىياتىغا 26 رومان، 11 پوۋېست، توققۇز سۆھبەت خاتىرىسى، ئىككى ھېكايە ۋە شېئىر مەجمۇئەلەرى بىلەن ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان ئىدى.

ھاياتىدا ئوخشىمىغان ئەدەبىي ژانىردا نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان ۋە ئاساسەن ئانادولۇ تەسۋىرلەنگەن ھېكايىلىرى بىلەن تونۇلغان ئۇستا يازغۇچى ياشار كامال، 1923 - يىلى 6 - ئۆكتەبىردە تۇغۇلغان بولۇپ،  بالىلىق دەۋرى ئازابلار بىلەن تولغان ئىدى. ئۈچ ياش ۋاقتىدا بىر ھادىسە سەۋەبىدىن سول كۆزىدىن ئايرىلىپ قالغان، 8 ياش ۋاقتىدا يېزىقچىلىققا قىزىقىشقا باشلىغان ئەدەبىيات ئۇستازى ياشار كامالنىڭ تەبىئەتكە، ئەتراپىغا ۋە ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتكە بولغان قىزىقىشى ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئىلھام مەنبەسى بولغان ئىدى.

ئۇنىڭ تۇنجى كىتابى 1943 - يىلى نەشر قىلىندى. چۇكۇروۋا بىلەن تورۇس تاغلىرىدىن توپلىغان نالە - پىغانلاردىن تۈزۈلگەن تۇنجى كىتابى «پىغانلار» 1943 - يىلى نەشر قىلىندى.

ياشار كامال 1946 - يىلىدا، قەيسەرىدە ئەسكەرلىكىنى تاماملاش جەريانىدا، تۇنجى ئۇزۇن ھېكايە كىتابى «مەينەت ھېكايە» نى يېزىپ چىقتى. 1951 - يىلى ئىستانبۇلغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، يازغۇچىلىق سەپىرىنى «ياشار كامال» دېگەن نام بىلەن داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلدى.

ئۇ يازغان ئەسەرلىرىدە ئانادولۇ خەلقىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلىرىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشتى ۋە  بىر قىسىم ئەسەرلىرىنىڭ چەتئەل تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشى نەتىجىسىدە ياۋروپادىمۇ تونۇلۇشقا باشلىدى.

ياشار كامال «بوۋاق»، «دۇكاندار» ۋە «مەمەت» قاتارلىق ھېكايىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان «سېرىق قىززىق» ناملىق كىتابىنى 1952 - يىلى يازغان بولۇپ، بۇ ئەسەردە نامراتلىق، زوراۋانلىق، ھەمكارلىق، چىرىكلىك، تەبىئەتكە بولغان قىزغىنلىق ۋە ئىنسان بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش قاتارلىقلارنى مەزمۇن قىلغان ئىدى.

ياشار كامالنىڭ بىرىنچى قىسمىنى 1955 - يىلى يېزىپ چىققان «İnce Memed» (ئورۇق مەمەت) ناملىق 4 قىسىملىق رومانى ئۇنىڭ ئەدەبىيات سەپىرىدە ئايرىم بىر سەھىپە ئاچتى. ئۇنىڭ بۇ يۈرۈشلۈك كىتابى 40 نەچچە تىلغا تەرجىمە قىلىندى.

ئاتاقلىق يازغۇچى ئەسەرلىرىدە ئاددىي ۋە راۋان ئۇسلۇب ئىشلىتىشنى تاللىغان بولۇپ،  رومان ۋە ھېكايىلىرىدە ئاساسەن دېگۈدەك چۇكوروۋادىكى ئىنسانلارنىڭ پاجىئەلىرىنى مەزمۇن قىلغان ئىدى.

ياشار كامالنىڭ «İnce Memed» (ئورۇق مەمەت)  قاتارلىق 9 ئەسىرى فىلىمغا ئېلىندى  ۋە يەنە نۇرغۇن ئەسەرلىرى تىياتىرغا ئايلاندۇرۇلدى. ئەسەرلىرىدە ئانادولۇنىڭ رىۋايەتلىرى ۋە ھېكايىلىرىدىنمۇ پايدىلانغان ئاپتور ئۆزىنىڭ 1970-يىلىدىن كېيىنكى رومانلىرىدا شەھەر خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنى مەزمۇن قىلىشقا باشلىدى.

ئىكككىسى چەت ئەل ئۇنىۋېرسىتىتىدىن بولۇپ، جەمئىي 7 ئۇنىۋېرسىتېتتىن پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى.  1973 - يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نام چىقاردى. ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنە بىر قانچە قېتىم نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەن ئىدى.

ياشار كامال شېئىر، ھېكايە، رومان، پوۋېست، خاتىرە، ماقالە، سۆھبەت، تەرمىلەر، زىيارەت، ئويۇن، چۆچەك، مەسەل ۋە سىنارىيە قاتارلىق نۇرغۇن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى قالدۇرغان بولۇپ، ئۇ تۈرك ئەدەبىياتىغا 26 رومان، 11 پوۋېست، 9 سۆھبەت خاتىرىسى، 2 ھېكايە ۋە شىئېر مەجمۇئەلەرى بىلەن ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان ئىدى.

ياشار كامال 2015 - يىلى 28 -  يانۋاردا، ئەزا زەئىپلىشىش ۋە يۈرەك رىتىمى قالايمىقانلىشىش سەۋەبىدىن 92 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

مەنبە: ئانادولۇ ئاگېنتلىقى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ ھۆرمەتلىك ئىخلاسمەنلىرى، يۇقىرىدا «كۆزنەك» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈ ھەپتىلىك سانىدا، ئەسەرلىرىدە ئانادولۇنىڭ ساداسىنى ياڭراتقان يازغۇچى- ياشار كامال ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتۈق.  بۇ ھەقتىكى يازما ئۇچۇرلارنى ئوقۇش ئۈچۈن، تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى ئۇيغۇرچە بۆلۈمىنىڭ تور بېتىنى زىيارەت قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.

 

 


خەتكۈچ: #كۆزنەك

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر