ئارپىبەدىياننىڭ شىپالىق رولى

شىپا بۇلىقى (27)

1958855
ئارپىبەدىياننىڭ شىپالىق رولى

ئارپىبەدىياننىڭ شىپالىق رولى

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

ئارپىبەدىيان تەركىبىدىكى ۋىتامىنA ، ۋىتامىنB1 ، ۋىتامىنB6 ، ۋىتامىنC، ۋىتامىنD، ۋىتامىنE ۋە مىنېرال ماددىلار مول بولغان ئۆسۈملۈكتۇر. ئارپىبەدىياننىڭ  پايدىلىرى تەركىبىدىكى ۋىتامىنلار ۋە بىرىكمە ماددىلاردىن كېلىدۇ.

ئارپىبەدىياننىڭ  پايدىلىرى:

قان قەنتىنى تەڭشەيدۇ:

ئارپىبەدىيان ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرىشنى جانلاندۇرىدۇ، تۇيۇقسىز قان قەنتىنىڭ ئۆرلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئارپىبەدىيان دىيابېت كېسىلىنى كونتىرول قىلىشتا ناھايىتى زور رول ئوينايدۇ.

يۈرەك ساغلاملىقىنى قوغدايدۇ:

يۈرەك ساغلاملىقىنى قوغداش ۋە پالەچ خەۋىپىنى ئازايتىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئارپىبەدىيان ناچار خولېستېرىنغا قارشى كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. دەرۋەقە، خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىش يۈرەك ساغلاملىقىنى قوغداشتىكى ئاساسلىق تەدبىرلەرنىڭ بىرى.

سۆڭەكنى كۈچەيتىدۇ:

ئارپىبەدىياننى ئىستېمال قىلغاندا، كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشى ئېشىپ، سۆڭەك شالاڭلىشىش قاتارلىق سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ:

ئارپىبەدىياننىڭ تەركىىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلىرى ۋە ۋىتامىنC قەدىمدىن تارتىپلا مىكروبلارغا قارشى تۇرۇش ۋە بەدەننى يۇقۇملىنىشتىن ساقلاشتا مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە. ئارپىبەدىيان يوپۇرمىقى جاراھەتنى داۋالاش ۋە مىكروبلارنى بەدەندىن يىراقلاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇ يۆتەل، سوغۇق تېگىپ قېلىش، ماغدۇرسىزلىنىش، ھارغىنلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ساقايتىشقا ياردەم بېرىدۇ.

ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ:

ئارپىبەدىيان ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىشتە ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ. بەدەننىڭ مىكروبلارغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك ئىممۇنىتېت كۈچىگە تايىنىپ ئاشىدۇ. ئارپىبەدىيان ھەر خىل يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا كۈچلۈك باكتېرىيەگە، ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش ۋە ئانتىفلاند رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

ھەزىم قىلىشنى قوللايدۇ:

ساغلام ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان ئارپىبەدىيان «يەل ھەيدىگۈچى» دەپ ئاتىلىدۇ. قورساق كۆپۈش، يەل ۋە ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش قاتارلىق ئاشقازان ۋەھەزىم ياخشى بولماسلىق مەسىلىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ. تالالىق قۇرۇلمىسى ئارپىبەدىياننىڭ پايدىسىدۇر. چۈنكى ئارپىبەدىيان تەركىبىدىكى ئۇزۇقلۇق تالالىرى ئۈچەينى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، قەۋزىيەتنى ياخشىلايدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئارپىبەدىياننىڭ كىسلاتاغا قارشى خۇسۇسىيىتى ئاشقازاندا زىيادە كۆپ كىسلاتا ھاسىل بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بۇنداق ئۇزۇقلۇقلارنى ھەزىم قىلىش ئارقىلىق ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش، جاراھەتلىنىش، ئاشقازان ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

 

ئارپىبەدىيان ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق ۋە مىكروب كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىچ سۈرۈشكىمۇ پايدىلىقتۇر.

ئاغرىقلارنى پەسەيتىدۇ:

ئارپىبەدىيان ياللۇغ قايتۇرۇش ۋە ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئارپىبەدىيان بولۇپمۇ بوغۇم ياللۇغى ۋە بوغۇم ئاغرىقلىرىغا شىپا بولۇپ، ياللۇغلىنىشنى داۋالاش ياردەمچىسىدۇر. يېمەك-ئىچمەكلىرىڭىزگە ئارپىبەدىيان قوشسىڭىز، مۇسكۇللارنىڭ تارتىشىپ قېلىشى ۋە مۇسكۇل ئاغرىقلىرىنى پەسەيتەلەيسىز. تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە، ئارپىبەدىياننىڭ ئاياللارنىڭ ھەيز ئاغرىقلىرىنى پەسەيتىشكە پايدىلىق ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان.

نەپەسلىنىشنى راۋانلاشتۇرىدۇ:

ئارپىبەدىيان نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. زۇكام، يۆتەل، كېكىردەك ئاغرىش، تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇ ئۆپكە، كۆكرەك، بۇرۇن بوشلۇقىدىكى بەلغەم زەررىچىلىرىنى ساپلاشتۇرىدۇ ۋە بوشىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن نەپەس ئېلىش تېخىمۇ راۋانلىشىدۇ. ئارپىبەدىيان كانايچە ياللۇغى ۋە زىققا قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ساقىيىش جەريانىنى تېزلىتىدۇ.

نەپەس ئېلىشنى ئاسانلاشتۇرىدۇ:

ئارپىبەدىيان ئۇرۇقىنىڭ پايدىسىنى نەپەس ئېلىشتا ھېس قىلغىلى بولىدۇ. ئارپىبەدىيان ئۇرۇقى ۋە يوپۇرمىقى «نەپەس تەڭشىگۈچ» دەپ ئاتىلىدۇ. ئارپىبەدىياندىكى ئاساسلىق ماي ئېغىزدىكى يۇقۇملىنىشنى پەسەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەركىن رادىكاللارنىڭ چىش مىلىكى ۋە چىشقا بولغان زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرىدۇ. ساغلام ئېغىز بوشلۇقى ئۈچۈن بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ شىپالىق رولىدىن پايدىلىنىڭ.

ئارپىبەدىيان ئۇخلاشقا ياردەم بېرىدۇ:

ئارپىبەدىيان يوپۇرمىقىدىكى ئاكتىپ تەركىبلەر ۋە B گۇرۇپپىسىدىكى ۋىتامىنلارنىڭ ياردىمىدە ئۇيقۇسىزلىققا داۋا بولىدۇ. كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكلىرىڭىزدە ئىستېمال قىلىدىغان ئارپىبەدىيان بەدەندىكى بەزى ھورمون ۋە فېرمېنتلارنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى قوزغىتىش ئارقىلىق تىنىچلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇ يەنە بېسىم ھورمۇنىنىڭ سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىدۇ. بېسىم سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن تىنچ ۋە سۈپەتلىك ئۇخلىيالايسىز. ئارپىبەدىياننىڭ چۈشكۈنلۈككە قارشى تۇرۇش رولىمۇ باردۇر.

ئارپىبەدىيان ئورۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ

100 گىرام يېڭى ئارپىبەدىياننىڭ تەركىبىدە تەخمىنەن 43 كالورىيە باردۇر. كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ مىقدارى ئاز بولغاچقا، ئورۇقلىشىڭىزدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ئارپىبەدىياننى قانداق ئىستېمال قىلىش كېرەك؟

سالات ۋە تاماقلىرىڭىزغا يېڭى توغرالغان ئارپىبەدىيان قوشسىڭىز بولىدۇ. ئارپىبەدىياننى ئىنچىكە توغراپ، ياۋروپا كەرەپشىسى، پىننە قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر بىلەن سالات تەييارلاپ ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۇنى لىمون ۋە ئازراق زەيتۇن يېغى بىلەن تەملىك قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.

كاۋىپىڭىزغا ئارپىبەدىيان قوشسىڭىز بولىدۇ. بېلىق پىشۇرغاندا ئارپىبەدىيان ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. بەرەڭگە قاتارلىق ئۆسۈملۈك تائاملىرىغا ئارپىبەدىياننى تېتىتقۇ سۈپىتىدە ئىلاۋە قىلسىڭىز بولىدۇ.

شورپىلىرىڭىز ۋە قىياملىرىڭىزنى ئارپىبەدىيان ئارقىلىق لەززەتلىك قىلالايسىز. ئەگەر خالىسىڭىز ئارپىبەدىيان ئۇرۇقىنى تېتىتقۇ قىلىپ ئىشلەتسىڭىزمۇ ياكى چىلىغان كۆكتاتلىرىڭىزغا ئىلاۋە قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئارپىبەدىيان ئۇرۇقىدىن چاي دەملەپ ئىچسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ئەگەر قۇرۇتۇلغان ئارپىبەدىيان ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دورىگەردىن سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ. ئەمما ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ، قۇرۇتۇلغان ئارپىبەدىياننىڭ تەمى يېڭى ئارپىبەدىيانغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاچچىق ۋە كۈچلۈك بولىدۇ. شۇڭلاشقا، مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىشىڭىز كېرەك.

ئارپىبەدىياننى قانداق ساقلاش كېرەك؟

يوپۇرمىقى سېرىق بولمىغان، قېنىق يېشىل بىر تۇتام ئارپىبەدىياننى قەغەز لۆڭگە بىلەن ئوراپ، بىر قاچىغا سېلىپ، ئاغزىنى ياپقاندىن كېيىن توڭلاتقۇڭىزدا ساقلاڭ. بۇ خىل ئۇسۇلدا يېڭى ئارپىبەدىياننى 2-3 كۈن ساقلىغىلى بولىدۇ. قۇرۇتۇلغان ئارپىبەدىيان يېڭىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ چىداملىق كېلىدۇ. ئارپىبەدىياننى سېتىۋالغان ھامان يۇيۇپ، قۇرۇتۇپ تېز مۇزلاتسىىڭىز بولىدۇ. توڭلاتقۇغا سېلىشتىن بۇرۇن، ئاغزىدىن ھاۋا كىرمەيدىغان بىر خالتىغا سېلىڭ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر