سەۋزىنىڭ شىپالىق رولى

شىپا بۇلىقى (23)

1945800
سەۋزىنىڭ شىپالىق رولى

سەۋزىنىڭ شىپالىق رولى

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

سەۋزە بولۇپمۇ ۋىتامىن A تولۇقلاشتا ئالاھىدە مۇھىم دەپ قارىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، سەۋزىدە ۋىتامىن C، ۋىتامىن K ۋە ۋىتامىن E قاتارلىق ۋىتامىنلارمۇ بار.

• كۆز ساغلاملىقى

سەۋزىنىڭ ئەڭ كۆپ بىلىنىدىغان پايدىسى، ئۇنىڭ كۆز ساغلاملىقىغا قوشىدىغان تۆھپىسىدۇر. سەۋزە ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئوتتۇرىغا چىقىدىغان سېرىق داغ كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ، كۆرۈش تور پەردىسى ۋە كۆز لىنزىسىنى قوغداش ئارقىلىق كۆز ساغلاملىقىڭىزنى ياخشىلايدۇ. ئۇ، ناماز شام قارىغۇسى بولۇپ قېلىش ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش قاتارلىق خەتەرلەرگە قارشى ياردەمچىدۇر. ۋىتامىن A كەملىكى، بالىلاردىكى ئەما بولۇپ قېلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىرى.

• چاچنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىقتۇر

سەۋزىنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن A ، ۋىتامىن C، كالىي ۋە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلار بار بولۇپ، چاچ ساغلاملىقىنى ياخشىلايدۇ. سەۋزە ئىستېمال قىلىش چاچنى گۈزەللەشتۈرۈشتە ئۈنۈملۈكتۇر.

ئىممۇنىتېت سىستېمىسى

ۋىتامىن A ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىشتە ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى ۋىتامىن A ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىدىغان ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنى قوللايدۇ. ۋىتامىن C ھەم ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىدۇ، ھەمدە ساقىيىشنى تېزلىتىدۇ.

  • تېرە ساغلاملىقى

سەۋزىنىڭ تېرىگە بولغان پايدىسى ئۇنىڭ بېتا كاروتىن خۇسۇسىيىتىدىن كېلىدۇ. بېتا كاروتىن تېرىنى قۇياش نۇرىنىڭ زەخمىسىگە ئۇچرىشىدىن قوغدايدۇ. دانىخورەك، ھۆل تەمرەتكە ۋە ئەسۋە كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا ياردەمچى رولى بار. كاروتىن تەركىبى سايىسىدا تېرىدىكى جاراھەت ۋە داغلارنى ساقايتىشقا ياردەم بېرىدۇ.

• مېڭە ساغلاملىقى

سەۋزىنىڭ تەركىبىدىكى بەزى ماددىلار مېڭىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشتا ئىنتايىن مۇھىم. سەۋزە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىڭىزنى قوغدايدۇ.

• يۈرەك ساغلاملىقى

سەۋزە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ، خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىشتىمۇ ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ. سەۋزە تەركىبىدىكى كالىي بەدەندىكى ئارتۇقچە ناترىينى يوقىتىشقا ياردەم بېرىدۇ.

  • ھەزىم قىلىش سىستېمىسى

سەۋزە تالا قۇرۇلمىسى بىلەن ئۈچەيلەردىكى پايدىلىق باكتېرىيەلەرنى ئۇزۇقلاندۇرىدۇ. سەۋزە تالا ۋە كاروتىن مول كۆكتات بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەزىم قىلىش ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ئۈچەي راكلىرىدىن ساقلايدىغان تالا ئۈچەينلەرنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق ئۈچەي ساغلاملىقىڭىزنى ياخشىلايدۇ. خام سەۋزىنىڭ پايدىسى ئىنتايىن كۆپتۇر. چۈنكى پىشۇرۇلغان سەۋزە خام سەۋزىگە سېلىشتۇرغاندا ئاز مىقداردا تالا يوقىتىدۇ.

ئۆت خالتىسى ۋە جىگەر ئىقتىدارلىرىنى تەڭشەشتە ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى.

• قاندىكى قەنت

باشقا كۆكتاتلارغا سېلىشتۇرغاندا سەۋزىنىڭ قەنت مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، دىيابېت كېسىلىگىمۇ پايدىلىقتۇر. سەۋزە ساغلام ئۇششاق-چۈششەك ئۇزۇقلۇق ھېسابلىنىدۇ. ھەتتا خام ياكى ئاز پىشۇرۇلغان سەۋزىنىڭ پىشۇرۇلغان سەۋزىگە قارىغاندا خەتىرى ئازدۇر. سەۋزە قاندىكى قەنتنى تەڭشەشتە ئىنتايىن مۇھىم. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، يۇقىرى تالالىق ئۇزۇقلۇق سۈپىتىدە دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلىدۇر.

• بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش

سەۋزە قاتارلىق كالورىيەسى تۆۋەن، تالا ۋە سۇ مىقدارى يۇقىرى كۆكتاتلارنىڭ تويۇنۇش تۇيغۇسى بېرىش رولى  ئىنتايىن زوردۇر. سەۋزە قۇرۇلمىسى، تالاسى ۋە سۈيى سايىسىدا تېز تويۇنۇش تۇيغۇسى بېرىدۇ.

• ياللۇغلىنىش

 بولۇپمۇ ئالزىمېر كېسەللىكى، بوغۇم ياللۇغى ۋە يۈرەك ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەردە ياللۇغلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم.

• راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش

ئانتىئوكسىدانت  تەركىبى مول بولغان سەۋزە ئەركىن رادىكاللارغا قارشى تۇرۇشتا ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرىدۇر.

  • ھامىلىدارلىق

سەۋزىنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى پايدىسى دىقققەت قوزغايدۇ. دەرۋەقە، سەۋزە تەركىبىدە كۈچلۈك بېتا كاروتىن ۋە ۋىتامىنلار بار. ھامىلدار ئاياللارنىڭ كالتسىي جەھەتتە سەۋزە ئىستېمال قىلىشىمۇ ناھايىتى مۇھىم. سەۋزە ئانا ۋە بوۋاقنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق ئۇزۇقلۇقتۇر. سەۋزىنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى پايدىسى كۆپىنچە سەۋزە شەربىتى بىلەن چۈشەندۈرۈلىدۇ. لېكىن، ھەمىشە سەۋزە شەربىتىلا ئەمەس، سەۋزىمۇ ئىستېمال قىلىنىشى كېرەك. سەۋزىدىن ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئېھتىياجلىق بولغان بىر قىسىم ۋىتامىن A غا ئېرىشەلەيسىز. ھەم يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇشتا، ھەم سۈتنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇشتا سۈۋزىنىڭ ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقىرى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، قاندىكى قەنتنى تەڭشەش ۋە ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا سەۋزىنىڭ شىپالىق رولىدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ. سەۋزە تەركىبىدىكى فوسفور ماددىسىمۇ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە كۆرۈلىدىغان مۇسكۇل تارتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇسكۇللارنىڭ نورمال ئىشلىشىگە ياردەم بېرىدۇ. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە دائىم كۆرۈلىدىغان قەۋزىيەت ئاغرىقلىرىنى پەسەيتىش ئۈچۈن تالالىرى مول بولغان سەۋزە ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ.

 

سەۋزىنى قانداق ئىستېمال قىلىش كېرەك؟

ھەر كۈنى 1 ياكى 2 ئوتتۇراھال سەۋزە ئىستېمال قىلىش يېتەرلىك ۋە پايدىلىقتۇر.

سەۋزە پىشۇرغاندا ئوزۇقلۇق قىممىتى ئۆزگىرىپ كېتىدىغان بىر كۆكتاتتۇر. خام سەۋزە تەركىبىدە ۋىتامىن C كۆپ بولۇپ، پىشۇرۇلغان سەۋزىدە بېتا كاروتىن كۆپتۇر. يەنە بىر تەرەپتىن، سەۋزىدىكى ۋىتامىن A مايدا ئېرىپ كېتىدىغان ۋىتامىن بولغاچقا، ئاز پىشۇرۇش بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

ئورۇقلىماقچى بولسىڭىز، خام سەۋزىنى تاللاڭ. چۈنكى سەۋزە پىشۇرغاندا،  سۇ ۋە تالا ماددىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.

سەۋزە پىشۇرماقچى بولسىڭىز، قورۇش ياكى قاينىتىشنىڭ ئورنىغا ھورداڭ. بۇنداق بولغاندا، سىز تېخىمۇ كۆپ ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلارغا ئېرىشەلەيسىز. سەۋزە ئىستېمال قىلىشنىڭ ئەڭ ساغلام ئۇسۇلى ئۇنى خام ۋە ھورداپ ئىستېمال قىلىشتۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر