چىلىغان كۆكتاتنىڭ سالامەتلىككە بولغان پايدىلىرى

شىپا بۇلىقى (22)

1942501
چىلىغان كۆكتاتنىڭ سالامەتلىككە بولغان پايدىلىرى

چىلىغان كۆكتاتنىڭ سالامەتلىككە بولغان پايدىلىرى

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

چىلىغان كۆكتاتنىڭ سالامەتلىككە بولغان پايدىلىرى تۆۋەندىكىچە:

1 - چىلىغان كۆكتات ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى قوغدايدۇ ۋە كۈچەيتىدۇ. بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. دەرۋەقە، ئىممۇنىتېت سىستېمىمىز ئۈچەي ساغلاملىقىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر. مەسىلەن، ساغلام ئۈچەيلەر ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ھۈجەيرىلىرىنى قوللاش ئارقىلىق بەدىنىمىزنى كۈچەيتىدۇ. چىلىغان كۆكتات تەركىبىدىكى تالا ۋە پىروبىيوتىك دورىسى بولغان باكتېرىيەلىرىنىڭ ياردىمىدە ئۈچەينىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش ئارقىلىق زۇكام ۋە باش ئاغرىقى قاتارلىق پەسىل خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى يېڭىشىمىزگە ۋاسىتىلىك ياردەم بېرىدۇ.

2 - B گۇرۇپپىسىدىكى ۋىتامىنلارغا تۆھپە قوشىدۇ. ۋىتامىن B چۈشكۈنلۈكتىن مۇداپىئەلىنىش رولىنى ئويناش بىلەن بىللە، نېرۋا سىستېمىسىنى قوغداشقا ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ. ئۇ يەنە، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ۋە ماينىڭ مېتابولىزمىدىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ.

3 - سۆڭەك ساغلاملىقىنى قوللايدۇ. ۋىتامىن K2 ئۈچەيدىكى باكتېرىيەلەر تەرىپىدىن بىرىكتۈرۈلىدۇ. چىلىغان كۆكتات تەركىبىدىكى ياخشى باكتېرىيەلەرنىڭ ياردىمىدە ئۈچەي سىستېمىسىنىڭ ساقىيىشىغا تۆھپە قوشۇش ئارقىلىق ۋىتامىن K2 نىڭ بىرىكىشىنى ئاشۇرالايدۇ. بولۇپمۇ چىلىغان كاللەكبەسەينىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن K2 كالتسىينىڭ سۆڭەك ۋە چىشتىكى چۆكمىسىنى ئاشۇرىدۇ. جۈملىدىن بۇ توقۇلمىلارنى كۈچەيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ كالتسىينىڭ تومۇر دىۋارىغا يىغىلىپ، تومۇرلاردا كالتسىيلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە بۇ سايىدا ۋاسىتىلىك ھالدا يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقىنىمۇ قوغدايدۇ.

4. - تەركىبىدە كۆپ مىقداردا تالا بولغاچقا، بولۇپمۇ تاماق بىلەن بىللە ئىستېمال قىلغاندا، تاماقنىڭ ئاشقازاندىن ئايرىلىش ۋاقتى ئاستىلايدۇ، ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى تەڭپۇڭلىشىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە تېخىمۇ كونتروللۇق قان قەنتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئەگەر سىزدە ئىنسۇلىن قارشىلىقى قاتارلىق ئەھۋال بولسا، ئۇنى مۇشۇ ئۇسۇلدا ئىستېمال قىلىش پايدىلىقتۇر.

5 - سۆڭەكنىڭ كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ ۋە سۆڭەكنى قوغدايدۇ. ئۇ يەنە كالتسىينىڭ مىقدارىنىمۇ تەڭشەيدۇ.

6 - ساغلام كىشىلەر ئىستېمال قىلغاندا، ئۇلارنى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىدىن ساقلايدۇ. ئۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان پايدىلىق باكتېرىيەلەر بار بولۇپ، بۇ باكتېرىيەلەر ئۈچەي سىستېمىسىنى تەڭشەيدۇ. ئۈچەي سىستېمىسىدىكى بۇ باكتېرىيەلەرنىڭ زىچلىقى ۋە كۆپ خىللىقىنى ئاشۇرۇش يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىدىن ساقلايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۇ تەركىبىدىكى ئانتىئوكسىدانت ۋە ۋىتامىن-مىنېرال ماددىلار ئارقىلىق قان تومۇر ساغلاملىقىنى قوغدايدۇ. بىراق، بۇ قوغداش ساغلام كىشىلەر ئۈچۈن كۈچكە ئىگە. ئەگەر سىزدە ھېچقانداق كېسەللىك بولمىسا، ھەپتىدە 2-3 كۈن ئالىقانچىلىك ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ.

7 - قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. چىلىغان كۆكتات ياساشتا ئىشلىتىلىدىغان كۆكتات ۋە مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا تالا بار. بۇ ئۇزۇقلۇقلار ئۈچەيدىكى دوستانە باكتېرىيەلەرنىڭ سانىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، چىلىغان كۆكتاتنى ئېچىتىش باسقۇچىدا ئۈچەينىڭ ساغلاملىقىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدىغان ئالاھىدە باكتېرىيەلەر شەكىللىنىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئۈچەينىڭ ھەرىكىتىنى تەڭشەش ئارقىلىق قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، سالاتلىرىڭىزغا تۇزنىڭ ئورنىغا ئازراق چىلىغان كۆكتات ئىلاۋە قىلىڭ. بۇنداق بولغاندا، ھەم يۇقىرى تالا قوبۇل قىلىش بىلەن قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز، ھەمدە چىلىغان كۆكتاتنى ئاز مىقداردا ئىستېمال قىلغان بولىسىز.

8 – ھەم مېتابولىزمنى تېزلىتىش رولى، ھەم  قەۋزىيەتكە قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى، ھەمدە كالورىيە مىقدارى تۆۋەن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى تۈپەيلى، دىيەت تۇتقانلارنىڭ ئورۇقلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تالالىق ئۇزۇقلۇق بولغاچقا، تويۇنۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئارقىلىق بۇ جەرياننى قوللايدۇ.

9 - راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. چىلىغان كۆكتاتتا ئىشلىتىلىدىغان مېۋە ۋە كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن، مىنېرال ۋە ئانتىئوكسىدانت ماددىلار بار. گەرچە چىلىغان كۆكتات شەكلىدە ئىستېمال قىلغاندا بەزى ۋىتامىن ماددىلىرى يوقاپ كەتسىمۇ، ئەمما بۇ ئۇزۇقلۇقلار تەركىبىدىكى مىنېرال ۋە ئانتىئوكسىدانت ماددىلار سايىسىسىدا سالامەتلىككە ئاكتىپ تۆھپە قوشىدۇ. چىلىغان كۆكتاتنىڭ تەركىبىدىكى ئانتىئوكسىدانت ماددىلار راكتىن ساقلىشى مۇمكىن. پەقەت چىلىغان كۆكتاتنىلا ئىستېمال قىلىشنىڭ ئورنىغا، قىزىلچا، كاللەكبەسەي ۋە سەۋزە قاتارلىق ھەر خىل كۆكتاتلارنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق ئانتىئوكسىدانتنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئاشۇرۇش مۇمكىن.

10 -  چىلىغان كۆكتات شەربىتى پەي تارتىشىشنى ئازايتىدۇ. چېنىقىش جەريانىدا نۇرغۇن مىنېرال ماددىلار تەر بىلەن بىلللە يوقاپ كېتىدۇ، بۇ سۇيۇقلۇقنىڭ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەم چىلىغان كۆكتات ھەم چىلىغان كۆكتات شەربىتى ئىستېمال قىلىش، يوقاپ كەتكەن سۇيۇقلۇق ۋە مىنېرال ماددىلارنى يېڭىلاشنىڭ ئەڭ تېز ئۇسۇلىدۇر.

تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ چىلىغان كۆكتات شەربىتى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق چېنىقىشتىن كېيىنكى  پەي تارتىشىشنى ئازايتىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.

 11 - ئۈچەي سىستېمىسىنىڭ قالايمىقانلىشىشى تەشۋىش ۋە چۈشكۈنلۈك قاتارلىق روھىي كەيپىيات قالايمىقانچىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. پىروبىيوتىك دورىلار ئۈچەينىڭ نورمال باكتېرىيە تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشقا تۆھپە قوشىدۇ. چىلىغان كۆكتات بۇ ئۈنۈملىرىنىڭ تەسىرىدە، تەشۋىش ۋە چۈشكۈنلۈكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ. چىلىغان كۆكتات ئىستېمال قىلىش ئادەمنىڭ روھىي كەيپىياتىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئەسكەرتىش:

• ئەگەر سىزدە دىيابېت كېسەلىكى ۋە يۇقىرى قان بېسىم بولسا، چىلىغان كۆكتات قان بېسىمىڭىزنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. چۈنكى بۇ سىز ئۈچۈن خەتەرلىكتۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە،  بۇ بۆرىكىڭىزگە خەتەر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار چىلىغان كۆكتاتنى ھېچ ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك.

• چىلىغان كۆكتاتنىڭ تەركىبىدە ناترىي كۆپ بولغاچقا; يۇقىرى قان بېسىم، دىيابېت، بۆرەك زەئىپلىشىش ۋە ئاشقازان كېسەللىكلىرى بارلار كونترول قىلغىلى بولىدىغان ئۇزۇقلۇقلارنى ئىستېمال قىلىشى، ھەتتا كېسەللىك دەرىجىسىگە قاراپ ھېچ ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك. بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار چوقۇم دوختۇردىن مەسلىھەت سوراش ئارقىلىق كونتروللۇق بىر شەكىلدە  ئىستېمال قىلىشى، ياكى  كېسەللىك دەرىجىسىگە قاراپ ھېچ ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك.

•  بولۇپمۇ تەييار چىلىغان كۆكتاتلارنىڭ ناترىي نىسبىتى يۇقىرى بولغاچقا، كېسەللىك خەۋىپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. چىلىغان كۆكتات ئىستېمال قىلىنغان كۈنى سۇلۇق ئىششىقنىڭ كۆپىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈنمۇ، چوقۇم سۇ ئىستېمال قىلىشنى كۆپەيتىش كېرەك.

چىلىغان كۆكتات تەييارلاش ئۇسۇلى

ئاق يېسىۋىلەك، تەرخەمەك، يېشىل پۇرچاق، سەۋزە، پېدىگەن، مۇچ ۋە قوغۇن قاتارلىق نۇرغۇن كۆكتات ۋە مېۋىلەردىن ياسالغان ۋە قىشلىق لەززىتى ھېسابلىنىدىغان چىلىغان كۆكتات ئىستېمال قىلىڭ. بىر خىلدىنمۇ بەكرەك ئوخشىمىغان شەكىلدىكى كۆكتاتلار ۋە مېۋە – چېۋىلەردىن ياسالغان چىلىغان كۆكتاتلارنى ئىستېمال قىلىش، بەدەنگە قوبۇل قىلىنغان ئانتىئوكسىدانت ماددىلارنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرىدىغان بولغاچقا، پايدىسى تېخىمۇ كۆپتۇر.

چىلىغان كۆكتاتنى چىرىشتىن ساقلاش دورىسى قوشماي سىركە ۋە تۇز بىلەنلا ياساش كېرەك. ئاندىن ئۇنى مۇۋاپىق شارائىتتا ئۆيدە ئەينەك قاچىلاردا ساقلاپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا، ئۇنىڭ سالامەتلىككە بولغان پايدىلىرى ناھايىتى كۆپ بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر