دىجىتال دۇنيادا «كونترول مەندە» لايىھەسى

كۆزنەك -21

1936737
دىجىتال دۇنيادا «كونترول مەندە» لايىھەسى

دېگىتال دۇنيادا «كونترول مەندە» لايىھەسى

دېگىتال دۇنيادا «كونترول مەندە» لايىھەسى

كۆزنەك -21

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ ھۆرمەتلىك ئىخلاسمەنلىرى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىن، تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى سىتۇديولىرىدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام!  «كۆزنەك»كە خۇش كەلدىڭلار! «كۆزنەك» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، مېتا (يەنى فېيسبۇك) ئولتۇراق رايونى جەمئىيىتىنىڭ ھەمكارلىقىدا يولغا قويۇلغان «كونترول مەندە» لايىھەسى دائىرىسىدە دىگىتال بىخەتەرلىك ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار پىروگراممىمىزدا بولسۇن!

******* ****** ****** *******

بۈگۈنكى كۈندە كەڭ ئومۇملاشقان دىجىتال دۇنيادا، ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابلىرىمىز ۋە شەخسىي ئۇچۇرلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان تونۇشىمىزنى ئاشۇرۇشنىڭ يوللىرى ۋە بىخەتەرلىكى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە.

ھەر كۈنى ئەتراپىمىزدا كەم دېگەندە بىر كىشىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكىگە شاھىت بولىماقتىمىز.

ئۇنداقتا، بىز بۇ جەھەتتە قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنالايمىز؟ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىمىز ۋە شەخسىي ئۇچۇرلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان تونۇشىمىزنى قانچىلىك دەرىجىدە ئاشۇرالايمىز؟

دىجىتال ئۆزگىرىش 2.0 بىلەن ھاياتىمىزغا كىرگەن ۋە ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان بىر جەريان. توك بىلەن باشلانغان بۇ جەريان سانائەت 3.0 ۋە سانائەت 4.0 بىلەن نۇرغۇن ساھەلەردە ماسلاشتۇرۇلدى.

 

دىجىىتال دۇنيادا ساغلام تۇرۇش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟

• چېنىقىش زاللىرىغا بېرىڭ.

• مېدىتاسيون قىلىڭ.

• كىتاب ئوقۇڭ.

• ئۆي ھايۋانلىرى بىلەن يېقىن ئۆتۈڭ.

• كۈندىلىك خاتىرە تۇتۇڭ.

• ياخشى كۆرىدىغان بىر ناخشىنى ئاڭلاڭ.

 

ساغلام دىجىتال ئادەت قانداق شەكىللىنىدۇ؟

• زېھنىڭىزنى مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن سۈكۈتتە تۇرۇڭ.

• «تېخنىكا دەم ئېلىشى» دە بولۇڭ.

• ۋاقىت باشقۇرۇشنى ئۆگىنىڭ

• ياخشى ئۇخلاشنى ئىلگىرى سۈرۈڭ.

• كۆزلىرىڭىزنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈڭ.

 

دىجىتال مۇھىتتا ئۇچۇر دەلىللەش قانداق بولۇشى كېرەك؟

 

• مەزمۇننىڭ توغرىلىقىنى كەم دېگەندە 3 مەنبەدىن دەلىللەش كېرەك.

• ئەگەر مەزمۇننىڭ رەسىملىرى بولسا، رەسىملىرىنى تەكشۈرۈڭ ۋە مەزمۇن يازمىسىنىڭ ماس كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى ئېنىقلاڭ.

• ھەمبەھىرلىگەندىن كېيىن، قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئالدىن ھېسابلاپ ئاندىن ھەمبەھىرلەڭ.

 

توردا بىخەتەر ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟

• ئەسلى مەنبەسىنى تېپىڭ.

• مەنبەنىڭ توغرىلىقىنى جەزملەشتۈرۈڭ.

• پەقەت بىرلا مەنبەگە تايانماڭ.

• خەۋەرنى دەلىللەيدىغان مەنبەلەرگە كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىڭ.

• ئۆزىڭىز ئىشىنىدىغان جايلارغا قايتا قاراڭ.

 

دىجىتال مۇھىتتا بىخەتەر پارولىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تەۋسىيەلەر:

• پارولا (مەخپىي نومۇر) كەم دېگەندە بىر سىمۋوللۇق بولۇشى لازىم.

• كەم دېگەندە بىر چوڭ ھەرپ ۋە بىر كىچىك ھەرپ بولۇشى كېرەك.

• كەم دېگەندە 7 ھەرپلىك بولۇشى كېرەك.

• ئەستە تۇتۇش ئاسان بولماسلىقى لازىم.

• كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بىر سۆز ياكى شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالماسلىقى كېرەك (تۇغۇلغان ۋاقتى، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىسمى دېگەندەك).

ئوخشاش بىر پارولانى ئوخشىمىغان تور بېكەتلەرگە تەڭ ئىشلەتمەسلىك لازىم.

 

ئاتا - ئانىلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇچۇر ھەمبەھىرلەشتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟

• ھەمبەھىرلىنىدىغان ئۇچۇر شەخسىي مەخپىيەتلىككە ياتمايدىغان بولۇشى لازىم!

• بەزى مەزمۇنلار چوقۇم شەخسىي مەخپىيەتلىك سۈپىتىدە قېلىشى كېرەك!

• سۈيىئىستېمال قىلىنىشقا سەۋەب بولىدىغان مەزمۇنلارنى ئورتاقلاشماسلىق لازىم!

• شەخسىي تۇرمۇشنىڭ مەخپىيەتلىكىگە خىلاپلىق قىلماسلىق كېرەك!

• بالىلارنىڭ دىجىتال مۇھىتتا قالدۇرغان ئىزلىرىنىڭ كەلگۈسىدە بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قېلىشىغا يول قويماسلىق لازىم.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ ھۆرمەتلىك ئىخلاسمەنلىرى، يۇقىرىدا «كۆزنەك» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈ ھەپتىلىك سانىدا، مېتا ( يەنى فېيسبۇك) ئولتۇراق رايونى جەمئىيىتىنىڭ ھەمكارلىقىدا يولغا قويۇلغان «كونترول مەندە» لايىھەسى دائىرىسىدە دىجىتال بىخەتەرلىك ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتتۈق. بۇ ھەقتىكى يازما ئۇچۇرلارنى ئوقۇش ئۈچۈن، تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى ئۇيغۇرچە بۆلۈمىنىڭ تور بېتىنى زىيارەت قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر