ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنى كۆپ ياد قىلىڭلار

ئاللاھ سىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن نۇرغا (يەنى گۇمراھلىقتىن ھىدايەتكە) چىقىرىش ئۈچۈن، سىلەرگە رەھمەت قىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى سىلەرگە مەغپىرەت تەلەپ قىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ مۆمىنلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر.

1935837
ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنى كۆپ ياد قىلىڭلار

ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنى كۆپ ياد قىلىڭلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئەھزاب سۈرىسى، 36 - 43 - ئايەتلەر. ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان چاغدا، ئەر ـ ئايال مۆمىنلەرنىڭ ئۆز ئىشىدا ئىختىيارلىقى بولمايدۇ (يەنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان ئىكەن، ھېچ ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشىغا بولمايدۇ)، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلسا، ھەقىقەتەن ئۇ ئوپئوچۇق ئازغان بولىدۇ[36]. ئۆز ۋاقتىدا سەن ئاللاھ نېمەت بەرگەن، سەنمۇ ئىنئام قىلغان كىشىگە: «خوتۇنۇڭنى نىكاھىڭدا تۇتقىن، ئاللاھتىن قورققىن!» دېدىڭ، ئاللاھ ئاشكارىلىماقچى بولغان نەرسىنى كۆڭلۈڭدە يوشۇردۇڭ، كىشىلەرنىڭ تەنە قىلىشىدىن قورقتۇڭ، ئاللاھتىن قورقۇشۇڭ ئەڭ ھەقلىق ئىدى. مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ بالا قىلىۋالغان ئوغۇللىرىنىڭ قويۇپ بەرگەن خوتۇنلىرىنى نىكاھلاپ ئالسا گۇناھ بولماسلىقى ئۈچۈن، زەينەبنى زەيد قويۇۋەتكەندىن كېيىن ساڭا نىكاھلاپ بەردۇق، ئاللاھنىڭ (سېنىڭ زەينەبنى ئېلىشىڭ توغرىسىدىكى) ئەمرى چوقۇم ئورۇنلىنىدۇ[37]. ئاللاھ پەيغەمبەرگە ھالال قىلغان ئىشقا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. (بۇ) ئاللاھنىڭ ئۆتكەنكى (پەيغەمبەرلەرگە) تۇتقان يولىدۇر. ئاللاھنىڭ ئەمرى ئەزەلدىنلا بېكىپ كەتكەن (ئۆزگەرمەس) ھۆكۈمدۇر[38]. ئۇلار (يەنى پەيغەمبەرلەر) ئاللاھنىڭ ئەمر ـ پەرمانلىرىنى يەتكۈزىدۇ، ئاللاھتىن قورقىدۇ، ئاللاھتىن باشقا ھېچ كىشىدىن قورقمايدۇ (ئى مۇھەممەد! سەنمۇ ئاللاھتىن غەيرىيدىن قورقماسلىقتا شۇ پەيغەمبەرلەرگە ئەگەشكىن)، ئاللاھ (ھەممە ئىشلاردىن) ھېساب ئېلىشقا يېتەرلىكتۇر[39]. مۇھەممەد ئاراڭلاردىكى ئەرلەردىن ھېچبىرىنىڭ ئاتىسى ئەمەس، لېكىن (ئۇ) ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر (ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرلىكنى ئاخىرلاشتۇرغان، ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق پەيغەمبەر كەلمەيدۇ)، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر (سىلەرنىڭ سۆز ـ ھەرىكىتىڭلاردىن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپىي ئەمەس)[40]. ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنى كۆپ ياد قىلىڭلار[41]. ئۇنىڭغا ئەتىگەن ـ ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىڭلار (چۈنكى بۇ ئىككى ۋاقىتتا پەرىشتىلەر چۈشۈپ تۇرغانلىقتىن، ئۇ ۋاقىتلارنىڭ ئەۋزىلى ھېسابلىنىدۇ)[42]. ئاللاھ سىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن نۇرغا (يەنى گۇمراھلىقتىن ھىدايەتكە) چىقىرىش ئۈچۈن، سىلەرگە رەھمەت قىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى سىلەرگە مەغپىرەت تەلەپ قىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ مۆمىنلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر[43].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر