كىۋىنىڭ شىپالىق رولى

شىپا بۇلىقى (19)

1933940
كىۋىنىڭ شىپالىق رولى

كىۋىنىڭ شىپالىق رولى

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى كىۋىنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C، دىيەت تالاسى ۋە مۇھىم ئوزۇقلۇق قىممىتى بار. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۇنىڭ تەركىبىدە كالتسىي، تۆمۈر، ماگنىي، فوسفور ۋە كالىي بار.

• زىققا بىمارلىرىغا ياردەمچى بولىدۇ

كىۋىنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C ۋە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلار ئىنتايىن مول بولۇپ، زىققا بىمارلىرىدىكى نەپەس قىيىنلىشىش ۋە نەپەس تارلىقى قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ئازايتىشقا ياردەم بېرىدۇ. كىۋىنىڭ زىققا كېسىلىگە بولغان ئاكتىپ تەسىرىنى بالىلاردا كۆپرەك كۆرگىلى بولىدۇ.

• ئاشقازان ساغلاملىقىنى قوغدايدۇ.

كىۋى قايتا قوزغىلىش، يارا ۋە ئاشقازان ياللۇغىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. خۇسۇسىيىتى سەۋەبىدىن كىۋىنىڭ تەركىبىدە ئىشقارلىق ئالاھىدىلىكى بولغاچقا، ئاشقازاننىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشقا ياردەم بېرىدۇ.

• كەيپىيات قالايمىقانچىلىقىدا ئىشلىتىلىدۇ

كىۋىنىڭ تەركىبىدە خۇشاللىق ھورمۇنى بولغان سېروتونىن بار. شۇ ۋەجىدىن، كىۋى خۇشاللىق ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئارقىلىق چۈشكۈنلۈكتىن مۇداپىئەلىنىش رولىنى ئوينايدۇ.

• ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ

ۋىتامىن C نىڭ ئەڭ مۇھىم تەسىرلىرىدىن بىرى بولغان ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

• كىۋىنىڭ قان تازىلاش ئالاھىدىلىكى بار.

• ھەزىم قىلىشنى قوللايدۇ

كىۋى ئېرىيدىغان ۋە ئېرىمەيدىغان تالالىرىنىڭ سايىسىدا ھەزىم قىلىشنى قوللايدۇ. ئېرىيدىغان تالالىرى ئۈچەينىڭ ساغلام خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن كېرەكلىك پايدىلىق باكتېرىيە ھاسىل قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ. ئېرىمەيدىغان تالالىرى بولسا سۇنى تۇتىدۇ ۋە ھەزىم قىلىش جەريانىدا كېڭىيىپ، چوڭ تەرەت قىلىشنى قولايلاشتۇرىدۇ. شۇنداقلا، ھەزىم قىلىشنى تېزلىتىدۇ ۋە ئۈچەينىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇ مېۋىنى دائىم تالا بىلەن بىرلىكتە ئىستېمال قىلغاندا قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

• يۈرەككە پايدىلىق

ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلار، كالىي ۋە تالالار يۈرەك ساغلاملىقىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. كالىي قان تومۇرلارنى بوشىتىپ، قان بېسىمنى تۇراقلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ. تۆۋەن كالورىيەلىك مېۋە بولغان كىۋىنىڭ ياخشى خولېستېرىننى ئاشۇرۇش رولى بار.

ئۇنىڭ قاننى شالاڭلىتىش رولى يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.

• كىۋىنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش رولى بار

كىۋى تالالىق ئالاھىدىلىكى سايىسىدا ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

• ئورۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ

كىۋىنىڭ ھەر 100 گىرامىنىڭ تەركىبىدە 61 كالورىيە بار بولۇپ، بولۇپمۇ تالالىرى سەۋەبىدىن «مۇھىم ئۇزۇقلۇقلار تىزىملىكى» مىزگە كىرگۈزۈشىمىز تەۋسىيە قىلىنىدۇ. كىۋىنىڭ ئورۇقلاشقا پايدىسى بار بولۇپ، تالالىق ئالاھىدىلىكى سايىسىدا ئۇزۇن مۇددەت توق تۇتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تالا قاندىكى قەنتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ.

• تېرىنى ياشارتىدۇ

كىۋىنىڭ تېرە ساغلاملىقىغا بولغان پايدىسى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، تېرىدىكى كوللاگېن توقۇلمىلىرىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق تېرىنى چىڭىتىپ، قېرىش ئالامەتلىرىنى يوقىتىدۇ. ئۇ تېرىنىڭ نەملىك تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشقىمۇ پايدىلىقتۇر.

كىۋى تېرىدىكى قېرىش ئالامەتلىرىنى ئازايتىشقا ياردەم بېرىدۇ.

• چاچ ساغلاملىقىنى ئاشۇرىدۇ

كىۋىنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C ۋە E بار  بولۇپ،چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. تەركىبىدىكى ماگنىي، كالىي ۋە سىنىك قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ، چاچنىڭ ئۆسۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.

• كۆزگە پايدىلىق

كىۋىنىڭ تەركىبىدىكى شىپالىق ماددىلار كۆز كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىدۇ.

• ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئوزۇقلۇقلىنىشتا ئوينايدىغان رولى ئىنتايىن مۇھىم

كىۋى  تەركىبىدىكى فولىك كىسلاتاسى سايىسىدا ھامىلىدارلارغا بولغان پايدىلىرى ئىنتايىن كۆپتۇر.

• سۆڭەك ساغلاملىقىنى قوغدايدۇ

كىۋى تەركىبىدىكى ۋىتامىن K سايىسىدا سۆڭەك ساغلاملىقىنى قوللايدۇ. ۋىتامىن K دىن سىرت يەنە،  تەركىبىدىكى كالتسىي ۋە فوسفور سۆڭەك ساغلاملىقىنى ئاشۇرىدۇ. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ كۆرۈلىدىغان سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، كىۋىنى «مۇھىم ئوزۇقلۇقلۇقلار تىزىملىكى» گە  كىرگۈزۈش كېرەك.

• ياللۇغقا قارشى كۈرەشچىدۇر

كىۋى ياللۇغنى داۋالاشتا ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، بوغۇم ئاغرىقلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ياللۇغنى ئازايتىدۇ.

• سۇ ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ

% 90 كە يېقىن سۇدىن تەركىب تاپقان بۇ مېۋە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ساقلاش، تېرىنى بۇزۇلۇشتىن قوغداش ۋە ئوزۇقلۇقنى ھەزىم قىلىشتا ئوينايدىغان رولى ئىنتايىن مۇھىم.

كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2 دانە ئىستېمال قىلغاندا، كىۋىنىڭ ساغلاملىقنى ئاشۇرۇشتا ئوينايدىغان رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا بولىدۇ.

  • كىۋىنى ئىستېمال قىلىشتا قايسى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك؟

1 - سەزگۈرلۈك كېسىلى: كىۋىگە قارشى سەزگۈرلۈك بار كىشىلەردە، قۇسۇش، ئەسۋە، تىل ، ئېغىز ۋە كالپۇك قىچىشىش، نەپەس قىيىنلىشىش، يۈز ئىششىش، باش قېيىش ۋە ئاشقازان ئاستى بېزىدە ئىششىق كۆرۈلىشى مۇمكىن.

2 - ئەگەر سىز كالىي قوللايدىغان دورىلارنى ئىستېمال قىلىۋاتقان بولسىڭىز، كىۋى بىلەن قوبۇل قىلىدىغان كالىي بەك كۆپ بولۇشى مۇمكىن.

3 - ۋىتامىن K نىڭ كۈچلۈك مەنبەسى بولغان كىۋى ئىستېمال قىلىش، قان تازىلاش دورىلىرىنىڭ تەسىرىنى يوقىتىۋېتىدىغانلىقى ئۈچۈن، قان تازىلاش دورىسى ئىشلىتىۋاتقان يۈرەك بىمارلىرىغا، ۋىتامىن K نىڭ كۈچلۈك مەنبەسى بولغان كىۋى ئىستېمال قىلىش  ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر