كاۋا ئۇرۇقىنىڭ شىپالىق رولى

شىپا بۇلىقى (17)

1927643
كاۋا ئۇرۇقىنىڭ شىپالىق رولى

كاۋا ئۇرۇقىنىڭ شىپالىق رولى

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

كاۋا ئۇرۇقىنىڭ شىپالىق رولى تۆۋەندىكىچە:

  • كېسەللىكلەر بىلەن ئۇرۇش قىلغۇچى ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلار مولدۇر

كاۋا ئۇرۇقىدا نۇرغۇنلىغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلار بار بولۇپ، ھۈجەيرىمىزنى كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىياندىن ساقلايدۇ ۋە بەدىنىمىزدىكى ياللۇغنى ئازايتىدۇ. تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، كاۋا ئۇرۇقىنىڭ ياللۇغ قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتى جىگەر، دوۋساق، ئۈچەي ۋە بوغۇملارنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن.

  • ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتكۈچىدۇر

كاۋا ئۇرۇقى تەركىبىدىكى ۋىتامىن E ۋە سىنىك سايىسىدا ئىممۇنىتېت سىستېمىسىمىزغا پايدىلىقتۇر. سىنىك بەدىنىمىزنى ياللۇغلىنىش، سەزگۈرلۈك ۋە مىكروبلاردىن قوغدايدۇ، بۇ ئارقىلىق يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئومۇمىي ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

  • بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ

كاۋا ئۇرۇقىنى ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك سۈپىتىدە ئىستېمال قىلىسىڭىز، ئورۇقلاش مۇساپىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ. ماينى ئېرىتىش ۋە قاتتىق مۇسكۇلغا ئېرىشىش ئۈچۈن ناھايىتى ياخشىدۇر.

كاۋا ئۇرۇقى توق تۇتىدۇ. تەركىبىدە سىنك، كالتسىي، ئاقسىل ۋە تالا مولدۇر. تالا ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغا ياردەم بېرىدۇ، ھەمدە كۈن بويى توق تۇتىدۇ. بۇ سىزنىڭ پۈتۈن كۈن كۆپ تاماق يېيىشىڭىزنىڭ ۋە سەمرىپ كېتىشىڭىزنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. سىنك ماينى ئېرىتىشكە ۋە ئۈنۈملۈك ئورۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ.

  • يۈرەك ساغلاملىقىنى ياخشىلايدۇ

تەركىبىدە ماگنىي، كالىي ۋە ساغلام ياغ كىسلاتاسى بولغانلىقى ئۈچۈن، كاۋا ئۇرۇقى، بولۇپمۇ كاۋا ئۇرۇقى يېغى يۈرەك ساغلاملىقىنى ياخشىلاپ، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

كاۋا ئۇرۇقى يېغى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ قېنىدىكى پايدىلىق HDL خولېستېرىننىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ. شۇنداقلا، قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ ۋە قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۈرەكنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىشلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

  • قان قەنتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ

كاۋا ئۇرۇقىنىڭ ئەڭ مۇھىم پايدىلىرىدىن بىرى، ئۇنىڭ قان قەنتىنى تەڭشەش ئىقتىدارىدۇر. كاۋا ئۇرۇقىدا ئاقسىل ۋە تالا مول بولۇپ، دىيابېت بىمارلىرىنىڭ قاندىكى قەنت مىقدارىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن قاندىكى شېكەرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئاستىلىتىدۇ.

كاۋا ئۇرۇقىنىڭ تەركىبىدە ماگنىي كۆپ بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر دىيەتلىرىدە ئىستېمال قىلالمايدىغان ماگنىي مىقدارى قاندىكى قەنت مىقدارىنى تەڭشەش ئارقىلىق دىيابېت خەۋىپىڭىزنى تۆۋەنلىتىدۇ.

  • ئۇيقۇ سۈپىتىنى تەڭشەيدۇ

ئۇخلاشتىن بۇرۇن كاۋا ئۇرۇقىنى يېسىڭىز، تېخىمۇ ياخشى ئۇخلىيالايسىز. كاۋا ئۇرۇقى ئۇيقۇنى كەلتۈرىدىغان تەبىئىي ماددا بولغان تىرىپتوفاننىڭ مەنبەسىدۇر. كاۋا ئۇرۇقىدىكى ماگنىي، سىنىك، مىس ۋە سېلېن قاتارلىقلار ئۇيقۇ ۋاقتى ۋە سۈپىتىگە ياخشى تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  • مەزى بېزى ساغلاملىقىنى ياخشىلايدۇ

كاۋا ئۇرۇقىنىڭ تەركىبىدە مول ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى، ياغ كىسلاسى ۋە سىنىك قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولغاچقا، بولۇپمۇ ئەرلەردە مەزى بېزى ساغلاملىقىنى ياخشىلايدۇ.

ياخشى سۈپەتلىك مەزى بېزى چوڭىيىپ كەتكەن ئەرلەرنىڭ كېسەللىكىنى  ئازايتىدۇ ۋە تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرىدۇ.

  • راك ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆسۈشىگە قارشى تۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ

تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلار كۆپ بولغاچقا، كاۋا ئۇرۇقى راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشى ۋە تارقىلىشىغا قارشى تۇرۇپ، راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۇنىڭ سۈت بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا شىپالىق رولىمۇ باردۇر.

كاۋا ئۇرۇقى ئاشقازان، ئۆپكە، ئۈچەي ۋە سۈت بېزى راكى قاتارلىق بىر نەچچە خىل راك خەۋىپىنى ئازايتىدۇ.

  • ئوزۇقلۇق

كاۋا ئۇرۇقىدا جاراھەتنى ساقايتىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان مانگان ۋە ۋىتامىن K قاتارلىق ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار مولدۇر. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تەركىبىدە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ باكتېرىيە ۋە ۋىرۇسلارغا قارشى تۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغان مىنېرال بولغان سىنىك ماددىسىمۇ بار.

 

  • كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان ئۇنىۋېرسال كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئاياللار ئۈچۈن  شىپادۇر

بەزى تەتقىقاتلاردا، كاۋا ئۇرۇقىنىڭ ھورمون تەڭپۇڭلۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى بار ئاياللارغا ياخشى شىپا بولىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. كاۋا ئۇرۇقى، چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، سۆڭەك شالاڭلىشىش ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ. شۇنداقلا، ئاياللارنىڭ خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

  • دوۋساق ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ

ھەددىدىن زىيادە ئاكتىپ دوۋساق كېسەللىكلىرىنى تېز ساقايتىپ، سۈيدۈكنىڭ نورمالسىزلىقىنى تۈزىتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر