زەيتۇن يوپۇرمىقى چېيىنىڭ شىپالىق رولى

شىپا بۇلىقى (16)

1924335
زەيتۇن يوپۇرمىقى چېيىنىڭ شىپالىق رولى

زەيتۇن يوپۇرمىقى چېيىنىڭ شىپالىق رولى

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

زەيتۇننىڭ ياللۇغ قايتۇرۇش، قاندىكى قەنتنى تۆۋەنلىتىش، يۇقىرى قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش، ئارتېرىيە قېتىشىشنى تۆۋەنلىتىش، قاندىكى ياغنى ئازايتىش، سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مىكروب يوقىتىش، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە باشقا نۇرغۇن شىپالىق رولىنىڭ بارلىقى سىناقلار نەتىجىسىدە ئىسپاتلاندى.

  • زەيتۇن يوپۇرمىقى جىگەرنى قوغدايدۇ

بولۇپمۇ ھاراق بىلەن مۇناسىۋەتسىز ھالدا ئوتتۇرىغا چىققان جىگەرنى ماي قاپلاش كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا ئاكتىپ نەتىجىگە - ئۈنۈمگە ئىگە. تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، زەيتۇن يوپۇرمىقىنىڭ جىگەردىكى ماينى ئازايتىش رولى بار ئىكەن.

  • ھۈجەيرىلەرنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يېڭىلايدۇ

زەيتۇن يوپۇرمىقى چېيىنىڭ تېرىگە بولغان پايدىلىرىدىن بىرى، بۇزۇلغان تېرە ھۈجەيرىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتۇر. دانىخورەك ھاسىل قىلغان تېرىنى پاكىزلاش بىلەن بىللە، دانىخورەك داغلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. جاراھەت، قىزىرىش، قىچىشىش قاتارلىق ئەھۋاللاردا تېرىنىڭ دەرھال ئەسلىگە كېلىشىدە ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ. مىكروبلاردىكى جاراھەتلەرنى تازىلاشقا ئىشلىتىلىدۇ. باكتېرىيە، ۋىرۇس ۋە زەمبۇرۇغلارغا قارشى ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى.

زەيتۇن يوپۇرمىقى چاي ئورنىدا ئىستېمال قىلىنغاندا، توقۇلمىلار ۋە ھۈجەيرىلەرنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى قوللايدۇ.

  • زەيتۇن يوپۇرمىقىنىڭ چاچقا بولغان پايدىسى

زەيتۇن يوپۇرمىقى كېپەك مەسىلىسىدە ئۈنۈملۈكتۇر. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، زەيتۇن يوپۇرمىقىنىڭ ساپلاشتۇرۇش ئالاھىدىلىكى سايىسىدا، باش تېرىڭىزنى تازىلاپ، تەر تۆشۈكچىلىرىنى ئاچالايسىز. بۇ ئارقىلىق، باش تېرىڭىز ئېھتىياجلىق نەملىككە ئېرىشىدۇدە، چېچىڭىز جانلىنىىدۇ ۋە پارقىرايدۇ. زەيتۇن يوپۇرمىقىنىڭ سۈيىنى ئۇۋۇلاش ئارقىلىق چېچىڭىزغا سۈرسىڭىز بولىدۇ، ئۇنىڭغا زەيتۇن يېغى قوشسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئاندىن، بۇنىڭ چاچقا سىڭىشى ئۈچۈن يېرىم سائەت ئەتراپىدا كۈتۈشىڭىز كېرەك.

  • مېڭە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار

مېڭە ھۈجەيرىلىرىنى غىدىقلاپ، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ساغلام ئىشلىشىگە ياردەم بېرىدۇ. دىققەت چېچىلىش ۋە ئۇيقۇ قالايمىقانلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئۆسۈملۈكلەر ئارقىلىق ھەل قىلىش چارە - تەدبىرلىرىدىن بىرى، شەك – شۈبھىسىز ھالدا زەيتۇن يوپۇرمىقى چېيىدۇر. زەيتۇن يوپۇرمىقى چېيى روھىي پائالىيەتلەرنىڭ ساغلام بولۇشىنى قوللايدۇ.

زەيتۇن يوپۇرمىقى تەركىبىدىكى بەزى ماددىلار سايىسىدا نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنى قوغدايدۇ. تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، زەيتۇن يوپۇرمىقى چېيى ئىستېمال قىلىش، چوڭ مېڭە كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىشىنى ئاستىلىتىپ، ئالزىمېر كېسەللىكى ۋە پاركىنسون قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.

  • يۈرەك ساغلاملىقىنى قوغدايدۇ

زەيتۇن يوپۇرمىقى چېيىنى دائىم ئىستېمال قىلغاندا، قان تومۇر قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. قان بېسىمنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، تۇيۇقسىز قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، قان ئايلىنىشنى تەڭشەيدىغان بولغاچقا، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتىدۇ.

ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولغان زەيتۇن يوپۇرمىقى تەركىبىدىكى ۋىتامىن E ۋە C نىڭ ياردىمىدە يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، زەيتۇن يوپۇرمىقى تومۇر ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. شۇنداقلا، خولېستېرىننى تەڭپۇڭلاشتۇرىدىكەن.

  • ئىنسۇلىن قارشىلىقىدا ئۈنۈمى يۇقىرى

زەيتۇن يوپۇرمىقى چېيى ئىنسۇلىن قارشىلىقىنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ. ئىنسۇلىن قارشىلىقى كېسىلى بار كىشىلەرگە، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ئەتىگەن ۋە كەچتە زەيتۇن يوپۇرمىقى چېيى ئىچىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

ئۇ يەنە دىيابېت بىمارلىرىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنىمۇ ئۆستۈرىدۇ.

  • ئاغرىق پەسەيتكۈچى ۋە مۇسكۇلنى بوشاشتۇرغۇچىدۇر

چىش، مۇسكۇل ۋە باش ئاغرىشتا ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇپ، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ.

  • يۇقۇملىنىشنى يوقاتقۇچىدۇر

نەپەس يولى يۇقۇملانغان ئەھۋال ئاستىدا كېكىردەكنى ئارام تاپقۇزىدۇ. سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىشتىكى ياللۇغنى پەسەيتىدۇ.

سۆڭەكتە پەيدا بولىدىغان ياللۇغنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

  • ئۈچەي دوستى

زەيتۇن يوپۇرمىقى چېيى ئۈچەينىڭ ۋەزىپىسىنى بىمالال ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئىششىق ۋە قورساق كۆپۈش ئەھۋاللىرىدا شىپالىق ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقىرى. ئۇ يەنە سېمىزلىكنى كونترول قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.

قەۋزىيەتنى پەسەيتىدۇ. ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلارنىڭ ياردىمىدە، بەدەننى زەھەرلىك ماددىلاردىن تازىلايدۇ. ئۈچەينى بوشىتىش بىلەن بىللە، تويۇنۇش تۇيغۇسى بېرىدۇ.

  • ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىدۇ

تەركىبىدە مول ۋىتامىن E ۋە ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلار بار بولغان زەيتۇن يوپۇرمىقى چېيى بەدەننى قوغدايدۇ. ئەگەر ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىز كىشىلەر ئۇنى دائىم ئىستېمال قىلسا، كېسەللىك خەۋىپىنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ. بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق ئادەمنى تېخىمۇ جۇشقۇن بىر كۈنگە تەييارلىق قىلغۇزىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، دىيابېت كېسەللىكىدە قاندىكى قەنتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، زەيتۇن يوپۇرمىقى چېيى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

  • زەيتۇن يوپۇرمىقى چېيىنى كىملەرنىڭ ئىچىشىگە بولمايدۇ؟

ھامىلىدار ۋە بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللارنىڭ زەيتۇن يوپۇرمىقى چېيى ئىچىشى ياخشى ئەمەس، دەپ قارىلىدۇ. 6 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭمۇ بۇ چاينى ئىچىشى تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

دىيابېت ۋە قان بېسىم بىمارلىرى دوختۇرنىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىن ئىچىشى كېرەك. ئۇ شېكەر ۋە قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ.

ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ياكى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۈچۈن دورا ئىشلەتكەن ئەھۋال ئاستىدا، بۇ چاينى ئىچمەسلىكىڭىز كېرەك.

  • زەيتۇن يوپۇرمىقى چېيى قانداق ياسىلىدۇ؟

زەيتۇن يوپۇرمىقىنى دورا ئۆسۈملۈكلىرى دۇكانلىرىدىن ئىزدەپ تاپقىلىمۇ بولىدۇ، ئۆيدە قۇرۇتۇپ تەييارلىغىلىمۇ بولىدۇ. 2 ئىستاكان زەيتۇن يوپۇرمىقى چېيى ئۈچۈن 3 چاي قوشۇقى يوپۇرماق يېتەرلىك بولىدۇ. يوپۇرماقنى ئازراق ئېزىپ قايناقسۇغا تاشلاش ۋە 10 مىنۇت قاينىشىنى كۈتۈش كېرەك. ئاندىن، سۈزۈپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. ئۈنۈمىنى كۆرۈش ئۈچۈن كۈنىگە 3 ئىستاكان ئىستېمال قىلىش يېتەرلىكتۇر.

  • زەيتۇن يوپۇرمىقى چېيىنى قانداق ئىچىش كېرەك؟

زەيتۇن يوپۇرمىقى چېيىنى ئاچ ياكى توق قورساققا ئىچىش توغرىسىدا ئېنىق پىكىر يوق. ناشتىدا يېمەكلىكلەر بىلەن بىرلىكتە ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. كۈندۈزى ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك ئورنىدا ئىستېمال قىلىش ياخشىدۇر.

  • زەيتۇن يوپۇرمىقى چېيىنى قانچە كۈن ئىچىش كېرەك؟

تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن كەم دېگەندە 2 ئاي ئىستېمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر