خام بادامنىڭ شىپالىق رولى

شىپا بۇلىقى (14)

1920184
خام بادامنىڭ شىپالىق رولى

خام بادامنىڭ شىپالىق رولى

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

خام بادامنىڭ سالامەتلىككە بولغان پايدىلىرى تۆۋەندىكىچە:

  • ناچار خولېستېرىنغا قارشى كۈرەش قىلغۇچىدۇر

قاندىكى ناچار خولېستېرىن (LDL)  نىڭ سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى يۈرەك - قان تومۇر كېسەللىكلىرى خەۋىپى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. ھەر كۈنى 20 ئەتراپىدا خام بادام ناچار خولېستېرىننى كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدۇ. بۇ بولسا يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتىدۇ.

  • ۋىتامىن ئىسكىلاتى

100 گىرام خام بادامنىڭ تەركىبىدە 20 گىرام ئەتراپىدا ئاقسىل بار بولۇپ، كالىي، كالتسىي ۋە تۆمۈر تەركىبى بىلەن كۈندىلىك ئېھتىياجىڭىزنىڭ مۇھىم مىقدارىنى قاندۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ۋىتامىن A ۋە C قىممىتىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى.

خام بادامنىڭ ۋىتامىن E تەركىبىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلار بىلەن ئەركىن رادىكاللارغا قارشى تۇرۇش ئارقىلىق تېرىنى قوغدايدۇ.

تەركىبىدىكى يۇقىرى فوسفورنىڭ ياردىمىدە، سۆڭەكنى شەكىللەندۈرۈش ۋە ساقايتىش رولىنى ئوينايدۇ. بۇ ئالاھىدىلىكى تۈپەيلى، ھامىلدار ۋە يېتىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ خام بادام ئىستېمال قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

  • زېھىننى مەركەزلەشتۈرىدۇ

ھەر كۈنى سىستېمىلىق ھالدا بىر ئاز خام بادام ئىستېمال قىلىپ بېرىش چوڭ مېڭىنىڭ ساغلاملىقىغا ئىنتايىن پايدىلىقتۇر. خام بادامنى دائىم ئىستېمال قىلىش ئالزىمېر كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بادام بەدەننى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى ئۈچۈن ھارغىنلىققا پايدىلىقتۇر.

خام بادام نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ساغلام ئىقتىدارىنى قوللايدىغان بولغاچقا، چوڭ مېڭىنى تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىدىغان بولغاچقا، ئۇنتۇغاقلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

  • تېرىگە پايدىلىق

بادام يېغىنىڭ نەملىك ساقلاش رولى ئىنتايىن كۈچلۈكتۇر.

  • ئۆت خالتىسى ساغلاملىقىدا ئۈنۈمى يۇقىرى

بەدىنىڭىزدە ئۆتتە تاش پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تەركىبىدىكى تالالار ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئۆت خالتىسىدىكى يۈكنى ئازايتىدۇ.

  • چاچ ساغلاملىقىنى قوللايدۇ

خام بادامنىڭ ۋىتامىن E ۋە ئومېگا – 3 ياغ كىسلاتاسىنىڭ تەركىبىمۇ چاچ ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىمدۇر. چاچنىڭ يوقىتىپ قويغان نەملىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىش بىلەن بىللە، چاچ يىلتىزلىرىنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ ۋە چاچنىڭ تېخىمۇ ساغلام ئۆسۈشىگە ياردەم بېرىدۇ. خام بادام چاچنى تېخىمۇ پارقىراق كۆرسىتىشكىمۇ پايدىلىقتۇر.

  • بۆرەك ساغلاملىقىنى كۈچەيتىدۇ

بۆرەك ساغلاملىقىغا ئىنتايىن پايدىلىق بولغان خام بادام بۆرەكتە قۇم ۋە تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

  • تالا موللىقى بىلەن ئۈچەينى قۇۋۋەتلەيدۇ

تەركىبىدە كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ئىنتايىن ئاز، ماي ۋە چۆكۈندى مول بولغانلىقتىن، بادام توق تۇتۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بادامنىڭ تەركىبىدىكى كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنىڭ مەنبەسى تالادۇر. تالانىڭ ھەزىم قىلىش جەريانىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى سىزنىڭ ئۇزۇن مۇددەت توق تۇرۇشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.

ئۇ يەنە، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ساغلام بولۇشىغا ياردەم بېرىپ، قەۋزىيەت خەۋپىنى ئازايتىدۇ. خام بادام تەركىبىدە چۆكۈندى مول بولغان يېمەكلىكلەردىن بىرى بولۇپ، ئۈچەيگە سۇ تارتىپ، ئۈچەي ھەرىكەتلىرىنى كۆپەيتىدۇ. تەركىبىدىكى ماي ۋە چۆكۈندى سايىسىدا قەۋزىيەتكە پايدىلىقتۇر.

  • توق تۇتۇپ، قان قەنتىنى تەڭشەيدۇ

توق تۇتۇش ئالاھىدىلىكىدىن باشقا، مېۋە قاتارلىق كاربون سۇ بىرىكمىلىرى بار يېمەكلىكلەر بىلەن بىللە بادام ئىستېمال قىلغاندا، قان قەنتىنىڭ تۇيۇقسىز داۋالغۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

گەرچە كاربون سۇ بىرىكمىسىنىڭ قىممىتى تۆۋەن بولسىمۇ، ئەمما شىپالىق ماي، چۆكۈندى ۋە ئاقسىل مول بولغان بادام قان قەنتىنى تەڭشەش رولىغا ئىگە بولغاچقا، دىيابېت بىمارلىرى تەرىپىدىن ئىستېمال قىلىنسا بولىدۇ.

تەركىبىدىكى ماگنىي مېتابولىزىم ھادىسىلىرىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ ھادىسىلەردىن بىرى بولسا قاندىكى قەنتنى تەڭشەش ھادىسىسىدۇر. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە، دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ% 40 ىدە ماگنىي كەملىك بارلىقى ئىسپاتلاندى. دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولمىغان تەقدىردىمۇ، كۈندە 1 تال بادام ئىستېمال قىلىپ بەرسىڭىز، ئىنسۇلىن قارشىلىقى كېسىلىڭىزدە تۆۋەنلەش كۆرۈلىدۇ.

  • قان بېسىمنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ

تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشچە، ماگنىي كەملىكتە قان بېسىم ئۆرلەيدىكەن. تەركىبىدىكى ماگنىي بولسا ماگنىي كەملىكنى تۈگىتىشكە ياردەم بېرىش بىلەن بىللە، بۇ خەتەرلەردىن ساقلايالايدىكەن.

  • كالتسىي ۋە ماگنىي ئارقىلىق سۆڭەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ

كالتسىي ۋە ماگنىينى يېتەرلىك ئىستېمال قىلىش سۆڭەك ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.

بادام كوللاگېننىڭ بىرىكىشىنى تېزلىتىدىغان يېمەكلىكلەردىن بىرى. بولۇپمۇ 30 ياشقا يېقىنلاشقان ۋاقتىڭىزدا يېمەك-ئىچمەكلىرىڭىزگە بادام قوشسىڭىز، تېخىمۇ ساغلام سۆڭەككە ئىگە بولۇشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.

  • ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

بادام ۋىتامىن E تەركىبى بىلەن ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

  • راكقا قارشى تۇرۇش رولى بار

بادامنىڭ، بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلغۇچى، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ۋە تالا ماددىسىنىڭ ياردىمىدە راكقا قارشى تۇرۇش رولى بار.

تېخىمۇ كۆپ پايدىسىدىن بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن، كۈندە 25 تال بادام ئىستېمال قىلىشىڭىز كېرەك.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر