تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (15)

1916603
تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشى

تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشى

 تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (15)

(جان ئاجۇن)

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ** **** *** *** ****

سۈرىيەدە يېڭى بىر قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىدىن سۆز بولۇۋاتقان بىر مەزگىلدە، تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسى ۋە چېگرا سىرتىدىكى رايونلاردا تېز سۈرئەت بىلەن داۋاملاشماقتا. تۈركىيە بىر تەرەپتىن، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن قوراللىق تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە ئۇنىڭ تارماق قۇرۇلمىلىرىغا قارشى چوڭ كۈرەشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بولۇپمۇ، ئىراق بىلەن سۈرىيەدە تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە ئىستىخبارات ئىدارىسى پ ك ك نى قاتتىق بېسىم ئاستىغا ئالغان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا. لېكىن، ئوتتۇرا شەرق تەڭلىمىسىدە، بىر قىسىم رايون خاراكتېرلىق ۋە دۇنياۋى كۈچلەرھازىرمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ۋاكالەتچى سۈپىتىدە ئىشلىتىش ئۈچۈن قوغداشقا تىرىشماقتا. تۈركىيە بۇ قىيىن جۇغراپىيەلىك رايوندا گويا ئاتەش چەمبىرىنىڭ ئىچىدە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، بۈيۈك دۆلەت بولۇش تىرىشچانلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. يېقىنقى يىللاردا تاشلىغان قەدەملىرى ئارقىلىق دۇنياۋى چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىش ئۈچۈن قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرىلىمەكتە.

دەرۋەقە، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھۆكۈمىتى مەزگىلىدىن بۇيان تۈركىيە تاشقى سىياسەتتە تولۇق مۇستەقىللىقنى مۇھىم ئورۇنغا قويغان سىياسەتنى ئىجرا قىلىش بىلەن بىرگە، دۇنياۋى كۈچلەر ئوتتۇرىسىدا بىر تەڭپۇڭلۇق ئامىلى سۈپىتىدە ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە. ئۇكرائىنا ئۇرۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان گېئوپولىتىكىلىق تەسىر بۇ ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن بولغاچقا، تۈركىيەمۇ پۈتۈن بۇ جەرياندا زور خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە.

 

11 – سېنتەبىر ۋەقەسى، ئامېرىكانىڭ ئافغانىستان ۋە ئىراقنى ئىشغال قىلىشى ھەمدە دائېش قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رايوندىكى قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى نامايەندە قىلىشى شۇنداقلا ئەلۋەتتە پ ك ك ۋە فەتھۇللاھچىلار قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تۈركىيەگە قارشى ئىشلىتىلىش ئوبيېكتى سۈپىتىدە ئۆزلىرىنى خەلقئارالىق كۈچلەرگە سۇنۇش ئۇرۇنۇشلىرى بەلگىلىگۈچى ئامىل بولۇپ ئالدىمىزدا تۇرماقتا. بولۇپمۇ، ئوتتۇرا شەرق ۋە يېقىن ئەتراپتىكى جۇغراپىيەىلىك رايوندا، يەنى تۈركىيەنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇقى ھېسابلىنىدىغان رايوندىكى چوڭ كۈچ كۈرىشىدە تۈركىيەنى تەڭلىمىنىڭ سىرتىدا تۇتۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان كۈچلەر پ ك ك ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوللاپ، ۋاستىغا ئايلاندۇرۇپ، ۋاكالەتچى ئېلېمېنتلار سۈپىتىدە ئىشلىتىپ كەلمەكتە. بۇ نۇقتىدىن فەتھۇللاھچىلار 15 – ئىيۇلدا ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ؛ تۈركىيەنىڭ زىت كۆرۈلگەن ۋە ھەزىم قىلىشقا بولمايدىغان يېڭى تاشقى سىياسىتىنى ئارقىغا بۇراش شۇنداقلا سۈرىيەدە يوق يەردىن بارلىققا كەلتۈرۈلمەكچى بولغان تېررورلۇق دۆلىتىگە مۇداخىلە قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا.

سىياسىي ئۆزگىرىش ئۇرۇنۇشىدىن ئىلگىرى پ ك ك تەرىپىدىن خەندەك ئىسيانى كۆتۈرۈلگەن، يۈزلىگەن كىشى بۇ تېررورلۇق ۋەقەلىرىدە جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى. يەنە بۇ جەرياندا، دائېش ۋە پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىرلا ۋاقىتتا تېررورلۇق ھۇجۇملىرى قىلىشنى باشلاپ، سىياسىي ئۆزگىرىش ئۈچۈن ئاساس يارىتىشقا ئۇرۇنغان ئىدى. تۈركىيەنىڭ نۇرغۇن چوڭ شەھەرلىرىدە پۇقرالار ھۇجۇم نىشانى قىلىنىپ، مىللىي ۋە دىنىي قەدىرىيەتلەرنى قۇترۇتۇش ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلغان ئىدى. بىراق، سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن، دۆلەت بيۇروكراتىيەسى فەتھۇللاھچىلاردىن تازىلاندى ۋە ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ئاساسەن بىرتەرەپ قىلىندى.

15-ئىيۇلدىن كېيىن تۈركىيەنىڭ يېڭى بىخەتەرلىك ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، سۈرىيەدە چېگرا ھالقىغان چوڭ ھەربىي ھەرىكەت قوزغىشى، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۇرۇنۇشلارغا قايتۇرۇلغان بىر جاۋاب بولدى. 15 - ئىيۇل مانا بۇ نۇقتىدىن چوڭ تۇغۇلۇش سۈپىتىدە ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ. ھەم فەتھۇللاھچىلارنىڭ سىڭىپ كىرگەن ئىستراتېگىيەلىك ئورگانلاردىن تازىلىنىشى، ھەم پ ك ك/ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى باشلانغان پەۋقۇلئاددە ئاكتىپ كۈرەش، تۈركىيەنى يېڭى ئەسىردىكى تېررورلۇققا قارشى كۈرەش نۇقتىسىدىن دۇنياۋى بىر كۈچكە ئايلاندۇرىدىغان سىياسەتنىڭ بەلگىلىگۈچ ئۈلگىسىگە ئايلاندۇردى.  

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ كۈچلۈك سىياسىي رەھبەرلىكىدە، كۈندىن-كۈنگە تېخىمۇ كەسپىي قۇرۇلمىغا ئىگە بولغان تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى، ئادەم كۈچى ۋە ئۈسكۈنە جەھەتتە كۈچەيگەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى،  تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى (MIT) تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى ھەم مەملىككەت مىقياسىدا، ھەم چېگرا سىرتىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ باردى. ھەر قايسى جەھەتلەردىن تەرەققىي قىلغان تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتى بولسا، تولۇقلىغۇچى ئامىل بولۇپ ئۆزىنى نامايان قىلدى.

فىرات قالقىنى ھەرىكىتى بىلەن باشلىنىپ، زەيتۇن شېخى ۋە تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى بىلەن داۋاملاشقان سۈرىيە ھەرىكەتلىرىدە، ئەمدىلىكتە يېڭى بىر قەدەم تاشلاشنىڭ ھارپىسىدا تۇرماقتىمىز. تۈركىيە سۈرىيەدە ئوتتۇرىغا چىققان ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت بولغان پ ك ك / ي پ گ غا قارشى كەڭ كۆلەملىك قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىگە تەييارلىق قىلماقتا. مەيداندا پ ك ك / ي پ گ نى قوغداۋاتقان رۇسىيە ۋە ئامېرىكالىق تەڭتۇشلەر بىلەن سۆھبەتلەر داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، تۈركىيە پ ك ك / ي پ گ نى رايوندىن پۈتۈنلەي تازىلاشتا قەتئىي ئىرادىگە ئىگە. بولۇپمۇ تېل رىفات، مۇنبىچ ۋە ئاينەل ئەرەب ئالدىنقى قاتاردىكى رايونلار ھېسابلىنىدۇ. ئاندىن، فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان ھاسەكىغا ئوخشاش رايونلار ھۇجۇم نىشانى قىلىنىدۇ. تۈركىيە 900 كىلومىتىرلىق سۈرىيە چېگرا لىنىيەسى بويىچە بىخەتەر تەڭپۇڭ رايون قۇرۇشنى قارار قىلغان ئەھۋالدا تۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر