يۆتەلنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۆسۈملۈك چايلىرى

شىپا بۇلىقى (13)

1915389
يۆتەلنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۆسۈملۈك چايلىرى

يۆتەلنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۆسۈملۈك چايلىرى

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

يۆتەلنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۆسۈملۈك چايلىرى تۆۋەندىكىچە:

• يېڭى ياكى قۇرۇق بېھى يوپۇرمىقى

قۇرۇق بېھى يوپۇرمىقىنى 10-15 مىنۇت، يېڭى بېھى يوپۇرمىقىنى 3-5 مىنۇت قاينىتىپ، كۈندە 2-3 ئىستاكان ئىچسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر داۋالاش مەقسىتىدە ئىچىۋاتقان بولسىڭىز، شېكەر قوشماڭ.

• ئالما چېيى

ئالما پوستى، لىپا ۋە 2 ئىستاكان سۇنى قاينىتىڭ. ئاندىن قوۋزاق دارچىن بىلەن يېرىم لىموننى ئارىلاشتۇرۇپ، قىزىق پېتى ئىچىڭ.

• گۈلسۇرۇخ چېيى

گۈلسۇرۇخ بىلەن بىر ئىستاكان سۇ قاينىتىپ، ئىچىگە زەنجىۋىل سېلىپ، قىزىق پېتى ئىستېمال قىلىڭ.

• ئېچىناسېيە چېيى

ئېچىناسېيە ئۆسۈملۈكى ئاساسلىقى زۇكام، باش ئاغرىقى ۋە سوغۇق تېگىپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىشلىتىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ھەر كۈنى ئېچىناسېيەنى دەملەپ، بىر بال قوشۇقى ھەسەل قوشۇپ، 2 ئىستاكان ئىچسىڭىز بولىدۇ.

• بېھى، ھەسەل ۋە لىپا

بۇ ئارىلاشمادىن تەييارلانغان چاي يۆتەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئەڭ ئېسىل ئارىلاشمىلارنىڭ بىرى. بېھى، ھەسەل ۋە لىپادىن تەركىب تاپقان چاي كېكىردەكنى يۇمشىتىپ، يۆتەلنى پەسەيتىدۇ. كۈنىگە 2-3 ئىستاكان ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ.

• ھەسەللىك چۆل رەيھىنى چېيى

ئىككى قەھۋە قوشۇقى ئىنچىكە توغرالغان چۆل رەيھىنىڭ ئۈستىگە 1 ئىستاكان قايناق سۇ قۇيۇپ، ئۈستى يېپىق ھالەتتە 5 مىنۇت دەملىنىدۇ. ئاندىن سۈزۈلۈپ، ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىلىدۇ.

• زەنجىۋىل، ھەسەل ۋە قەلەمپۇر

1 قوشۇق ھەسەل، 1 چاي قوشۇقى تالقان زەنجىۋىل ۋە 1 چاي قوشۇقى قەلەمپۇرنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر خالىسىڭىز، بۇ ئارىلاشمىغا لىمون قوشۇپ، كۈندە 1-2 بال قوشۇقى ئىچسىڭىز بولىدۇ.

• زەنجىۋىللىك دارچىن چېيى

3 ھالقا يېڭى زەنجىۋىل، 8 قوۋزاق دارچىن، 8 تال قەلەمپۇر، 1 لىمون، 1.5 لىتىر سۇ ، 1 قوشۇق ھەسەل. ھەسەلدىن باشقا ماتېرىياللارنى سۇغا تاشلاپ، قاينىتىڭ. ئاندىن بۇ ئارىلاشمىغا ھەسەل قوشۇپ ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ.

• تالقان قارىمۇچ ۋە ھەسەل

يۆتەلگە قارشى تالقان قارىمۇچنىڭ مېۋىسىنى دەملەپ، غارغارا قىلسىڭىز بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، قارىمۇچنى سوقماستىن ئىلمان سۇدا دەملەپ، 1 بال قوشۇقى ھەسەل قوشۇپ ئىچسىڭىز بولىدۇ. لېكىن، ئەگەر سىزدە ھەزىم قىلىش سىستېمىسى قالايمىقانلىشىش، ئاشقازان ياللۇغى ۋە ئاشقازان يارىسى قاتارلىق كېسەللىكلەر بولسا، بۇ چاينى چەكلىك ئىستېمال قىلىشىڭىز كېرەك. ساغلاملىق مەسىلىسى بولمىغان كىشىلەر كۈنىگە 2-3 قوشۇققىچە ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

• يېشىل چاي ۋە لاچىندانە

يېشىل چاينى غارغارا سۈپىتىدە ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. لاچىندانە ئىلاۋە قىلىنغان يېشىل چاينى كۈندە 2-3 ئىستاكان ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ. ئەمما سىزدە يۇقىرى قان بېسىم ياكى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى بولسا، كۈنىگە 2 ئىستاكاندىن ئارتۇق ئىستېمال قىلماڭ.

• بېھى چېيى

1 ئىستاكان سۇغا 1 چاي قوشۇقى پارچىلانغان بېھى ئۇرۇقىنى 1 ئىستاكان سۇنىڭ ئىچىدە 5-10 مىنۇت دەملىگەندىن كېيىن، ئىچسىڭىز بولىدۇ. ئۆسۈملۈك چايلىرى ئادەتتە يېنىك دەرىجىدە ئۈنۈملۈك بولغاچقا، تاماقتىن 30 مىنۇت بۇرۇن ياكى 1-2 سائەت ئاچ قورساققا ئىچىش، چاينىڭ  ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدۇ.

• زەنجىۋىل، قارىمۇچ، ھەسەل، لىمون، دارچىن

1 قوشۇق ھەسەل، 1 چاي قوشۇقى تالقان زەنجىۋىل، 1 چاي قوشۇقى تالقان قارىمۇچ ، 1 چاي قوشۇقى تالقان دارچىن ۋە يېرىم لىمون ئارىلاشتۇرۇپ، تاماق ۋاقتىدا كۈندە 2-3 قوشۇق ئىستېمال قىلسا، يۆتەلنىڭ غىدىقلاش ئۈنۈمىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

• چۈچۈكبۇيا، قىبرە، زەنجىۋىل

1 بال قوشۇقى سوقۇلغان چۈچۈكبۇيا، 1 بال قوشۇقى قىبرە ۋە 1 بال قوشۇقى تالقان زەنجىۋىلنى 1  ئىستاكان قايناق سۇغا ئىلاۋە قىلىپ، 3-5 مىنۇت دەملەڭ. كۈندۈزى بۇ چايدىن 2-3 ئىستاكان ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ.

• لىپا چېيى

يۆتەلگە قارشى كۈندە 2-3 ئىستاكان لىپا چېيى ئىچسىڭىز بولىدۇ. داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان لىپا چېيىغا شېكەر قوشماڭ.

• چۆل يالپۇزى

ھەم كېكىردەكنى يۇمشىتىدۇ، ھەم گال ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ. ئۆسۈملۈك چاي سۈپىتىدە ئىستېمال قىلىنىدىغان چۆل يالپۇزىنى غارغارا سۈپىتىدىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

ئۆسۈملۈك ئارىلاشمىسى ۋە ئۆسۈملۈك چايلىرىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرى

بەزى ئۆسۈملۈك چايلىرىنى دەملەپ ئىچىشكە بولىدۇ، بەزىلىرىنى قاينىتىپ ئىچىش كېرەك. بۇ ئىككى خىل ئۇسۇل بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ.

• ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غول، قوۋزاق - پوست، يىلتىز قاتارلىق قىسىملىرىنى قاينىتىپ تەييارلاش ۋە ئوتتۇرىچە ۋاقتى 30 مىنۇت بولۇشى كېرەك.

• ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرماق، گۈل قاتارلىق قىسىملىرىنى بولسا دەملەپ تەييارلاش، پىشۇرۇش ۋاقتى 5-20 مىنۇت ئەتراپىدا بولۇشى كېرەك.

• ھەر بىر ئۆسۈملۈكنىڭ چېيى بولمايدۇ. ئۆسۈملۈك ئالاھىدىلىكلىرى چوقۇم ئىسسىق سۇغا چىداملىق بولۇشى كېرەك.

• ئۆسۈملۈك چايلىرى داۋالاش مەقسىتىدە ئىشلىتىلگەندە، شېكەر قوشماسلىق كېرەك. شېكەر چايدىكى ئاكتىپ تەركىبلەر بىلەن ئەكس تەسىرپەيدا قىلىدۇ. ھەسەلنى بولسا 40 گىرادۇستىن تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ئىلاۋە قىلىش كېرەك.

• ئۆسۈملۈك چايلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى جارى قىلدۇرالىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئاچ قورساققا ئىستېمال قىلىشىڭىز، تاماقتىن 30 مىنۇت بۇرۇن ياكى 1-2 سائەت كېيىن ئىچىشكە دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك.

• چاي تەييارلاش باسقۇچىدا يېڭى سۇ ئىشلىتىڭ. بولمىسا، سۇدىكى مىنېرال ماددىلارنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، چاينىڭ سۈپىتى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

• ئۆچۇشچان تەركىبلىك چايلار ئۈچۈن ئاغزى بار پىيالىلەرنى ئىشلىتىڭ.  ئۆسۈملۈك قىسىملىرى سوقۇلغان چاغدا، ئوكسىگېن بىلەن ئۇچرىشىشقا مايىل بولغاچقا، ئۈنۈم جەھەتتىن ئۆزگىرىشچان ئالاھىدىلىككە ئىگە. شۇڭا، ئاغزى بار قاچىلاردا ساقلاڭ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر