سېرىق چاينىڭ شىپالىق رولى

شىپا بۇلىقى (11)

1908908
سېرىق چاينىڭ شىپالىق رولى

سېرىق چاينىڭ شىپالىق رولى

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

سېرىق چاي چېچەكلىرىنىڭ توپلىنىپ، زەيتۇن مېيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ پىششىقلاپ ئىشلەش نەتىجىسىدە سېرىق چاي مېيى ھاسىل بولىدۇ. بۇ ماي، بولۇپمۇ يارا ئىزلىرىنى تېز ساقايتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

سېرىق چاي مېيى  قانداق ھاسىل قىلىنىدۇ؟

سېرىق چاي مېيى ھاسىل قىلىشنىڭ ئەڭ  قوللىنىشچان ئۇسۇللىرىدىن بىرى مۇنداق: 100 گىرام يېڭى ياكى قۇرۇتۇلغان سېرىق چاي چېچىكى سوقۇلۇپ، 250 گىرام زەيتۇن مېيى بار ئەينەك قاچىغا سېلىنىدۇ. بۇ ئارىلاشما ئۇدا 30 كۈن ئاپتاپقا سېلىنىدۇ ۋە ئاندا-ساندا سىلكىپ قويۇلىدۇ. 30 كۈندىن كېيىن سۈزۈلىدۇ. ئەگەر يېڭى سېرىق چاي چېچىكى ئىشلىتىلسە، مېيى قىزىل بولىدۇ، ئەگەر قۇرۇتۇلغان چېچەكلەر ئىشلىتىلسە، مېيى سېرىق بولىدۇ. ئەمما، ھەر ئىككىسىنىڭ خۇسۇسىيىتى ئوخشاش.

سېرىق چاينى قانداق دەملەش كېرەك؟

تەخمىنەن 2.5-3 چاي قوشۇقى قۇرۇتۇلغان سېرىق چاينى 1 ئىستاكان قىزىق سۇغا سېلىپ، 10 مىنۇت دەملەڭ. ئاندىن ئۇنى سۈزۈپ، ئىچىڭ. ئەگەر سىزدە يېڭى سېرىق چاي بولسا،  بۇ يېڭى ئۆسۈملۈك بىلەن چاي تەييارلىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

سېرىق چاينى قاينىتىشقا بولمايدۇ، ئۇنى قايناق سۇدا دەملەش كېرەك.

  • سېرىق چاي مېيىنىڭ شىپالىق رولى

مىكروبقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىنى كۆرسىتىدۇ

بۇ ماي، باكتېرىيەلەرنىڭ ياشىشىنى توختىتىپ، كۆپىيىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. سېرىق چاي مېيى مەلھىمى كۆيۈك يارىسىنى داۋالاشتا ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ.

  • ياللۇغ قايتۇرغۇچ

ياللۇغ قايتۇرۇپ، يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرىدۇ.

سېرىق چاي مېيى ۋىرۇس، باكتېرىيە ۋە زەمبۇرۇغقا قارشى شىپادۇر. تېرىدىكى مىكروبلار كەلتۈرۈپ چىقارغان يۇقۇملىنىشنى يوقىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. پۇت زەمبۇرۇغى، قاپارتمىنى ساقايتىدۇ ۋە تېرىنى ياللۇغلىنىشتىن قوغدايدۇ.

  • جاراھەتنىڭ ساقىيىشىنى تېزلىتىدۇ

سېرىق چاي مېيى جاراھەتلەرنىڭ ساقىيىشىنى تېزلىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ماي توقۇلمىنىڭ ئۆزىنى ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە رېمونت قىلىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كېلىدىغان سېلليۇلوزا توقۇلمىلىرىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

سېرىق چاي مېيى ئوخشىمىغان جاراھەتلەرنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ. سۈركىلىپ زەخىملىنىشمۇ  بۇلاردىن بىرى. كۆيۈك ۋە ئاپتاپ كۆيۈكلىرىنى سېرىق چاي مېيى بىلەنمۇ داۋالىغىلى بولىدۇ.

  • ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ

سېرىق چاي مېيىنى ئاشقازان يارىسى، قورساق كۆپۈش، ئاشقازان ياللۇغى، مەيدە قىزىش، قەۋزىيەت ۋە پەي ياكى مۇسكۇللارنىڭ تارتىشىپ يىغىلىپ قېلىشى قاتارلىق ئەھۋاللاردا ئىشلىتىلىدۇ. سېرىق چاي مېيى ئاشقازاندا توساق پەيدا قىلىپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ تەسىرىنى پەسەيتىدۇ ۋە ھەزىم قىلىشنى قولايلاشتۇرىدۇ.

  • خامۇشلۇق كېسىلىنى داۋالاشتا ياردەمچى

كلىنىكىلىق تەتقىقاتلار ئارقىلىق سېرىق چاي مېيىنىڭ يېنىك ۋە ئوتتۇراھال خامۇشلۇق ۋە ۋەھىمە كېسىلىنى داۋالاشتا ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى ئسپاتلاندى.

دائىم دورا ئىچىدىغان كىشىلەر ئىشلىتىشتىن بۇرۇن چوقۇم روھىي كېسەللەر دوختۇرىدىن مەسلىھەت سورىشى كېرەك.

  • ھەيز كېسىلىشنى ئازايتىدۇ

سېرىق چاي مېيى، ئاياللارنىڭ ئەڭ قىيىن مەزگىللىرىدىن بىرى ھەيز كېسىلىش دەۋرىدىكى ھەيز كېسىلىشنى ئازايتىدۇ.

  • سېرىق چاي مېيىنىڭ تېرىگە بولغان پايدىلىرى

سېرىق چاي مېيىنى تېرىگە ئوبدان ئۇۋۇلاپ سۈرۈش، تېرە قۇرغاقلىشىش، بولۇپمۇ ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان قاداق ۋە ئۆكچە يېرىقلىرىغا پايدىلىقتۇر.

  • تېرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرىدۇ

تېرىنى نەملەندۈرىدىغان سېرىق چاي مېيىنىڭ قېرىشقا قارشى تۇرۇش رولى بار. دائىم ئىشلەتكەندە، تېرىنى چىڭىتىدۇ ۋە ئىنچىكە سىزىقلارنىڭ كۆرۈنۈشىنى ئازايتىدۇ، تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرىدۇ، تېرە رەڭگىنى تەكشى قىلىدۇ.

  • چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

سېرىق چاي مېيى مول تەركىبلىرى بىلەن چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، چۈنكى ئۇ چاچ ۋە تۈك خالتىسىنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ. چاچنى قۇۋۋەتلەيدۇ ۋە قويۇقلاشتۇرىدۇ. باش تېرىسىدىكى سويۇلۇش، كېپەك ۋە ھۆل تەمرەتكە ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

1 - سېرىق چاي مېيى كوففېئىن، ھاراق ۋە تاماكا قاتارلىق خۇمارلارنى داۋالاشنى قوللايدۇ.

2 - سېرىق چاي مېيى ھەيز ئاغرىتىپ كەلگەن ئەھۋاللاردا تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، سېرىق چاي مېيى ھەيز كەلمەسلىك كېسىلىگە شىپادۇر. سېرىق چاينى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىسسىق چاي ئورنىدا ئاچ قورساققا ياكى توق ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

3 - سېرىق چاي مېيى ئۇيقۇنى تەڭشەشكە ياردەم بېرىدۇ. ئۇيقۇ مەسىلىسى بارلارنىڭ كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن سېرىق چاي مېيىنى ئىستېمال قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

سېرىق چاي مېيىنى تېرىگە قانداق ئىشلىتىش كېرەك؟

سېرىق چاي مېيى، تېرىگە جاراھەتنى ساقايتىش، تېرە يۇقۇملىنىش ۋە ھۆل تەمرەتكە قاتارلىق ھەرخىل تېرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنى دائىم ئىشلىتىش كېسەللىكلەرنى داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم.

سېرىق چاي مېيىنى ھەپتىدە بىر ياكى ئىككى قېتىم چاچ ئاسراشتا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. چاچنى يۇيۇشتىن ئاز دېگەندە 30 مىنۇت بۇرۇن ئىشلىتىش ھەمدە باش تېرىسىگە ئاستا-ئاستا ئۇۋۇلاش كېرەك. ئاندىن چاچنى يۇيۇش ۋە مايدىن خالىي قىلىش كېرەك.

  • سېرىق چاي مېيىنىڭ ئەكىس تەسىرى بارمۇ؟

قۇياش نۇرىغا دۇچ كەلگەندە ئېھتىيات قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، چۈنكى سېرىق چاي مېيىنى سىرتقى تېرىگە ئىشلىتىش، بولۇپمۇ تېرىسى سەزگۈر كىشىلەردە ئاپتاپتا كۆيۈش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. قۇياش نۇرىغا دۇچ كەلگەن ئوچۇق يەرلەردە تېرىنى قارايتىۋېتىشى مۇمكىن. تېرىگە سۈرگەندىن كېيىن، ئۇ يەر قۇياش نۇرىغا دۇچ كەلمەسلىكى كېرەك.

ئەگەر سېرىق چاي مېيىنى  ئىشلەتكەندە ئاغرىش، چىڭقىلىش، ساقايماس جاراھەت، تېرىگە ئەكس تەسىر قىلىش قاتارلىق ئادەتتىن تاشقىرى ئەھۋاللار ئوتتۇرىغا چىقسا، ئىشلىتىشنى توختىتىش ۋە مۇتەخەسسىس دوختۇردىن مەسلىھەت سوراش كېرەك.

سېرىق چاي مېيىنى ھەددىدىن زىيادە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.  كۈنىگە 1 ياكى 2 ئىستاكاندىن ئارتۇق چاي ئىچمەسلىك كېرەك. سېرىق چاي مېيىنى  بەك كۆپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

  • سېرىق چاي مېيى كىملەر ئۈچۈن زىيانلىقتۇر؟

يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، ھامىلىدار ئاياللار، تۇغۇتلۇق ئاياللار، بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار ۋە بۆرەك ئۈستى بېزى ئۆسمىسى بارلارغا سېرىق چاي مېيى تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، خىمىيەلىك داۋالاش باسقۇچىدىكى كىشىلەر ۋە ئەزا كۆچۈرگەن كىشىلەر سېرىق چاينى قەتئىي ئىشلەتمەسلىكى كېرەك. چۈنكى ئۇ ئەزالارنىڭ رەت قىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

سېرىق چاي مېيى بەزى دورىلار بىلەن ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئۈچۈن زىيانلىقتۇر. بۇ دورىلار بەزى ئانتىبىيوتىكلار، يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسى ۋە نېرۋا سىستېمىسى دورىلىرىدۇر. سېرىق چاينى بۇ دورىلار بىلەن بىللە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر