تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (12)

1907604
تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (12)

(مۇرات يېشىل تاش)

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ دىرېكتورى شۇنداقلا يازغۇچىسى دوتسېنت دوكتور مۇرات يېشىل تاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** ****** ***** ****** ****

«تۈرك مەدەنىيىتى ئۈچۈن يېڭى دەۋر: ئورتاق تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشكە قاراپ» تېمىلىق تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى 9 – نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەنت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئۆتكەن يىلى نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن تۈركىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدىكى ئىستانبۇل باشلىقلار يىغىنىدا، ئەسلى ئىسمى تۈرك دۆلەتلىرى كېڭىشى بولغان تەشكىلاتنىڭ ئىسمى تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئۆزگەرتىلگەن ۋە 2040 - يىللىق نىشان ھۆججىتى قوبۇل قىلىنغان ئىدى. تەشكىلاتنىڭ سەمەرقەنتتىكى باشلىقلار يىغىنىدا قانداق بىر پىكرى يۆنىلىشنىڭ ئوتتۇرىغا قويىلىدىغانلىقى شۇنداقلا تۈرك دۇنياسىدىكى ھەمكارلىق ۋە بىر گەۋدىلىشىشكە قارىتا قانداق قەدەملەرنىڭ تاشلىنىدىغانلىقى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈلمەكتە ئىدى. 103 ماددىلىق سەمەرقەند خىتابنامىسىدە نۇرغۇن تەپسىلاتلار بار.

باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇھىم نەتىجىلىرىنىڭ بىرى شۈبھىسىزكى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۈزەتكۈچى ئەزا سالاھىيىتىگە ئېرىشىشى بولدى. خىتابنامىنىڭ 7 - ماددىسىدا «قىبرىس تۈركلىرىنى تۈرك دۇنياسىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارىلىدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن بولۇپ، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە كۆزەتكۈچى ئەزا سالاھىيىتىنىڭ بېرىلىشى، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى يېتىم قالدۇرۇشقا خاتىمە بېرىش نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم ئىلگىرىلەش بولغانغا ئوخشاش تۈركىيە سىرتىدىكى تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئەزالىرى نۇقتىسىدىنمۇ جاسارەت بەرگۈچ ئىلگىرىلەش بولدى.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ باياناتىدا تىلغا ئالغان ۋە ھەممەيلەن تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان  «تۈرك دۇنياسىنىڭ جۇغراپىيىلىك چېگرىسى تېخىمۇ كەڭ» دېگەن سۆزىدىن كېيىن، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر سىرتىدا ياشايدىغان تۈركىي تىللىق قېرىنداشلارنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى، بىخەتەرلىكىنى ۋە مىللىي كىملىكىنى قوغداش، ئاسىمېلاتسىيە بولماسلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەھەتتە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى دائىرىسدە قوللاپ – قۇۋۋەتلەش چاقىرىقى يەنە بىر نۇقتىدىن ئەزەربەيجاننىڭ ئىرانغا بەرگەن ئېنىق سىگنالى بولدى.

يېقىندىن بۇيان جىددىيچىلىك يۈز بەرگەن قىرغىزىستان-تاجىكىستان چېگرا مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا قانۇنلار ئاساسىدا قىرغىزىستاننى قوللاش سىگنالىمۇ بېرىلگەن خىتابنامىدە يەنە، كۆچمەنلىك ۋە قانۇنسىز كۆچۈشلەردىن تارتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىگىچە ۋە ئافغانىستاندا مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقىچە بولغان نۇرغۇن مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تەكىتلەر ئورۇن ئالدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىدا سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم ئامىل سۈپىتىدە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى سىرتىدىكى ئىككى تەرەپلىك ياكى كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقلىرى بولدى. بۇ جەھەتتە گەرچە ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنىڭ نۇرغۇن مىساللىرى بولسىمۇ، پەقەت تۈركىيە-ئەزەربەيجان مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختىلىشمۇ يېتەرلىك بولىدىغانلىقى ئېنىق. چۈنكى يېقىندىن بۇيان تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ۋە بۇ مۇناسىۋەتنىڭ نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن كونكرېت نەتىجىلەر تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى گەۋدىسى ئىچىدىكى ھەمكارلىقتا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى، دېيىشكە بولىدۇ.

ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك تەشەببۇسىمۇ مۇھىم. ھەتتا رەھبەرلەر ئوتتۇرىغا قويغان كۆز قارىشى بىلەن تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئىچىدىكى ھەمكارلىقنىڭ تەرەققىياتىدا ئەڭ مۇھىم ئامىل بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسى ۋە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تېخنىكىلىق كومىتېتلىرى رەھبەرلەرنىڭ تەسەۋۋۇرى ۋە يېتەكچىلىكى بىلەن ھۆججەتلەرگە تېخىمۇبەك ئىگە چىقىدۇ ۋە ئۇلارنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ نۇقتىدا، تۈركىيە ئىشقا ئاشۇرغان بۆسۈش خاراكتېرلىق ئىلگىرىلەشلەرنىڭ شۇنداقلا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىنىڭ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىدا يېقىنقى مەزگىلدە قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلاردا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ. شۇنىڭدەك ئەزەربەيجاندا ئەلىيېۋ، قازاقىستاندا نەزەربايىۋ ۋە توكايېۋ، قىرغىزىستاندا جاپاروۋ، ئۆزبېكىستاندا مىرزىيويېۋ قاتارلىق رەھبەرلەر تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشىدە مۇھىم روللارنى ئوينىدى. كۆزەتكۈچى ئەزا دۆلەت بولغان ۋېنگرىيە باش مىنىستىرى ئوربانمۇ بۇ جەرياندا ماسلىشىشچان بىر رەھبەرلىكنى نامايان قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر