جىگەرنى ماي قاپلاش كېسەللىكىنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

شىپا بۇلىقى (7)

1893602
جىگەرنى ماي قاپلاش كېسەللىكىنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

جىگەرنى ماي قاپلاش كېسەللىكىنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

جىگەرنى ماي قاپلاش، جىگەر ھۈجەيرىلىرىدە ئارتۇقچە ماي ​​يىغىلىش نەتىجىسىدە كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر.

• بېلىق ئىستېمالىنى ئاشۇرۇش كېرەك

جىگەرنى ياغ قاپلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تەركىبىدە ئومېگا- 3 بولغان ماي تەركىبى تۆۋەن ۋە ياغسىز بېلىقلارنى ئىستېمال قىلىش كېرەك.

• ياۋروپا كەرەپشىسى – لىمون شەربىتى

ياۋروپا كەرەپشىسى شەربىتى تەييارلاش ئۇسۇلى مۇنداق؛ 15-16 تال ياۋروپا كەرەپشىسى  غولى بىلەن بىرلىكتە مېۋە شەربىتى چىقىرىش ماشنىسىغا سېلىنىدۇ. ئۈستىگە ئىككى قوشۇق لىمون سۈيى ۋە يېرىم ئىستاكاندىن كۆپرەك سۇ ئىلاۋە قىلىنىدۇ. 2 مىنۇت مېۋە شەربىتى چىقىرىش ماشنىسىدا ئېزىلىدۇ. كۈندە بىر قېتىم ناشتىدىن 15 مىنۇت بۇرۇن ھەممىسى ئىچىلىدۇ. 15 كۈن مۇشۇ بويىچە ئىستېمال قىلىنغاندىن كېيىن، ئىستېمال قىلىش 5 كۈن توختىتىلىدۇ. ئاندىن تەكرار 15 كۈن قايتا ئىستېمال  قىلىنىدۇ.

• قەھۋە

ھاراق ئىچمەيدىغان جىگىرىنى  ماي قاپلاش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلاردا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردا، ئاز قەھۋە ئىچكەن ياكى ھېچ ئىچمىگەنلەرگە قارىغاندا، كۈنىگە ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق قەھۋە ئىچكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلەرنىڭ جىگىرىنىڭ تېخىمۇ ئاز زىيانغا ئۇچرىغانلىقى كۆرۈلگەن. دەرۋەقە، كۈندە بىر ئىستاكان قەھۋە ماي قاپلاپ كەتكەن جىگەرگە پايدىلىقتۇر.

• چۈچۈكبۇيا

ھاراق ئىچمەيدىغان جىگىرىنى  ماي قاپلاش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارغا پايدىلىقتۇر. شۇنداقلا، ھاراق ئىچىش نەتىجىسىدە جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار، چۈچۈكبۇيا ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق جىگىرىنىڭ بۇزۇلۇشىدىىن ساقلىنىشى مۇمكىن. بەزى كىشىلەر چۈچۈكبۇيا ئىستېمال قىلىشقا تېخىمۇ سەزگۈر بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، ئۇنى ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىش كېرەك.

• لىمون

يېرىم لىموننى بىر ئىستاكان سۇغا سىقىپ، بۇ ئىچىملىكنى ئۇدا بىرقانچە ھەپتە كۈندە 2-3 قېتىم ئىچىپ بېرىش، جىگەرنى ماي قاپلاش كېسەللىكىگە پايدىلىقتۇر.

• پېرسېيە نەشپۈتى ۋە مايمۇن شاپتۇلى

ھەر ھەپتىدە تەرتىپلىك پېرسېيە نەشپۈتى ئىستېمال قىلغاندا، جىگەرنى ماي قاپلاشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. جىگەرگە پايدىلىق پېرسېيە نەشپۈتىنى كۈندۈزى مەلۇم ئارىلىقتا ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. مايمۇن شاپتۇلىمۇ جىگەرگە پايدىلىق بىر مېۋىدۇر.

• ئالما سىركىسى

بىر ئىستاكان ئىلمان سۇغا بىر قوشۇق تەبىئىي ئالما سىركىسىنى قوشۇپ، تاماقتىن بۇرۇن، كۈندە ئىككى قېتىم ئىچىشنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى. ئەگەر خالىسىڭىز، بىر قوشۇق ھەسەل قوشۇپ ئىچسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ ئۇسۇلنىڭ ئىشقا يارىشى ئۈچۈن، بۇ ئۇسۇلنى چوقۇم 1-2 ئاي تەرتىپلىك داۋاملاشتۇرۇشىڭىز كېرەك.

• زەرچىۋە

1 چاي قوشۇقى زەرچىۋە تالقىنىنى بىر ئىستاكان سۇدا قاينىتىپ، كۈندە ئىككى قېتىم ئۇدا بىر نەچچە ھەپتە ئىچسىڭىز بولىدۇ.

 • مامكاپ

بىر ئىستاكان قىزىق سۇغا 1 ھەسەل قوشۇقى قۇرۇتۇلغان مامكاپنى سېلىپ، 5-10 مىنۇت قايناتقاندىن كېيىن، ئىچىڭ. بۇ ئۆسۈملۈك چاينى ئۇدا بىر نەچچە ھەپتە ئىچىشىڭىز كېرەك. لېكىن، ھامىلدار ياكى دىيابىت بىمارلىرى مامكاپتىن يىراق تۇرۇشى كېرەك.

• يېشىل چاي

ھەر كۈنى تەرتىپلىك ھالدا 2-3 ئىستاكان يېشىل چاي ئىچىپ بېرىش، ھاراققا خۇمار بولۇپ قالمىغان جىگەردىكى ماي قاپلاش كېسەللىكىگە پايدىلىقتۇر.

• كۆكتاتلار

جىگەرنى ماي قاپلىغان ئەھۋال ئاستىدا، كۆكتات، مېۋە قاتارلىق تالالىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش، كۈنىگە كەم دېگەندە 5 تەخسە كۆكتات ۋە مېۋە ئىستېمال قىلىش كېرەك.

بىريۇسسېل كاپۇستىسى، پىياز، كۈدە، ئوكرا، كاۋا، پالەك، تۇرۇپ، چوڭ يوپۇرماقلىق قىزىلچا، ئارگۇلا، پۇرچاق، گۈلكەرەم قاتارلىق كۆكتاتلارنىڭ تالا مىقدارى يۇقىرى بولغاچقا چوقۇم ئىستېمال قىلىش كېرەك.

بولۇپمۇ تاتلىق زەنجىۋىل ۋە كەرەپشە قاتارلىق جىگەرگە پايدىلىق يېمەكلىكلەرنى مۇھىم ئۇزۇقلۇقلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش كېرەك. تاتلىق زەنجىۋىلنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى، جىگەرنى تازىلاپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاسان ئېقىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىدۇر.

• سامساق

خام سامساق جىگەرنى قوغداش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ، جىگىرىنى ماي قاپلاش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ جىگەر ساغلاملىقىنى ياخشىلايدۇ. خام سامساق يېيىش ئارقىلىق جىگەر راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

• زەنجىۋىل ۋە زەرچىۋە

بۇلار جىگەرنى ماي قاپلاش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەردە جىگەردىكى يارىنى ئازايتىپ، خولېستېرىن، قاندىكى قەنت ۋە ياللۇغنى تۆۋەنلىتىدۇ.

• كۈمۈش ئۆرۈك

جىگەرنى ماي قاپلاش كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا شىپالىق ئۆسۈملۈك تولۇقلىمىسى ھېسابلىنىدۇ.

• ئادەمگىياھ

جىگەرنىڭ بۇزۇلۇشىدىن ساقلىنىشتا ياردەمچى بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، دورىلار بىلەن بىرلىكتە ئىستېمال قىلغاندا، ئادەمگىياھنىڭ  ئەكس تەسىر قوزغاش خەۋپى باردۇر.

• چېنىقىش

جىگىرىنى ماي قاپلىغان كىشىلەر دائىم مېڭىپ بېرىشى ۋە چېنىقىشى كېرەك. ھەر كۈنى تەرتىپلىك مېڭىپ بەرگەندە، جىگەرنى ماي قاپلاشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

• خۇخا

ھاراقنى كۆپ ئىچىش ۋە ئۆت مەنبەلىك جىگەر قېتىشىش سەۋەبىدىن جىگەرنى ماي قاپلاش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرگە پايدىلىقتۇر.

• بەلىزگۈل

ھەر كۈنى ئىككى قېتىم بەلىزگۈل چېيى ئىچىپ بېرىش ئارقىلىق  مايلىق جىگەردىن قۇتۇلالايسىز. بەلىزگۈل چېيى دائىم ئىستېمال قىلىنسا، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، ھەمدە مۇشۇ تىپتىكى كېسەللىكلەرنىمۇ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

• ھاراق ئىچمەڭ

ھاراق تولۇق مەنىدىن ئېيتقاندا جىگەرنىڭ دۈشمىنىدۇر. ھاراق جىگەرگە كۆپ زىيان يەتكۈزىدۇ؛ جۈملىدىن، ماي قاپلاپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەمدە جىگەر ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ھاراق جىگەرگە ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.

• تەبىئىي يېمەكلىكلەر

جىگەرنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، تەبىئىي يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش، ئىمكانقەدەر خۇرۇچلاردىن يىراق تۇتۇش كېرەك.

• ياڭاق، ئورمان ياڭىقى قاتارلىق مايلىق ئۇرۇقلارنى دائىم ئىستېمال قىلىش كېرەك.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر