ئىنسۇلىن قارشىلىقى كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە چارە - تەدبىرلىرى

شىپا بۇلىقى (4)

1885188
ئىنسۇلىن قارشىلىقى كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە چارە - تەدبىرلىرى

ئىنسۇلىن قارشىلىقى كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە چارە - تەدبىرلىرى

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

ئىنسۇلىن قارشىلىقى كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە چارە - تەدبىرلىرى تۆۋەندىچە:

ئىنسۇلىن قارشىلىقى، بەدىنىڭىزنىڭ ئۆزى ئىشلەپچىقارغان ئىنسۇلىن ھورمۇنىنىڭ مىقدارىغا ئىنكاس قايتۇرالماسلىقى، دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. ئاشقازان ئاستى بېزى ئىشلەپچىقارغان ھورمون بولغان ئىنسۇلىن، ھۈجەيرىلەرنىڭ شېكەرنى سۈمۈرۈشىگە ۋە ئىشلىتىشىگە يول قويىدۇ. ئىنسۇلىن قارشىلىقى بار كىشىلەردە ھۈجەيرىلەر ئىنسۇلىننى ئۈنۈملۈك ئىشلىتەلمەيدۇ.

كۆپىنچە كىشىلەر قان تەكشۈرتمىگۈچە ئۆزىدە ئىنسۇلىن قارشىلىقى بارلىقىنى ھېس قىلمايدۇ. ھەممەيلەننىڭ قان قەنتى سەۋىيەسى يۇقىرى بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ، بەدىنىڭىزنىڭ قاندىكى قەنت سەۋىيەسى ئىزچىل يۇقىرى بولغاندا، سىز ئادەتتىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ئۇسسۇزلۇق، كىچىك تەرەتكە كۆپ چىقىش، تېخىمۇ كۆپ چارچاش، كۆرۈش قۇۋۋىتىڭىزنىڭ خىرەلىشىپ كېتىشى ۋە پۇتلىرىڭىزنىڭ ئاستىدا قىسىلىپ قېلىشىنى ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن.

ئىنسۇلىن قارشىلىقىنى باشقۇرۇش، (يېمەك-ئىچمەك، چېنىقىش ۋە دىيابېتنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق) تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ۋە دورىلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئورۇقلاش، چېنىقىش ۋە ساغلام يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش قاتارلىق كىچىك قەدەملەرنى بېسىش ئىنسۇلىن قارشىلىقىغا تاقابىل تۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ.

تەرتىپلىك ئوزۇقلىنىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇڭ

ئۇزۇقلىنىش ئۇسۇلىڭىز، ئىنسۇلىن قارشىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئەڭ مۇھىم ئامىلدۇر. ئىنسۇلىن قارشىلىقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى ئاشقازان ئاستى بېزىنى ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە  غىدىقلايدىغان يېمەكلىكلەردىن يىراق تۇرۇشتۇر. بۇ يېمەكلىكلەر ھەسەل، شىرنە، مۇراببا، پىززا، ھامبۇرگېر بولكىسى، ئاق گۈرۈچ ۋە ماكارنا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

كاربون سۇ بىرىكمىلىك يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش، كاربون سۇ بىرىكمىلىك يېمەكلىكلەر مىقدارىنى كۈندۈزى تەڭشەپ ئىستېمال قىلىش ۋە قەنت سەۋىيەسى تۆۋەن يېمەكلىكلەرنى تاللاش، ئىنسۇلىننىڭ سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئاقىلانە ئۇسۇلىدۇر.

ئۆز ۋاقتىدا تاماق يېيىشكە ئەھمىيەت بېرىڭ

«بىر ۋاخ تاماق يېمىگەندە تېخىمۇ ئاز كالورىىيە ئالغىلى ۋە تېخىمۇ كۆپ ئۇرۇقلىغىلى بولىدۇ» دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. بۇ پەقەت ئىنسۇلىن ۋە قاندىكى قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ. بۇ بولسا  بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تېخىمۇ ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ۋە بەدىنىڭىزدىكى ئىنسۇلىن قارشىلىقى سەۋىيەسىدىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.

چېنىقىش

تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ھەر كۈنى 35-45 مىنۇت چېنىقىپ بەرگەندە، ئىنسۇلىن قارشىلىقىغا مۇكەممەل تاقابىل تۇرغىلى بولىدىكەن. بەزى بايقاشلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پىرىنسىپلىق مېڭىشنىڭ ئۈنۈمى 48 سائەت بولىدىكەن. ھەتتا 2 كۈندە بىر مېڭىپ بېرىش ئارقىلىقمۇ ئىنسۇلىن قارشىلىقىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.

يېتەرلىك جىسمانىي ھەرىكەت قىلىش، ئىنسۇلىن قارشىلىقى ۋە دىيابېت كېسىلىنى تەڭپۇڭ ھالەتتە تۇتۇشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.

بەدەن ساغلاملىقى ھەرىكىتى ۋە ئىنسۇلىن قارشىلىقىغا تاقابىل تۇرۇش مەشىقى ئىنسۇلىننىڭ سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرەلەيدۇ، ئەمما چېنىقىشتا بۇلارنى بىرلەشتۈرۈش ئەڭ ئۈنۈملۈك يولدەك قىلىدۇ.

سۈپەتلىك ئۇخلاش

ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ ۋە ئىنسۇلىن قارشىلىقىنى ئاشۇررۇۋېتىىدۇ. قانغۇدەك ئۇخلاش ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىقنىڭ تەسىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ.

        بېسىمنى باشقۇرۇش

ئىنسۇلىن قارشىلىقى خەۋىپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى داۋاملىق بېسىم ئاستىدا بولۇشتۇر. پىكىر - تەپەككۇر قاينىمىغا چۆمۈش، چېنىقىش ۋە ئۇخلاشنىڭ ھەممىسى بېسىمنى ئازايتىشقا ياردەم بېرىدىغان ياخشى ئۇسۇلاردۇر.

       تاماكا چېكىش

تاماكا چېكىشنى توختىتىش كېرەك.

        كونتروللۇق ئورۇقلاش

بولۇپمۇ ھەددىدىن زىيادە سېمىزلىك ئىنسۇلىننىڭ سەزگۈرلۈكىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ئورۇقلاش ئىنسۇلىننىڭ سەزگۈرلۈكىنى ياخشىلاشقا ۋە دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ.

         ئېرىشچان تالا ئىستېمال قىلىش

ئېرىشچان تالا ئىستېمال قىلىشنىڭ ھەم سالامەتلىككە پايدىسى ناھايىتى كۆپتۇر، ھەمدە ئۈچەيلىرىڭىزدىكى دوستانە باكتېرىيەلەرنى ئۇزۇقلاندۇرۇشقا ياردەمچىدۇر.

كۈنىگە 50 گىرامدىن ئارتۇق تالا ئىستېمال قىلىش قاندىكى قەنتنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ. ئېرىشچان تالا مول يېمەكلىكلەر پۇرچاق تۈرىدىكىلەر، سۇلۇ يارمىسى، زىغىر، بىريۇسسېل كاپۇستىسى، بادام، قارا پۇرچاق، بروككولىغا ئوخشاش كۆكتاتلار، ئاپېلسىنغا ئوخشاش مېۋە – چېۋىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

       مايلىق بېلىق ئىستېمال قىلىش

تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، سالمون، ساردىن، كۆك چىپار، رىنگا ۋە ئانچوئۇس قاتارلىق ياغلىق بېلىقلارنى ئىستېمال قىلىش يۇقىرى سۈپەتلىك ئاقسىل بىلەن تەمىنلەيدكەن. ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل ئىستېمال قىلغاندا، ئىنسۇلىن قارشىلىقى ۋە ئىنسۇلىننىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. بۇ بېلىقلار يەنە، ئۇزۇن زەنجىرسىمان ئومېگا -3 ياغلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى مەنبەسى بولۇپ، پايدىسى ناھايىتى كۆپ ئىكەن.

رەڭلىك مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتاتلار

رەڭلىك مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە ئىنسۇلىننىڭ سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغان ئۆسۈملۈك بىرىكمىلىرى مولدۇر. بىراق بەزى تۈرلىرىدە شېكەر كۆپ بولغانلىقتىن، بىر قېتىمدا  بەك كۆپ مېۋە – چېۋە يېيىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ.

     ئاقسىلنى   مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىش

تاماقلاردا يېتەرلىك ئاقسىل ئىستېمال قىلىش، بەدەن ئېغىرلىقى ۋە ئىنسۇلىننىڭ سەۋىيەسىنى كونترول قىلىشقا پايدىلىقتۇر.

        ئارىلاپ - ئارىلاپ روزا تۇتۇش

ئارىلاپ-ئارىلاپ روزا تۇتۇش ئىنسۇلىننىڭ سەۋىيەلىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ. شۇنداقتىمۇ، بۇ ھەممە كىشىگە ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر