ئاللاھ خالىغان كىشىگە ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، (مۆمىنلەرگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر

ئاللاھ (ئۇلارنى غالىب قىلىدىغانلىقىنى) ۋەدە قىلدى. ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ (چۈنكى ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، سۆزى راستتۇر)، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ.

1880763
ئاللاھ خالىغان كىشىگە ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، (مۆمىنلەرگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر

ئاللاھ خالىغان كىشىگە ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، (مۆمىنلەرگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: رۇم سۈرىسى، 1 - 15 - ئايەتلەر. ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

ئەلىف، لام، مىم[1]. رۇملۇقلار يېقىن بىر جايدا يېڭىلدى، ئۇلار يېڭىلگەندىن كېيىن بىر قانچە يىل ئىچىدە يېڭىدۇ، ئىلگىرى ۋە كېيىن ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر، بۇ كۈندە مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ بەرگەن ياردىمى بىلەن خۇشال بولىدۇ، ئاللاھ خالىغان كىشىگە ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، (مۆمىنلەرگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر[2ـ5]. ئاللاھ (ئۇلارنى غالىب قىلىدىغانلىقىنى) ۋەدە قىلدى. ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ (چۈنكى ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، سۆزى راستتۇر)، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ[6]. ئۇلار ھاياتىي دۇنيانىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنىلا بىلىدۇ، ئۇلار ئاخىرەتتىن (يەنى ئاخىرەت ئىشىدا ئويلىنىشتىن ۋە ئاخىرەت ئۈچۈن ئىشلەشتىن) غەپلەتتىدۇر[7]. ئۇلار (ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىشلىرى ئۈچۈن) ئۆزلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى (يۇلتۇز قاتارلىق) نەرسىلەرنى پەقەت ھەق ۋە مۇئەييەن ۋاقىتلىق قىلىپ ياراتتى، شەك – شۈبھىسىزكى، نۇرغۇن كىشىلەر پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشنى (قايتا تىرىلىدىغانلىقىنى، قىلغان ئەمەلىگە يارىشا مۇكاپاتلىنىدىغانلىقىنى ياكى جازالىنىدىغانلىقىنى) ئىنكار قىلغۇچىدۇر[8]. ئۇلار يەر يۈزىدە كېزىپ ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ ئۇلار (يەنى ئۆتكەنلەر) قۇۋۋەتتە بۇلاردىن كۈچلۈك ئىدى. ئۇلار زىرائەت تېرىشتا، ئىمارەت سېلىشتا بۇلار (يەنى قۇرەيشلەر) دىن ئۈستۈن ئىدى. ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى (ئۇلار مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلدى). ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى (يەنى ئاللاھ ئۇلارنى گۇناھسىز ھالاك قىلغىنى يوق)، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرى (كۇفرى ئۈچۈن ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ مۆجىزىلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلدى (شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھالاك بولۇشقا تېگىشلىك بولدى)[9]. ئاندىن يامان ئىش قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتى ئەڭ يامان بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ۋە مەسخىرە قىلغان كىشىلەردۇر[10]. ئاللاھ مەخلۇقاتنى دەسلەپتە (يوقتىن) بار قىلىدۇ. ئاندىن ئۇنى (ئۆلگەندىن كېيىن) تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا (ھېساب ئۈچۈن) قايتۇرۇلىسىلەر[11]. قىيامەت قايىم بولغان كۈندە گۇناھكارلار ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ[12]. ئۇلارغا شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىدىن شاپائەت قىلغۇچىلار بولمايدۇ، ئۇلار شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىدىن تانىدۇ[13]. قىيامەت قايىم بولغان كۈندە (مۆمىنلەر بىلەن كاپىرلار) بىر ـ بىرىدىن ئايرىلىدۇ[14]. ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار باغچىدا (يەنى جەننەتنىڭ باغچىلىرىدا) يايرىتىلىدۇ[15].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر