قاداقنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

شىپا بۇلىقى - 49

1865401
قاداقنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

قاداقنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

قاداقنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىچە:

ئىلمان سۇ

 ئەگەر پۇتىڭىز ياكى بارمىقىڭىزدا قاداق بولسا، 20 مىنۇت ئىلمان سۇغا چىلاڭ. ئاندىن بۇ يەرنى ئاستا سىلاش ئارقىلىق قاداقنى ئېلىۋەتسىڭىز بولىدۇ. بۇ ئۇسۇلنى ھەپتىدە 2-3 قېتىم تەكرارلىسىڭىز بولىدۇ.

ئاق سىركە ۋە پىياز سۈيى

ماتېرىياللار:

• 1 ئىستاكان ئاق سىركە

•  1 دانە پىياز

• 1 شېشە

• پاختا

• يالتىراق قەغەز

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:

پىيازنى ئىنچىكە توغراپ، شېشىگە سېلىپ، ئۈستىگە ئاق سىركە ئىلاۋە قىلىڭ. ئاندىن شېشىنىڭ ئازغىنى يېپىپ، 8 سائەت ساقلاڭ. تەخمىنەن 8 سائەتتىن كېيىن، بۇ ئارىلاشمىنىڭ ئىچىگە چوڭ پاختا توپنى چىلاڭ، ئاندىن پاختا توپىنى قاداق بار جايغا تەگكۈزۈڭ.

ئالدى بىلەن، قاداقنىڭ ئەتراپىنى پاختا بىلەن سۈرتۈڭ، ئاندىن قاداقنىڭ ئۈستىنى پاختا بىلەن يېپىپ، يالتىراق قەغەز بىلەن پۇتىڭىز ياكى قولىڭىزنى تېڭىڭ. بۇ ئۇسۇلنى 10 كۈن داۋاملاشتۇرۇڭ.

ئالما سىركىسى

4 ئىستاكان سۇغا تۆت قوشۇق ئالما سىركىسىنى ئىلاۋە قىلىپ، ئارىلاشتۇرۇڭ. قاداقلىق رايوننى بۇ ئارىلاشمىغا 20 مىنۇت چىلاپ قويۇڭ. ئاندىن قاداقنى ئۇۋۇلاپ چىقىرىۋەتسىڭىز بولىدۇ.

سامساقلىق زەيتۇن يېغى

ماتېرىياللار:

• 3 چىش سامساق

• 2 قوشۇق زەيتۇن يېغى

• يالتىراق قەغەز

• پاختا

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:

بىر قاچىدا سامساقنى ياخشى ئېزىڭ. ئېزىلگەن سامساقنى زەيتۇن يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. بۇ  ئارىلاشما بىلەن ئاۋۋال قاداقلىق رايوننى تازىلاڭ. ئاندىن، بۇ ئارىلاشمىنى قاداقنىڭ ئۈستىگە چاپلاپ، تېڭىڭ.

ئەگەر خالىسىڭىز، بۇ ئارىلاشمىنى پاختا بىلەن ئېلىپ، يالتىراق قەغەز بىلەن تاڭسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ ئۇسۇلنى بىر ھەپتە داۋاملاشتۇرۇڭ.

ئىنەكپىتى مېيى 

5 قوشۇق ئىنەكپىتى مېيى  بىلەن بىر لىتىر سۇنى ئارىلاشتۇرۇڭ، ئاندىن قاداقلىق رايوننى بۇ ئارىلاشمىغا چىلاڭ.

 پەمىدۇر پوستى

ماتېرىياللار:

• چوڭ بىر دانە پەمىدۇر

• داكا

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:

پەمىدۇر پوستىنى قاداقلىق رايونغا چاپلىغاندىن كېيىن، چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن،  قول ياكى پۇتىڭىزنى داكا بىلەن تېڭىڭ.

سۈرگە تۇز

2-3 قوشۇق سۈرگە تۇزىنى بىر قاچا ئىلمان سۇغا تاشلاڭ. قاداقلىق رايوننى بۇ سۇغا چىلاپ، يۇمشىتالايسىز.

ئاناناس پوستى

ماتېرىياللار:

• 1 دانە كىچىك ئاناناس

• يالتىراق قەغەز

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:

ئاناناس پوستىنىڭ ئىچكى قىسمىنى، يەنى سېرىق رايوندىكى تەرىپىنى قاداققا تەگكۈزۈڭ. بۇ ئۇسۇلنى كەم دېگەندە 7 كۈن داۋاملاشتۇرۇڭ.

چاي دەرىخى مېيى

چاي دەرىخى مېيىنى ئىلمان سۇ تولدۇرۇلغان قاچىغا 2-3 تامچە تېمىتىڭ. تېرىڭىز يۇمشاپ، قاداق يوقالغانغا قەدەر، قاداقلىق رايوننى سۇنىڭ ئىچىدە تۇتۇڭ. چاي دەرىخى مېيى ئىنتايىن كۈچلۈك ماي بولغاچقا، تېرىڭىزنى ئەڭ كۆپ بولغاندا 15 مىنۇت بۇ سۇغا چىلاڭ، ئاندىن ئىلمان سۇ بىلەن يۇيۇڭ.

 بەلىزگۈل سۈيى

ماتېرىياللار:

• 1 لىتىر سۇ

• بەلىزگۈل چېيى ياكى قۇرۇتۇلغان بەلىزگۈل

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:

تەخمىنەن 1 لىتىر سۇغا قۇرۇتۇلغان بەلىزگۈل ياكى بەلىزگۈل چېيى ئىلاۋە قىلىڭ. ئۇنى بىرئاز دەملىگەندىن كېيىن، بەلىزگۈلنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈڭ.

پۇتىڭىزنى ھەر كۈنى 30 مىنۇت بەلىزگۈل سۈيىگە چىلاڭ.

 بانان پوستى

بانان پوستىنى قاداقنىڭ ئۈستىگە چاپلاڭ.

ئەنجۈر ئۇسۇلى

يېشىل، پىشمىغان ئەنجۈر سۈيى قول ۋە پۇتتىكى قاداقنى يوقىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسىدۇر. داۋالاش ئۈچۈن، يېشىل ئەنجۈر ئۈزۈلگەندىن كېيىن، سۈيىنى سىقىپ، كۈندە ئۈچ قېتىم قاداقلىق رايونلارغا سۈرۈلىدۇ.

لىمون

قاداقلىق رايونغا يېڭى لىمون سۈيى سۈرۈپ، قۇرۇتۇڭ. بۇ ئۇسۇلنى كۈندە كەم دېگەندە ئۈچ قېتىم تەكرارلاڭ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بىر قوشۇق لىمون سۈيىگە ئىككى دانە قەلەمپۇر تاشلاپ، 15 مىنۇت ئەتراپىدا تۇرغۇزۇڭ. ئاندىن قەلەمپۇرنى ئېلىۋېتىپ، لىمون سۈيىنى قاداقلىق رايونغا سۈرۈڭ، ئۇنى تاكى قۇرۇغانغا قەدەر ساقلاڭ ۋە تەكرار سۈرۈڭ. بۇ ئۇسۇلنى كۈندە بىر نەچچە قېتىم تەكرارلاڭ.

سامساق

قاداقلىق رايونغا بىر چىش سامساق سۈرۈڭ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئىككى چىش سامساقنى ئېزىپ، بىرئاز سىركە ئىلاۋە قىلىڭ. ئاندىن بۇ ئارىلاشمىنى قاداقلىق رايونغا سۈرۈڭ. ئارقىدىن ئۈستىگە پاختا توپى قويۇپ، يېپىشتۇرغۇچ بىلەن تېڭىڭ. 2 – 3 سائەتتىن كېيىن، يېپىشتۇرغۇچنى ئېلىۋېتىپ، بۇ رايوننى تازىلاڭ. بۇ ئۇسۇلنى ئۇدا بىر ھەپتە ھەر كۈنى تەكرارلاڭ.

 

 ئېچىتقۇ ۋە لىمون

بىر قاچىغا ئىلمان سۇ ۋە 2 قوشۇق لىمون سۈيى ئىلاۋە قىلىڭ. قاداقلىق رايوننى بۇ ئارىلاشمىدا 2 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن، ئېچىۇتقۇنى قوشۇڭ. ئاندىن قاداقلىق رايوننى بۇ ئارىلاشمىدا يەنە 5-10 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن، قاداقلارنى ئۇۋۇلاپ چىقىرىڭ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر