سانائەت ئىنقىلابىنىڭ چاقنىغان يۇلتۇزى — توكلۇق ئاپتوموبىللار

«گۈزەل يېڭىلىقلار» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، سانائەت ئىنقىلابىنىڭ چاقنىغان يۇلتۇزى — توكلۇق ئاپتوموبىللار توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز...

1863068
سانائەت ئىنقىلابىنىڭ چاقنىغان يۇلتۇزى — توكلۇق ئاپتوموبىللار

سانائەت ئىنقىلابىنىڭ چاقنىغان يۇلتۇزى — توكلۇق ئاپتوموبىللار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: توكلۇق ئاپتوموبىللار چاقلارنى قوزغىتىش ئۈچۈن ئەنئەنىۋى ماتورنىڭ ئەمەس، بەلكى توكنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىدۇ. ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ئايلىنىدۇ. ئەمما بۇ ئىشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق قىسمى بولۇپ، نۇرغۇن جەھەتلەردە توكلۇق ئاپتوموبىللار ئەنئەنىۋى ئاپتوموبىللارغا ئوخشىمايدۇ.

فوسىل يېقىلغۇلارنىڭ ئورنىنى توك ئىگىلەيدۇ

توكلۇق ئاپتوموبىللاردا چاقنى ئايلاندۇرىدىغىنى لىتىي ئىيونلۇق باتارېيە بولۇپ، سىز ئۇنى تېلېفونىڭىزنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان باتارېيەنىڭ چوڭايتىلغان نۇسخىسى،  دەپ تەسەۋۋۇر قىلسىڭىز بولىدۇ. تېلېفونغا ئوخشاشلا، قوزغىتىش ئۈچۈن بۇ ئاپتوموبىللارغىمۇ توك قاچىلاش ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ توك قاچىلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئاپتوموبىلنىڭ چىراغ، سوغۇتۇش، ئىسسىتىش، ئاۋاز سىستېمىسى قاتارلىق ئىقتىدارلىرىنىڭ ھەممىسى مەزكۇر باتارىيەدىكى توك بىلەن ھەرىكەتلىنىدۇ. توكلۇق ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى باتارىيەسىنى ئۆيلىرىدە تولدۇرىدۇ. ئەمما، بۇ خىل ئاپتوموبىللار بىر قەدەر ئومۇملاشقان ئەللەردە ئاممىۋى توك قاچىلاش نۇقتىلىرى كۆپىيىۋاتىدۇ.

توكلۇق ئاپتوموبىللار بىلەن قانچىلىك يول يۈرىگىلى بولىدۇ؟

نۆۋەتتە بازارغا سېلىنغان توكلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ ئەڭ تۆۋىنى  بىر قېتىم تولدۇرۇلغان باتارىيە بىلەن 130 كىلومېتىر، ئەڭ يۇقىرىسى 630 كىلومېتىر يۈل يۈرەلەيدۇ. توك قاچىلاش ۋاقتىمۇ قاچىلاش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، 1 سائەتتىن باشلىنىپ 47 سائەتكىچە يېتىدۇ. مەسىلەن، ئۆيلەردە ئىشلىتىلىدىغان ئۆلچەملىك ئۇلىغۇچ بىلەن 8 سائەت توك قاچىلانسا، بىرىنچى ئەۋلاد توكلۇق ئاپتوموبىىل تەخمىنەن 200 كىلومېتىر يول يۈرەلەيدۇ.

تۈركىيەنىڭ يەرلىك توكلۇق ئاپتوموبىلى — TOGG نىڭ باتارېيەسىگە 30 مىنۇت ئىچىدە توك قاچىلىغىلى بولىدىغانلىقى، مۇساپىسىنىڭ 500 كىلومېتىرغا يېتىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى. شۇنداق بولغاندا، تۈركىيەنىڭ يەرلىك توكلۇق ئاپتوموبىلى بىلەن ئىستانبۇلدىن ئىزمىرغا ياكى ئەنقەرەدىن ئانتالياغا توختىماستىن يېتىپ بارغىلى بولىدۇ.

توكلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى تېخىمۇ يۇقىرى توك قاچىلاش سۈرئىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان پونكىتلار بىلەنمۇ تەمىنلىمەكتە. بۇ خىل توك قاچىلاش ئورۇنلىرىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپىيىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

ئاپتوموبىل ھەيدەش جەھەتتە قانداق پەرقلەر بار؟

توكلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ قوزغىلىش پىرىنسىپىدىكى ئوخشىماسلىق ئاپتوموبىل ھەيدەش جەھەتتىمۇ بەزى پەرقلەرنى پەيدا قىلىدۇ. توكلۇق ئاپتوموبىللارنى ھەيدەش ئىنتايىن ئاسان. بۇنداق بولۇشى ئۇلارنىڭ توكلۇق بولۇشىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدۇ.

ئالدى بىلەن، ئۇنىڭدا ئادەمنى ئەنسىرىتىدىغان خوت (چىشلىق چاق) يوق. ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ <قوزغات> كۇنۇپكىسىنى بېسىشىڭىز كۇپايە. توكلۇق ئاپتوموبىلنىڭ يۆتكىلىدىغان خوتلىرى يوق. چۈنكى توكلۇق موتورلار خوت بولۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ. ماي پېدالىغا دەسسەش دەرىجىسىگە قاراپ سۈرئىتىنى ئاپتوماتىك ئۆزگەرتىدۇ. ئۇنىڭدا يەنە پورشېن، يېقىلغۇ باكى، گاز چىقىرىش سىستېمىسى، ماي ياكى سۇ پومپىسى قاتارلىقلارمۇ يوق. بۇ ئاپتوموبىللارنىڭ ئاۋازى ئىنتايىن تۆۋەن. توكلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ كۆپىنچىسى پۇتىڭىزنى پېدالدىن كۆتۈرسىڭىزلا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاستىلايدۇ. ئەلۋەتتە، تېزرەك توختاشقا توغرا كەلگەندە ئىشلىتىدىغان تورمۇز بار، ئەمما بەزى كىشىلەر تۇرمۇزنى پەقەت ئاپتوموبىلنى توختاتقاندىلا ئىشلىتىش كېرەك، دەپ قارايدۇ. شۇنداق، توكلۇق ئاپتوموبىللارغا كۆنۈش ئازراق بولسىمۇ ۋاقىت ئالىدۇ.

توكلۇق ئاپتوموبىللار مۇھىتقا زىيان يەتكۈزمەيدۇ؛ مەلۇمكى، دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ مۇھىت مەسىلىسىنىڭ بىرى كاربون تۆت ئوكسىدنىڭ قويۇپ بېرىلىشىدۇر. بېنزىن / دىزېل ئاپتوموبىللىرىنىڭ فوسىل يېقىلغۇ سەرپىياتىدىن كېلىپ چىققان بۇ بۇلغىما، يەرشارى كىلىمات ئۆزگىرىشىدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەبلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

خىتاي، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى پەقەت بىر يىل ئىچىدىلا جەمئىي 20 مىليارد توننا كاربون تۆت ئوكسىد قويۇپ بېرىدۇ.

شۇڭا، ئىنسانلار بۇ بۇلغىمىنى ئازايتىش ئۈچۈن فوسىل يېقىلغۇ سەرپىياتىدىن ۋاز كېچىپ، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەسىگە يۈزلىنىشى كېرەك.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر