بوغۇم ئاغرىقلىرىنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

شىپا بۇلىقى - 47

1859142
بوغۇم ئاغرىقلىرىنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

بوغۇم ئاغرىقلىرىنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

( دوكتور مەھمەت ئۇچار)

ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئوتتۇرىغا چىقىدىغان بوغۇم ئاغرىقلىرى، ئادەتتە كۆمۈرچەك قۇۋۋىتىنىڭ يوقىلىشى، بوغۇم سۇيۇقلۇقىنىڭ تۆۋەنلىشى ياكى يوقىلىشى نەتىجىسىدە كۆرۈلىدۇ.

سۆڭەك ۋە بوغۇم ئاغرىقلىرىنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىچە:

1-ئۇۋۇلاش:

سۆڭەك ئاغرلىرى ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان تۇنجى ئۇسۇل ئەلۋەتتە ئۇۋۇلاشتۇر. مۇۋاپىق مۇھىتتا مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ئۇۋۇلاش ئارقىلىق سۆڭەك ئاغرىقلىرىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، بەزى ئۆسۈملۈك مايلىرىنى ئىشلىتىش كېرەك. ياڭاق مېيى، ئىنەكپىتى مېيى، كوكۇس يېغى ياكى ئات كاشتان يېغى ئۇۋۇلاشقا ماس كېلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈك مايلىرى سايىسىدا سۆڭەكلەردىكى قاننىڭ ئايلىنىشى تېزلىشىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە سۆڭەك ئاغرىقلىرى پەسىيىدۇ.

زەيتۇن يېغى بىلەن ئۇۋۇلاش

ئاغرىق بوغۇملىرىڭىزنى زەيتۇن يېغى بىلەن كۈندە ئىككى قېتىم ئۇۋۇلاڭ. ئۇۋۇلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يۇيۇۋەتمەستىن تېرىڭىزگە يېگۈزۈڭ.

2- چېنىقىش:

دائىم قىسقا مۇساپىگە مېڭىپ بېرىش ئارقىلىق چېنىقىشنى باشلاش مۇمكىن. سۇ ئۈزۈشمۇ ئۈنۈملۈك ئاغرىق پەسەيتىش ئۇسۇلى دەپ ئاتىلىدۇ. يېنىكىدىن باشلاپ، ھەر كۈنى دائىم سۇ ئۈزۈش كېرەك. بۇ ئارقىلىقمۇ سۆڭەك ئاغرىقلىرىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.

3-زەنجىۋىل:

زەنجىۋىل بىر خىل ئاغرىق پەسەيتىش دورىسىدۇر. ھەر كۈنى بىر ئىستاكان زەنجىۋىل چېيى ئىستېمال قىلغاندا، بۇنداق ئاغرىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارنى ئازايتقىلى بولىدۇ. شۇڭلاشقا، دائىم زەنجىۋىل چېيى ئىچىش ياخشىدۇر.

4- چىنار يوپۇرمىقى:

چىنار يوپۇرمىقىنى مەلۇم ۋاقىت ئىسسىق سۇدا ساقلاش كېرەك. ئىسسىق سۇدا مەلۇم ۋاقىت دەملەنگەن يوپۇرماقنى تېرىگە سۈرۈش كېرەك. چىنار يوپۇرمىقىنى سۈرىدىغان جاي پاكىز ۋە مەينەت بولماسلىقىمۇ ناھايىتى مۇھىم، ئەلۋەتتە.

5-زەرچىۋە شەربىتى

 ماتېرىياللار

• يېرىم ھەسەل قوشۇقى زەرچىۋە

• 2 ئىستاكان ئىچىملىك ​​سۇ

تەييارلاش ئۇسۇلى: زەرچىۋەنى سۇغا سېلىپ، تۆۋەن ئوتتا قىزىتىڭ. قاينىغاندا، ئوچاقتىن ئېلىڭ، 6-7 مىنۇت دەملىگەندىن كېيىن، ئەتىگەندە ۋە كەچتە 1 ئىستاكان ئىچىڭ.

6- ئاناناس شەربىتى:

يېڭى سىقىلغان ئاناناس بوغۇم ئاغرىقلىرىغا پايدىلىق بولۇپ، پەي ۋە مۇسكۇل قېتىپ قېلىش  نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان ئىششىقنى ياندۇرىدۇ.

ماتېرىياللار

• 2 تىلىم يېڭى ئاناناس

• 1 لىتىر ئىچىملىك ​​سۇ

تەييارلاش ئۇسۇلى: ئارىلاشتۇرغۇچقا 2 تىلىم ئاناناس سېلىپ، 4 ئىستاكان سۇ، يەنى 1 لىتىر سۇ قۇيۇپ، 5 مىنۇت ئارىلاشتۇرۇڭ. بۇ ئارىلاشمىنى كۈندە 4 قېتىم ئىچىشىڭىز كېرەك. تۈگىگەندە، يېڭىدىن تەييارلاپ ئىچىشنى داۋاملاشتۇرسىڭىز بولىدۇ.

7- زەيتۇن يېغى

تىز ۋە بوغۇم ئاغرىقلىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن تاماقلاردا زەيتۇن يېغى ئىشلىتىش مۇھىمدۇر. ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىنىدىغان زەيتۇن يېغىنىڭ سوغۇق ۋە پىششىقلاپ ئىشلەنمىگەن بولىشىمۇ ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

8-سوغۇق سۇ بېلىقلىرى

تۇننا بېلىقى، سالمون بېلىقى، بېدە بېلىقى ۋە ساردىن بېلىقى قاتارلىق سوغۇق سۇ بېلىقلىرىنىڭ تەركىبىدە ئومېگا - 3 بار بولۇپ، بوغۇم ئاغرىقلىرىغا پايدىلىقتۇر.

9-سۆڭەك شورپىسى

10- دانلىق زىرائەتلەر

يۇقىرى تالا ۋە دانلىق زىرائەتلەرنى تاللاپ ئىستېمال قىلىش كېرەك. تىز ۋە بوغۇم ئاغرىقلىرى بار كىشىلەرگە، بۇغداي، سۇلۇ ۋە قارا بۇغداي ئىستېمال قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

11-مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتاتلار

ئاناناس، بروككولى، سامساق، ئەنجۈر، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار، ئانار، ئۈجمە، بۆلجۈرگەن، ئالما، قىزىلچا، قىزىل يېسىۋىلەك، سەۋزە، كاۋا، تاتلىق بەرەڭگە ۋە پەمىدۇر قاتارلىقلار ئۈنۈملۈكتۇر.

12- ئۈزۈم يوپۇرمىقى

كالتسىينىڭ ئۈنۈملۈك مەنبەسى بولغان ئۈزۈمنىڭ 100 گىرام يوپۇرمىقىدا 392 مىللىگىرام كالتسىي باردۇر. شۇ ۋەجىدىن، ئۈزۈم يوپۇرمىقى سۆڭەك توقۇلمىلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئوزۇقلۇق مەنبەسىدۇر.

13-روزېمارىيە

ياللۇغ قايتۇرغۇچى ئۇزۇقلۇق بولغان روزېمارىيە، بوغۇملاردىكى قاتتىقلىق ۋە ئىششىق قاتارلىق كېسەللىكلەر ئۈچۈن شىپالىق ئۇزۇقلۇقتۇر.

14-بادام

بادام تەركىبىدە مول ۋىتامىن E باردۇر. بادام تەركىبىدىكى شىپالىق ماددىلار تۈپەيلى بوغۇم ئاغرىقلىرىغا پايدىلىقتۇر.

15- زەپەر

زەپەر بوغۇم ۋە مۇسكۇل ئاغرىقلىرىغا ئىنتايىن پايدىلىقتۇر.

16- قەلەمپۇر

قەلەمپۇر ئىستېمال قىلىش بوغۇم ئاغرىقلىرىغا پايدىلىق. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، قەلەمپۇرنىڭ تەركىبىدە كۆمۈرچەك ۋە سۆڭەكنىڭ بۇزۇلۇشىنى ئاستىلىتىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلار باردۇر. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندىمۇ، سوزۇلما خاراكتېرلىك بوغۇم ئاغرىقى بار كىشىلەر ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىقتۇر. بوغۇم ئاغرىقىنى ئازايتىش ئۈچۈن كۈندە ½ 1 چاي قوشۇقى قەلەمپۇر ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر