سۆڭەك ساغلاملىقى ۋە سۆڭەك شالاڭلىشىشنى داۋالاشنىڭ تەبىئىي ئۇسۇللىرى
شىپا بۇلىقى - 46
سۆڭەك ساغلاملىقى ۋە سۆڭەك شالاڭلىشىشنى داۋالاشنىڭ تەبىئىي ئۇسۇللىرى
(دوكتور مەھمەت ئۇچار)
سۆڭەك شالاڭلىشىشنى داۋالاشنىڭ تەبىئىي ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىچە:
• سامساق: ھەر كۈنى سامساقنى كۆپ ئىستېمال قىلسىڭىز، سۆڭەك شالاڭلىشىش ۋە سۆڭەك بوغۇم ياللۇغى خەۋپىنى ئازايتالايسىز.
• ئالما: كۈندە بىر تال ئالما يېيىش ئارقىلىق سۆڭەك شالاڭلىشىشنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ. ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلارنىڭ مىسلىسىز بىرىكمىسى بولغان ئالما سۆڭەك ساغلاملىقىنىڭ كۈچلۈك مەنبەسىدۇر.
• روزېمارىيە: سالاتلىرىڭىزغا بىر نەچچە تال روزېمارىيە قوشۇپ، ئۇنى تاماقتا تېتىتقۇ قىلىپ ئىشلىتىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇشىڭىز، ياكى روزېمارىيە چېيىنى ئىچىپ بېرىشىڭىز، سۆڭەڭلىرىڭىزگە ئىنتايىن پايدىلىقتۇر.
• كوكۇس مېيى: كوكۇس يېغىمۇ سۆڭەك شالاڭلىشىشقا پايدىلىق يېمەكلىكلەرنىڭ بىرىدۇر. ھەر كۈنى 1 قوشۇق ساپ كوكۇس يېغى ئىستېمال قىلغاندا، سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
• ئاناناس: تەركىبىدە مانگان مول بولغان ئاناناس، سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا پايدىلىقتۇر.
• ياۋروپا كەرەپشىسى: ۋىتامىن K مول، سۆڭەك ساغلاملىقى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ئوزۇقلۇق ماددىدۇر. تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، تەركىبىدە ۋىتامىن K يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى يېگەندە، سۇنۇق خەۋىپىڭىزنى تۆۋەنلىتىدىكەن.
• چۆل يالپۇزى: مول مىقداردا ۋىتامىن K بىلەن تەمىنلەيدىغان چۆل يالپۇزى، سۆڭەك ساغلاملىقىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ خىل ۋىتامىننىڭ كەملىكى، سۆڭەك شالاڭلىشىش ۋە سۇنۇقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.
• چۆل رەيھىنى: چۆل رەيھىنى مېيىنىڭ سۆڭەكنىڭ يوقىلىشىغا قارشى مۇداپىئەلىنىش رولى بارلىقى قوبۇل قىلىنىدۇ.
چۆل رەيھىنى مېيى، سۆڭەك شالاڭلىشىش ۋە سۆڭەك ماددىسى بوشىشىش كېسىلىنى داۋالاشتا روزېمارىيەگە قارىغاندا ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرىدۇر.
• ئارپىبەدىيان: بوغۇم ۋە سۆڭەك ئاغرىقلىرىغا شىپادۇر. ئارپىبەدىيان ئۇرۇقلىرى سۆڭەك ئاغرىقلىرىنى پەسەيتىش مەقسىتىدە ئۇۋىلاپ ئىشلىتىلىدۇ. ئارپىبەدىيان، ھەم ياللۇغ قايتۇرۇش ۋە ئاغرىقنى پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە، ھەمدە سۆڭەكنىڭ يېتىلىشى ۋە ئوزۇقلىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
• ئارگۇلا: كالتسىي ۋە ۋىتامىن K نى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۆڭەك ساغلاملىقى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ئاساسلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار مول ئۆسۈملۈكتۇر.
• پىياز: پىيازدىكى گۈڭگۈرت بىرىكمىلىرى سۆڭەكتىكى كوللاگېننى كۈچەيتىشكە تىرىشىدۇ. دىيەتلىرىگە تېخىمۇ كۆپ پىياز قوشقان ئاياللاردا سۆڭەك زىچلىقى ۋە يانپاش سۇنۇش خەۋىپى تۆۋەنرەك بولىدۇ.
• ئۆرۈك: سۆڭەكنىڭ مىنېرال زىچلىقىنى ياخشىلاش ياردەمچىسىدۇر.
• قۇرۇق ئۆرۈك: سۆڭەك ماسسىسىنى كۈچەيتىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، كۈندۈزى تاماق ۋاقتىدىن سىرتقى ۋاقىتلاردا قۇرۇق ئۆرۈك ئىستېمال قىلىشىڭىز ياخشىدۇر. ھەر كۈنى قۇرۇتۇلغان ئۆرۈك ئىستېمال قىلغاندا، سۆڭەك شالاڭلىشىش ۋە سۇنۇقلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
• سۈت: كالتسىي مەنبەسى بولغان سۈت سۆڭەك ساغلاملىقىنى بوۋاق ۋاقتىدىن ئېتىبارەن قوغدايدۇ. سۈتنى كۈندىلىك ئىستېمال قىلغاندا، سۆڭەك شالاڭلىشىش خەۋپىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ. سۈتنى دارچىن ياكى مېۋە ساپمىسى ئىلاۋە قىلىپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ.
• بادام: تەركىبىدە كۆپ مىقداردا كالتسىينى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سۈت بىلەن بادامنى بىرلىكتە ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.
• بەدىيان: تەركىبىدىكى ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار سۆڭەك قۇرۇلمىسى ۋە كۈچىنى ئاشۇرۇش ھەم قوغداشقا تۆھپە قوشىدۇ.
• قېتىق: سۆڭەك ساغلاملىقىنى ۋە ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنى قوغدايدۇ. كۈچلۈك سۆڭەك ئۈچۈن ھەر كۈنى بىر قاچا قېتىق ئىستېمال قىلىش كېرەك.
• لىمون: لىمون سۈيى، مول لىمونلۇق سالات ۋە ئۆيدە ئىشلەنگەن شېكەرسىز لىمون سۈيى سۆڭەك ساغلاملىقىڭىز ئۈچۈن شىپادۇر.
• بېلىق: تەركىبىدە ئومېگا - 3 مول بولغان بېلىقنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق ھەم يۈرەك ساغلاملىقى ھەم سۆڭەك ساغلاملىقىنى قوغدىغىلى بولىدۇ.
• پالەك: مۇسكۇل ۋە سۆڭەكنىڭ شەكىللىنىشىنى قوللايدىغان بولغاچقا، پالەك سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ دۈشمىنىدۇر.
يۇمغاقسۈت: تەركىبىدە تۆمۈر، ماگنىي، كالتسىي ۋە كالىي مول بولۇپ، سۆڭەك شالاڭلىشىشقا قارشى ئىستېمال قىلىنىدۇ. 2 قوشۇق يۇمغاقسۈت ئۇرۇقىنى بىر ئىستاكان سۇدا قاينىتىپ، سوۋۇغاندىن كېيىن ئىچىڭ.
• بروككولى: بروككولىنى ناھايىتى ئاز سۇدا قاينىتىپ ئىستېمال قىلغاندا، سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بروككولى شەربىتىنى ئىچىش ۋە كۆكىنى يېيىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
• زىغىر: بولۇپمۇ ھەيز كېسىلىش دەۋرىدىكى ئاياللارنىڭ زىغىر ئىستېمال قىلىشى تەكىتلىنىدۇ. تاماقلىرىڭىزغا زىغىر مېيى قوشسىڭىز بولىدۇ.
• قىرىقبوغۇم: ئەڭ دەسلەپ سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار كۈندۈزى بىر ئىستاكان قىرىقبوغۇم چېيى ئىچىشى كېرەك. بىر لىتىر سۇغا بىر قوشۇق قىرىقبوغۇم ئىلاۋە قىلغاندىن كېيىن، 5 مىنۇت قاينىتىڭ. 20 مىنۇت سوۋۇتقاندىن كېيىن، بىر ئىستاكان ئىچىڭ. بۇ ئارىلاشمىنى دائىم ئىستېمال قىلىنغاندا، سۆڭەك ئۈچۈن پايدىسى ناھايىتى كۆپتۇر.