يېڭى تاش قوراللار دەۋرى ئانادولۇسىنىڭ «تۇنجى»لىرىغا سەھنە بولغان چايئۆنۈ ئولتۇراق رايونى

«ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، يېڭى تاش قوراللار دەۋرى ئانادولۇسىنىڭ «تۇنجى»لارغا سەھنە بولغان چايئۆنۈ ئولتۇراق رايونى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1850098
يېڭى تاش قوراللار دەۋرى ئانادولۇسىنىڭ «تۇنجى»لىرىغا سەھنە بولغان چايئۆنۈ ئولتۇراق رايونى

يېڭى تاش قوراللار دەۋرى ئانادولۇسىنىڭ «تۇنجى»لىرىغا سەھنە بولغان چايئۆنۈ ئولتۇراق رايونى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سىزنىڭ قارىشىڭىزچە ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىلىرى قايسىلار؟ چاقنىڭ كەشىپ قىلىنىشىمۇ، يېزىقنىڭ ئىشلىتىلىشكە باشلىنىشىمۇ ياكى ئىنسانلارنىڭ ھايۋانلارنى كۆندۈرۈپ، دېھقانچىلىق ئىشلىرىدا پايدىلىنىشىمۇ؟ ئەلۋەتتە، يەنە نۇرغۇن مىساللار، نۇرغۇن بۇرۇلۇش نۇقتىلىرى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۆزىگە خاس مۇھىملىق دەرىجىسى بار. ئەمما «يېڭى تاش قوراللار دەۋرى» تەتقىقاتچىلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغايدۇ. چۈنكى ئۇ ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ قايسى باسقۇچلارنى قانداق ماھارەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق بېسىپ ئۆتكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئانادولۇ زېمىنلىرىمۇ يېڭى تاش قوراللار دەۋرى نۇقتىسىدىن ناھايىتى مۇھىم. يېڭى تاش قوراللار دەۋرى ئانادولۇسىنىڭ چايئۆنۈ ئولتۇراق رايونى نەۋالى چورى، گۆبەكلىتەپە ۋە ياسسىھۆيۈككە ئوخشاشلا مۇھىم بولۇشىغا قارىماي، دېگەندەك تونۇلۇپ كەتمىگەن بىر قەدىمىي رايون.

* * * * *

يېڭى تاش قوراللار دەۋرى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش ئۇزۇن يىللىق بىرىكمە ۋە تەجرىبىلەر مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتىدۇ. بۇ بىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرىكى ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئوۋچىلىق ھاياتىدىن مۇقىم تۇرمۇشقا قەدەم باسقان بىر دەۋر. ئەجدادلىرىمىز ئۇ دەۋردە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇرۇقلىرىنى يىغىپ ئىستېمال قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۇرۇق قىلىپ تېرىپ مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇشنى، ھايۋانلارنى ئوۋلاشنىڭ ئورنىغا كۆندۈرۈپ ئىشلىتىشنى ئۆگىنىدۇ. بۇ مۇقىم ئولتۇراقلىشىش ۋە دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان تۇرمۇش ئادىتى، ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزگىچە بىر دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىنىڭ بېشارىتى دەپ قارىلىدۇ. يېڭى تاش قوراللار دەۋرى كېيىنكى بارلىق مەدەنىيەتلەر ھەمدە بۈگۈنكى دەۋر مەدەنىيىتىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغان نۇرغۇن تەرەققىياتلارنىڭ قوزغاتقۇچى ئامىلى بولىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ تېمىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى يېڭى تاش قوراللار دەۋرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ.

ئىلىم-پەن دۇنياسى 2000 – يىللارنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ دىققىتىنى يېڭى تاش قوراللار دەۋرى تەتقىقاتىغا مەركەزلەشتۈرىدۇ. بۇ تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىسىدە، ئانادولۇنىڭ يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىكى «يادرولۇق رايون» ئىكەنلىكى ئېنىقلىنىدۇ. تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، يېڭى تاش قوراللار دەۋرى مەدەنىيىتىنىڭ ئانادولۇ ئارقىلىق ياۋروپاغا تارقالغان.

بىر مىليون يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان كۆچمەن تۇرمۇش، ئەجدادلىرىمىزغا يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ ۋە بىخەتەر تۇرمۇش جەھەتتە نۇرغۇن بېسىملارنى ئېلىپ كېلىدۇ. مۇقىم تۇرمۇشقا ئۆتۈش بىلەن، بۇ مەسىلىلەر ئاستا – ئاستا ھەل بولىدۇ، بىزنىڭ مەدەنىيلىشىش سەپىرىمىزنىڭ ئاساسى سېلىنىدۇ. شۇنداق، دىيارباكىردىكى چايئۆنۈ ئولتۇراق رايونىنىڭ ئەھمىيىتى مانا مۇشۇ نۇقتىدا گەۋدىلىنىدۇ. چايئۆنۈ، ئىپتىدائىي دەۋردىن تارتىپ ئىككى مىڭ بەش يۈز بويىچە ئىنسانلار ئۈزلۈكسىز ھالدا ئولتۇراقلاشقان جاي. بۈگۈنكى شەھەرلەرنىڭ دەسلەپكى ئۈلگىلىرىنى چايئۆنۈدىن تاپقىلى بولىدۇ. چۈنكى ئۆيلەر، چايئۆنۈ ئولتۇراق رايونىدا تۇنجى قېتىم مەلۇم پىلان بويىچە سېلىنىدۇ. يەرنى چىڭداش ئۈچۈن، بۇ يەرنىڭ ئاھالىسى دۇنيادا تۇنجى بولۇپ بۇ يەردە بىنانىڭ ئۇلىنى سالىدۇ، تۇنجى بېتون ۋە خىشلارنى قۇيىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر، بۇلارنىڭ ئۆز دەۋرىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ۋە بۆسۈش خاراكتېرلىك تەرەققىياتلىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

* * * * *

چايئۆنۈ ئولتۇراق رايونى ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ ئولتۇراقلىشىش تارىخىمىزنىڭ خۇلاسىسى. چۈنكى چايئۆنۈدىكى ئىمارەتلەر ئىپتىدائىي كەپە ئۆيلەردىن تارتىپ يەر ئاستى خانىلىرى بار ئۆيلەرگىچە بولغان مىساللىرى ئارقىلىق ئۆي سېلىشنى قانداق ئۆگەنگەنلىكىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئەينى دەۋرنىڭ بىناكارلىق ساھەسىدىكى ئەڭ مۇھىم تەرەققىياتى، تۇنجى قېتىم چايئۆنۈدە كۆرۈلگەن موزايكاغا ئوخشاپ كېتىدىغان پول بېزەكلىرى ۋە ئۇلار جايلاشقان قۇرۇلۇشلاردۇر. چۈنكى قىزىل رەڭلىك سۇنۇق تاش، قۇم ۋە لايدىن قۇيۇلغان خىش بىلەن ياسالغان بۇ خىل پول بېزەش تېخنىكىسى، ئارىدىن نەچچە ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن رىم دەۋرىدە ئىشلىتىلىشكە باشلانغان موزايكانىڭ باشلامچىسى ھېسابلىنىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر، ناھايىتى زور ئەمگەك سىڭدۈرۈلۈپ سېلىنغان بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ، ئۆز دەۋرىدىلا ئەمەس، دەۋرىمىزدىمۇ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. 

چايئۆنۈ ئولتۇراق رايونىدىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يەنە بىر قۇرۇلۇش «كافاتاسلى قۇرۇلۇشى»دۇر. تۆت يۈزدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ سۆڭىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرۇلۇشنىڭ باشقا ئۈلگىسىنىڭ يوقلۇقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. چۈنكى بۇ ئۆيدە دەپنە قىلىش ۋە قۇربانلىق قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان جاي بولۇش بىلەن بىرگە، ئىسكىلىتلارمۇ ساقلىناتتى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئانادولۇ جۇغراپىيەسىدە ياكى ئۇنىڭ ئەتراپىدا رايونلاردا بۇنداق كۆپ ئىنسان سۆڭەكلىرى تېپىلغان باشقا يەر يوق.

* * * * *

چايئۆنۈ ئولتۇراق رايونى يېزا تۇرمۇشىنىڭ دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان ئەڭ قەدىمكى مىساللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بىزنىڭ ئۆتمۈشىمىزنى يورۇتۇپ بېرىدۇ.

مىسنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ رايوندا ئىسسىتىش ئۇسۇلى ياكى بولقا بىلەن پىششىقلاپ ئىشلىنىپ، مونچاق ۋە زىبۇزىننەتلەرنىڭ ياسالغانلىقى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، بەزى مۇتەخەسسىسلەر، دۇنيا كانچىلىق تارىخىنىڭ چايئۆنۈ ئولتۇراق رايونىدىن باشلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شۇنداق، چايئۆنۈدە ۋۇجۇدقا چىققان يېڭىلىقلارنى، تۇنجىلارنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.

* * * * *

بەش مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، چايئۆنۈدە ئوخشىمىغان بىناكارلىق ئۇسلۇبلىرىدىكى ئۆي – ئىمارەتلەر سېلىنىدۇ. بىر نەچچە يۈرۈش ئاددىي كەپە ئۆيلەردىن باشلانغان ئولتۇراقلىشىش مۇساپىسى قەدەممۇقەدەم ئىلگىرىلەپ، كەنت چوڭلۇقىغا يېتىدۇ. ئورەك كولاش ئارقىلىق سېلىنغان كەپە ئۆيلەر كىشىلەرنىڭ ماتېرىيال ئىشلىتىشكە ماھىرلىشىشى بىلەن بىرلىكتە، كاتەكچە شەكىللىك خانىلەرگە بۆلۈنگەن، ئۇلىغا تاش ياتقۇزۇلغان چوڭ ئۆيلەرگە، قۇرۇلۇشلارغا ئايلىنىدۇ. ئېھتىياجغا ئاساسەن ئۆيلەرگە قوشۇمچە خانىلەر ئىلاۋە قىلىنىدۇ، ئىجتىمائىي ۋە دىنىي ئىمارەتلەر سېلىنىشقا باشلايدۇ. مۇقەددەس قۇرۇلۇشلار، ئاممىۋى ئىمارەتلەر، ئوت ۋە ئەخلەت ساندۇقلىرى، باش سۆڭىكى ئۆيلىرىگە ئوخشاش ئىنتايىن ياخشى لايىھەلەنگەن بىناكارلىق ئېلېمېنتلىرى پەيدا بولىدۇ.

* * * * *

خىش تۇنجى قېتىم چايئۆنۈدە ئىشلىتىلگەن بولۇپ، تۇنجى تاشتىن ئۇل قويۇش، بېتون ئىشلىتىش ۋە پولغا موزايكالارنى ياتقۇزۇش ئۈلگىلىرىنى بۇ يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئەجدادلىرىمىز ئالدى بىلەن ماكاننى تاللايدۇ، ئارقىدىن زاماندا مەڭگۈلۈك ئىز قالدۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولىدۇ. ئۇلار مۇشەققەتلىك يولدا قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلەپ، بۈگۈنكى مەدەنىيەتكە سوزۇلغان يولنىڭ تاشلىرىنى بىر – بىرلەپ ياتقۇزىدۇ. چايئۆنۈدە يۈز بەرگەن ئىشلار، ۋەقە - ھادىسىلەر بىزگە ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسىدە نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر