ئەفەلەر دىيارى ئايدىن

«گۈزەل يېڭىلىقلار» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، داڭلىق تارىخچى ھىرودوت «تەڭرى ياراتقان ئاسماننىڭ ئاستىدىكى ئەڭ گۈزەل زېمىن» دەپ تەسۋىرلىگەن تۈركىيەنىڭ غەربىدىكى گەۋدىلىك ساياھەت شەھەرلىرىدىن «ئەفەلەر دىيارى ئايدىن» توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز.

1849513
ئەفەلەر دىيارى ئايدىن

ئەفەلەر دىيارى ئايدىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: كىلىماتىنىڭ مۇۋاپىق، تۇپراقلىرىنىڭ مۇنبەتلىكى نەزەردە تۇتۇلۇپ «مەدەنىيەتلەر ۋادىسى» دەپ ئاتالغان بۈيۈك مەندەرەس ئويمانلىقى تارىخنىڭ ھەر بىر دەۋرىدە كۈچلۈك مەدەنىيەت تەرەققىياتلىرىغا شاھىت بولۇپ كەلدى. بۇ مەدەنىيەت مۇساپىسىدە ئايدىن مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. شەھەردىن تېپىلغان ساپال بۇيۇملارغا ئاساسلانغاندا، بۇ يەردىكى ئولتۇراقلىشىشنىڭ ئۆتمۈشى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 4500 – يىللارغىچە سوزۇلىدۇ. ئايدىن ھەققىدىكى تۇنجى تارىخىي ئۇچۇرلارنىڭ ھىتىت مەنبەلىرىدىن تېپىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

بىناكارلار ۋە دوختۇرلار شەھىرى — «يەر يۈزىنىڭ تۇنجى نوتىلىق مۇزىكىلىرىنىڭ بىرى بولغان <سەئىكىلوسنىڭ نالىسى>»نىڭ شەھىرى ترالېئىس، ئايدىننىڭ قەدىمكى دەۋردىكى ئولتۇراق رايونىدۇر. بۇ رايوندا تراللېيس، ئافرودىسىئاس، مىلەتوس، ئالىندا، ئالاباندا، نىيسا، ماگنەسىئا، ئامىيزون، پانىئونىئون، نېئوپولىس، ماستاۋرا، ئانتىئوكيا، گەرگا، ئاخاراكا، خارپاسا، پىگىندا، ئورتوسىئا، فىيگەلا قاتارلىق مۇھىم قەدىمكى شەھەرلەر قۇرۇلدى.

ئايدىن بىر زامانىۋى شەھەر بولۇش بىلەن بىرگە، مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي بايلىقلىرى بىلەن بىر ئۈستى ئوچۇق مۇزېيغا ئوخشايدۇ. ئورنى مۇھىم بولغاچقا، تارىختىن بۇيان نۇرغۇنلىغان مەدەنىيەتلەرنى قوبۇل قىلغان بۇ شەھەر، بىزنى تارىختىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان تارىخنىڭ ئىزلىرىنى كۈرۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدىغان مۇھىم ساياھەت شەھەرلىرىنىڭ بىرى.

مەدەنىيەت بىلەن ئارخولوگىيەلىك بايلىقلىرى ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن، گۈزەل تەبىئەت بىلەن دېڭىز ئۆزگىچە رەڭ بېغىشلىغان ئايدىن، ئەگە دېڭىزى رايونىدىكى كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان ئۆزگىچە ساياھەت شەھىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئايدىندىكى كۆرۈشكە تېگىشلىك جايلار قاتارىدا تراللېيس قەدىمىي شەھىرى، قۇشئاداسى، گۈۋەرجىنئادا قەلئەسى، مىلەتۇس ۋە دىديما، دىدىم مارىنا، ئاپوللون بۇتخانىسى، ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى —يۇنېسكونىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىدىكى بۇ قەدىمكى شەھەردە يەنە، رىم ئىمپېراتورى ئاۋگۇسۇسنىڭ «ئانادولۇدىكى مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان شەھەر» دەپ ئاتىغان ئافرودىسىئاس، ماگنېسيا ئاد مېئاندرۇم قەدىمكى شەھىرى، ئالاباندا قەدىمكى شەھىرى، ئالىندا قەدىمكى شەھىرى، دىلەك يېرىم ئارىلى، بۈيۈك مەندەرەس دېلتاسى دۆلەتلىك باغچىسى قاتارلىقلارنى ساناش مۇمكىن.

ئايدىن سۈيى پاكىز كۆك بايراقلىق سۇ ئۈزۈش ئورۇنلىرى بىلەنمۇ مەشھۇر بولۇپ، ئاياللار دېڭىز ساھىلى، گۈۋەرجىنئادا دېڭىز ساھىلى، پىگالە دېڭىز ساھىلى، ئالتىنقۇم دېڭىز ساھىلى، دىدىم ئاقبۈك دېڭىز ساھىلى، تاۋشانبۇرنۇ دېڭىز ساھىلى قاتارلىقلار بۇلارنىڭ بەزىلىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئايدىندىكى نۇرغۇن ئۆڭكۈر، ئۆستەڭ ۋە يايلاقلارمۇ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.

ئايدىننىڭ ئۆزىگە خاس يەرلىك تاماقلىرى بار بولۇپ، بۇ دائىرىدە پىدە (ئاق نان)، كەشكەك، پاشا بۆرەگى (قاتلىمىسى) ۋە يەرلىك ئۆسۈملۈك تاماقلىرىنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن.

قۇشئاداسى ئالتۇن كەپتەر فېستىۋالى، تۈركىيەنىڭ پوپ مۇزىكىسى ساھەسىدە ئەنئەنىۋى شەكىلدە داۋاملىشىۋاتقان بىردىنبىر ناخشا - مۇزىكا مۇسابىقىسى بولۇپ، 30 نەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە. ھەر يىلى ئىيۇلدا  ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ ناخشا – مۇزىكا مۇسابىقىسى، ھازىرغىچە تۈرك پوپ ناخشا – مۇزىكا دۇنياسىغا قىممەتلىك سەنئەتچىلەرنى سەپلەپ، ئەھمىيىتىنى كۈنسېرى ئاشۇرماقتا. مۇسابىقە بىلەن بىرلىكتە ھەر خىل كونسېرتلار، پائالىيەتلەر ۋە ئويۇنلار سەھنىسىگە ئايلىنىدىغان بۇ فېستىۋال، ئوخشىمىغان سەنئەتكارلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن بىر مۇزىكا زىياپىتى مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. قوشئاداسىدا ئۆتكۈزىدىغان يازلىق تەتىللىرىڭىزنىڭ بىرىدە بۇ فېستىۋالنىڭ جۇشقۇن كەپىياتىغا جۈر  بولسىڭىز بولىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر