يېڭى ھەربىي ھەرىكەت

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (41)

1840759
يېڭى ھەربىي ھەرىكەت

يېڭى ھەربىي ھەرىكەت

يېڭى ھەربىي ھەرىكەت

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (41)

(جان ئاجۇن)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «يېڭى ھەربىي ھەرىكەت» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ** **** *** *** ****

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تۈركىيە چېگراسىدىكى تېررورلۇق تەھدىتىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن تېل رىفات ۋە مەنبىچتە پ ك ك/ي پ گ ئۇنسۇرلىرىنى تازىلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى، سۈرىيە ئۇرۇش مەيدانىدا غايەت زور ھاياجان پەيدا قىلدى. تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى ۋە سۇرىيە مىللىي ئارمىيەسىنىڭ كېرەكلىك تەييارلىقلارنى تاماملاپ، بۇ رايونلارغا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت ئېلپ بېرىشى مۆلچەرلەنمەكتە. ئۇكرائىنا كرىزىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان يېڭى گېئوپولىتىكىلىق تەڭلىمىنىڭ سۈرىيەگە كۆرسەتكەن تەسىرى ئوتتۇرىغا چىققان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ كەسكىن باياناتىدىن كېيىن، كۆزلەر سۈرىيە مەيدانىغا مەركەزلەشتى. تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى ۋە سۇرىيە مىللىي ئارمىيەسى زۆرۈر بولغان ھەربىي تەييارلىقلارنى قىلىپ، تېل رىفات ۋە مەنبىج رايونىدىكى پ ك ك/ي پ گ ئۇنۇسرلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن كۈتۈشنى باشلىدى.

تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ 2016-يىلى رۇسىيەنىڭ ھاۋادىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن تېل رىفاتنى ئىشغال قىلىپ، ئاھالىلىرىنى قوغلاپ چىقارغان، ئاندىن دائېشقا قارشى تۇرۇش نامىدا ئامېرىكانىڭ ھاۋادىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن مەنبىچنى ئىشغال قىلىپ، ھەر ئىككى رايوننىڭ ھۆكۈمرانلىقنى ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋالغان ھەمدە رايوندىكى ياشلار ۋە كىچىك بالىلارنى مەجبۇرىي قوراللاندۇرۇپ، ئەرەبلەر بىلەن تۈركمەنلەرنى يۇرت ماكانلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىش ئارقىلىق نوپۇس قۇرۇلمىسىنى  ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغان ئىدى.

تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ  بۇ ھەر ئىككى رايوننى ئازەز، ئافرىن، باب ۋە جارابلۇس قاتارلىق شەھەرلەرگە تېرورلۇق ھۇجۇمى قىلىش ئۈچۈن بازا ئورنىدا ئىشلەتمەكتە. شۇڭا تۈركىيە ھەم دۆلەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ھەم سۈرىيەدىكى رايونلارنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېرورلۇق ئۇنسۇرلىرىنى تازىلاشنى مەقسەت قىلماقتا.

نەتىجىدە، تېل رىفات ۋە مەنبىچتىكى پ ك ك ئۇنسۇرلىرى رۇسىيە ۋە سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ قوغدىشى ئاستىغا كىرىۋىلىپ، مەۋجۇتلىقىنى ساقلاشقا ئۇرۇنماقتا. ئۇكرائىنا كرىزىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان يېڭى گېئوپوتىكىلىق تەڭلىمىلەر تۈركىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكەت باشلىشى ئۈچۈن كەڭ پائالىيەت رايونى ھازىرلاپ بەرمەكتە. تۈركىيە رۇسىيە بىلەن دىپلوماتىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، بۇ جەريانلارنى ياخشى باشقۇرۇش ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ رايونردىن چېكىنىپ چىقىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشماقتا.  رۇسىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچرىشىشلار ۋە سۆھبەتلەردىن كېيىن  تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى بىلەن  سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ھەرىكەتكە  ئۆتىدىغانلىقىنى ۋە  ئېغىر قارشىلىقلارغا ئۇچرىماستىن رايوننى  تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن تازىلايدىغانلىقىنى ئالدىن تەخمىن قىلىشقا بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر