پېرا ​​پالاس مېھمانخانىسى

بىلىۋېلىڭ - 40

1838386
پېرا ​​پالاس مېھمانخانىسى

پېرا ​​پالاس مېھمانخانىسى

ئىستانبۇلنىڭ تارىخىي پېرا ​​پالاس مېھمانخانىسىنىڭ داڭلىق شەرق تېز پويىزى ئۈچۈن ياسالغانلىقىنى بىلەمسىز؟

1888-يىلى پارىژدىن يولغا چىقىپ، 80 سائەتلىك سەپەردىن كېيىن ئىستانبۇلغا كەلگەن ھەشەمەتلىك شەرق تېز پويىزىنىڭ يولۇچىلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك بيۇروكراتلار، سەنئەتكارلار ۋە ئاقسۆڭەكلەر ئىدى. پويىزنىڭ سەرخىل يولۇچىلىرى ئىستانبۇلغا كەلگەندە، ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمىتى ياخشى ئالىي مېھمانخانىلاردا تۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈككەنىدى، ئەمما ئىستانبۇلدا بۇنداق مېھمانخانا يوق ئىدى. بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، پېرا ​​پالاس مېھمانخانىسى قۇرۇلۇشى 1892-يىلى باشلاندى ۋە ئۈچ يىلدا تاماملاندى.

بۇ مېھمانخانا ئىستانبۇلنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر كۆپ بولغان، «كىچىك ياۋروپا» دەپ تەسۋىرلىنىدىغان  بەيئوغلۇنىڭ تەپەباشى رايونىغا جايلاشقان. ئىستانبۇلدىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك بىنالارنىڭ بىرى ۋە تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئۆلچىمىدىكى تۇنجى مېھمانخانىسى بولغان پېرا ​​پالاس، 1895-يىلى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەن. بۇ مېھمانخانا يەنە ئىستانبۇلدىكى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى سارايلىرىنىڭ سىرتىدا توك بىلەن تەمىنلەنگەن تۇنجى لىفىت ۋە ئىسسىق سۇغا ئىگە تۇنجى بىنا ھېسابلىنىدۇ.

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان ئىستانبۇلدا نۇرغۇنلىغان مۇھىم ۋەقەلەرگە شاھىت بولغان پېرا ​​پالاس، پەقەت تۈركىيەدىلا ئەمەس، خەلقئارالىق مۇنبەرلەردىمۇ ناھايىتى مۇھىم سىمۋول – بىنا ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر