تۈركىيەنىڭ مولداۋىيەسى — سالدا كۆلى

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، مارستىكى ئويمانلىقلارغا ئوخشايدىغان دۇنيادىكى بىردىنبىر جاي — تۈركىيەنىڭ مولداۋىيەسى — سالدا كۆلى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1815840
تۈركىيەنىڭ مولداۋىيەسى — سالدا كۆلى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئاسمان نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلدى. بۇلۇتسىز بىر كېچىدە يۇلتۇزلارنى تاماشا قىلىش، ئالەم بوشلۇقىغا غەرق بولۇپ خىيال سۈرۈش، باشقا دۇنيالار ھەققىدە ئويلىنىش كۆپىنچە ھاللاردا تولىمۇ نورمال ئىش ھېسابلىنىدۇ. بەلكىم بىز رومانتىك ھېسسىياتنىڭ ياكى فانتازىيەلىك ھېكايىلەرنىڭ تەسىرىدە ئاسماننىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىغا شۇڭغۇشىمىز مۇمكىن. ئەمما تەتقىقاتچىلار ئۇزۇندىن بۇيان ئوخشىمىغان دۇنيالارنى تەكشۈرۈش، دۇنيانىڭ سىرتىدا جانلىقلارنىڭ بار - يوقلۇقىنى بىلىش ئۈچۈن ئاسمان، باشقىچە ئېيتقاندا ئالەم بوشلۇقى ھەققىدە ئىزدىنىپ كەلمەكتە.

* * * * *

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن باشلانغان ئالەم بوشلۇقى تەتقىقاتى، ئىنسانلارنىڭ ئاي شارىغا قەدەم بېسىشى بىلەن يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويدى. ئۇ يىللاردا ئاي شارى بىلەن بىرلىكتە باشقا سەييارىلەر ئۈستىدىمۇ تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلدى. مارس بۇ سەييارىلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى؛ چۈنكى مارسمۇ يەرشارىمىزغا ئوخشاش قۇرۇقلۇق پىلانېتاسى بولۇپ، قۇياشقا ئانچە يېقىن ئەمەس ئىدى. شۇ يىللاردىن تارتىپلا مارستا ھاياتلىق بار-يوقلۇقى تەتقىق قىلىنىشقا باشلاندى. ئەمما، كىلىمات ئۆزگىرىشى، سۇ مەنبەلىرىنىڭ خىرىسقا دۇچ كېلىشى ۋە مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىپ كېتىش سۈرئىتىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، 90-يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپ مارسنى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ سۈرئىتى ئاشتى. بۈگۈنكى كۈندە بۇ تەتقىقاتلار چارەك ئەسىرنى ئاللىقاچان ئارقىدا قالدۇردى. قىزىل پىلانېتانىڭ بىزگە ياشاش پۇرسىتى بېرىپ – بەرمەيدىغانلىقىنى بىلىش مەقسىتىدە ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردا ئوخشمىغان مەقسەتتىكى چارلاش كېمىلىرى ئەۋەتىلدى ۋە بۇ سايىدا قىزىل پىلانېتا مارسقا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاش مۇمكىن بولدى. ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (ناسا) 2020-يىلى تەكشۈرۈشلەر مەركەزلەشكەن مارستىكى جېزېرو ئويمانلىقىغا چارلاش ماشىنىسى ئەۋەتىشتىن بۇرۇن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى.

«گەرچە ئارىسىدا غايەت ئۇزۇن مۇساپىلەر بولسىمۇ،  تۈركىيەدىكى سالدا كۆلى، مارستىكى جېزېرو ئويمانلىقى بىلەن گېئولوگىيەلىك ئوخشاشلىققا ئىگە. تەتقىقاتچىلار، ھەتتا مارسقا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن رايوندا ئەمەلىي مەيدان تەكشۈرۈشلىرى ئېلىپ باردى» دېگەن سۆزلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تۈركىيەنىڭ تەڭداشسىز كۆلى سالداغا تارتتى.

* * * * *

بۇردۇردىكى ئاپئاق قۇم ۋە كۆپكۆك سۇلۇق سالدا كۆلى «تۈركىيەنىڭ مولداۋىيەسى» دەپ ئاتىلىدۇ. دەرۋەقە، سالدا كۆلى بىلەن مولۋادىيەنىڭ سۈرىتىنى يانمۇيان قويغىنىڭىزدا بىر - بىرىدىن پەرقلەندۈرۈشىڭىز ھەقىقەتەن قىيىنغا توختايدۇ. سالدا كۆلى تورۇس تېغى ئېتىكىدىكى ئىككى مىليون يىل ئىلگىرىكى بىر قېتىملىق يەر تەۋرەش نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن بىر كۆل. ئۇ بىر يانار تاغ كۆلى بولغاچقا، سۈيىدە سودا ۋە ماگنىي ماددىسى مول. كىشىلەر كۆزلىرىنى ئۈزەلمەيدىغان ئۇ ئاپئاق قۇملارنىڭ شەكىللىنىشىگە تۆھپە قوشقىنى دەل ماگنىيلاردۇر. ماگنىينى سۈمۈرۈپ، ئوخشىمىغان قەۋەت ھاسىل قىلغىنى بولسا، كۆلدىكى باكتېرىيەلەردۇر. سالدا كۆلىدە 24 سائەت بويىچە ئوكسىگېن ئىشلەپچىقىرىدىغان باكتېرىيەلەر بار. كۆلنى ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەيدىغان بۇ باكتېرىيەلەر، دۇنيادىكى تۇنجى جانلىقلار ھېسابلىنىدۇ. باكتېرىيەلەر سايسىدا شەكىللەنگەن بۇ قەۋەتلەر (قاتلاملار) ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ پارچىلىنىپ بۇ ئادەتتىن تاشقىرى گۈزەل ئاپئاق قۇملارنى ھاسىل قىلىدۇ. كۆلگە بۇ ھەيۋەتلىك تۇرخۇن رەڭگىنى بېغىشلىغىنى دەل مۇشۇ باكتېرىيە مەنبەلىك ئاق تاش پارچىلىرىدۇر. بۇ تاش پارچىلىرىنىڭ بۇنىڭدىن 3 مىليارد 500 مىليون يىللار بۇرۇن شەكىللىنىشكە باشلىغانلىقى مەلۇم. سالدا كۆلىنى باشقا كۆللەردىن پەرقلەندۈرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكمۇ بۇ يەردە نامايان بولىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر، بۇ شەكىللەردە دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى ۋە ئىپتىدائىي تۇرمۇش شەكلى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ خاتىرىلەنگەنلىكىنى قەيت قىلىشماقتا. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئاق تاش پارچىلىرى گۈزەل مەنزىرە بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە ئىلىم-پەن دۇنياسى ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك ئۇچۇرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى ئۇلار يەرشارىدىكى ئەڭ قەدىمكى تاشقا ئايلانغان ماددىلار بولۇپ، دۇنيادا پەقەت ئىككىلا ئورۇندا كۆرۈلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ بىرى تۈركىيەنىڭ سالدا كۆلىدە، يەنە بىرى كانادانىڭ ئالچىچىكا كۆلىدە. شۇڭلاشقىمۇ ناسا تەتقىقات گۇرۇپپىسى، مارستىكى جېزېرو ئويمانلىقىدا چارلاش ئېلىپ بېرىشقا ئاتلىنىشتىن ئىلگىرى سالدا كۆلىگە كېلىپ دەسلەپكى تەييارلىقلارنى قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

جېزېرو ئويمانلىقىدىكى دېلتا بىرىكمىلىرىگە ئاساسەن، تەتقىقاتچىلار بۇ يەردە بىر چاغلاردا بىر كۆل بولغانلىقىغا، ئويمانلىقتىن تېپىلغان كاربونات مىنېراللىرىنىڭمۇ بۇ كۆلدە ھاسىل بولغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. سالدا كۆلىنىڭ ئەھمىيىتى دەل مۇشۇ نۇقتىدا نامايان بولىدۇ. چۈنكى سالدا كۆلى مارس ئويمانلىقىدىكى كاربونات ۋە دېلتاغا ئوخشايدىغان قۇرۇلمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىردىنبىر كۆل. كاربوناتلار مىكرو ئورگانىزملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇھىتتىكى ھەممە نەرسىنى قاپلىغانلىقتىن، بىر چاغلاردىكى ھاياتلىقنىمۇ ئىسپات بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، سالدانىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئاپئاق قىرغىقى ۋە كۆلنىڭ گېئولوگىيەلىك قۇرۇلمىسىمۇ مارستىكى جېزېروغا ئوخشايدۇ. شۇڭلاشقا سالداغا كەلگەن تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەر، ئۆزلىرىنى مارستىكى ئويمانغا قاراۋاتقاندەك ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتقان ھەمدە مارسقا قىزىقىدىغانلارنىڭ سالداغا بېرىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىكەن.

* * * * *

سالدا كۆلى ئۆزىنىڭ گېئولوگىيەلىك قۇرۇلمىسى بىلەن مارسنى؛ ئاپئاق قۇم ۋە كۆپكۈك سۈيى بىلەن مولداۋىيەنى ئەسلىتىدۇ. ئەمما، سالدا كۆلى پەقەت بۇلاردىنلا ئىبارەت ئەمەس. تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭقۇر كۆللەرنىڭ بىرى بولغان بۇ سېھرىي كۈچكە ئىگە كۆل، ئۇنىڭدىكى يەرلىك جانلىقلار سەۋەبىدىن «مۇھىم تەبىئىي رايون» سالاھىيىتىگە ئىگە. ئۇ يەنە دۇنيا مىقياسىدىكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان جانلىقلارنىڭمۇ بىخەتەر ماكانى. سالدا كۆلى ئەتراپى بىلەن بىرلىكتە يەرشارىۋى قىممەتكە ئىگە سۇلۇق يەر بولۇپ، ئۆسۈملۈكلەر ۋە مۇھىم قۇشلار رايونى ئۆلچىمىگە ماس كېلىدۇ.

* * * * *

سالدا كۆلى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەكىللەر سەۋەبىدىن مارس تەتقىقاتىنىڭ تەبىئىي تەجرىبىخانىسى دەپ قارىلىدۇ. تەتقىقاتچىلار ئۇزۇندىن بۇيان كىشىلەرنىڭ ئەقلىنى غىدىقلاپ كېلىۋاتقان «مارستا ھاياتلىق بارمۇ؟» دېگەن سوئالنىڭ جاۋابىنى سالدادىن ئىزدىمەكتە. تەتقىقاتچىلار، ئەگەر بىزگە ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشلەرنى سۇنۇۋاتقان ئاق قۇملار نەچچە مىليون يىللىق باكتېرىيەلەرگە ساھىبخانلىق قىلغان ۋە قىلىۋاتقان بولسا، بۇنىڭغا ئوخشاش ئىش مارستىمۇ يۈز بېرىدىغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا. بۈگۈنگە قەدەر ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىسىدە، مارسنىڭ سۇ مەنبەسى، يانار تاغلار ۋە ئىللىق كىلىماتقا ئىگە ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. گەرچە ھازىرچە ياشاشقا ماس شارائىت ھازىرلىمىغان بولسىمۇ، مارستا بىر ئۈمىد نۇرى باردەك قىلىدۇ. مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر مارستا ھاياتلىق ياكى تۇرىدىغان جاي بار دېگەن خۇش خەۋەر تارقىتىلىدىغان كۈننى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە. شۇنداق، بەلكىم بىر كۈنى ئىنسانلار مارستا ياشاشنىڭ يولىنى تېپىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇ كۈن كەلگۈچە بىز قولىمىزدىكى دۇنيانى قولىمىزدىن كېلىشىچە ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر