مىرا قەدىمكى شەھىرى

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، مىرا قەدىمكى شەھىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1808822
مىرا قەدىمكى شەھىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سۇ ھايات – ماماتلىق ئەھمىيەتكە ئىگە بولغاچقا، ئۆتمۈشتىن بۇيان كىشىلەر دېڭىز، دەريا ياكى ئۆستەڭلەرگە ئوخشاش سۇ بويلىرىنى ماكان تۇتۇشنى ياخشى كۆرۈپ كەلدى. بىراق، ھايات – ماماتلىق ئەھمىيەتكە ئىگە شۇ سۇ، بەزىدە ئولتۇراق رايونلىرى ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ ۋەيران قىلغۇچىسى بولسا، يەنە بەزىدە سۇ مەنبەسىنىڭ ئۆزى دۈشمەنگە ئايلاندى. باشقىچە ئېيتقاندا، تويۇقسىزلا كەلگەن كەلكۈن غايەت زور تارىخنى قۇملار ئاستىغا كۆمۈۋەتكەن، ھايات – ماماتلىق ئەھمىيەتكە ئىگە سۇ ھاياتلىققا خاتىمە بەرگەن چاغلارمۇ بولدى. مىروس دەرياسى، يەنى بۈگۈنكى كۈندىكى دەمرە ئۆستىڭى بويىغا بەرپا قىلىنغان قەدىمكى مىرا شەھىرىمۇ مەزكۇر قىسمەتنى باشتىن كەچۈردى. ئانادولۇنىڭ پومپېئىسى دەپ ئاتالغان مىرا، ئۆز دەۋرىنىڭ داڭلىق شەھەرلىرىنىڭ بىرى ئىدى. بۇ ئوخشىتىش يانار تاغ پارتلىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بىر چاغلاردا ئۆزىگە ھاياتلىق ئاتا قىلغان دەريانىڭ تېشىپ شەھەرنى پاتقاق قاپلاپ كەتكەنلىكى، پۈتكۈل مەدەنىيەتنى قامال قىلىۋالغانلىقى ئۈچۈندۇر.

* * * * *

لىكيا بىرلەشمىسى تارىختىكى تۇنجى دېموكراتىك ئىتتىپاق بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. مىرا ئەنە شۇ ئىتتىپاقنىڭ پايتەختى بولغان مۇھىم شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، «ئەڭ پارلاق شەھەر» دەپ ئاتىلاتتى. مىرا دېگەن بۇ ئىسىمنىڭ رايوندا كۆپ ئۆسىدىغان مەرسىن ئۆسۈملۈكىنىڭ مېيى «مۈر»دىن كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئەسىرلەر جىمجىتلىقىغا كۆمۈلۈپ قالغان بۇ شەھەر، قەدىمكى مەنبەلەردە «لىكيانىڭ ئەڭ گۈزەل بۇتخانىسى» دەپ بايان قىلىنغان ئارتېمىس بۇتخانىسى ۋە باش تەڭرى ئاپوللونىڭ كاھىنلىق بۇتخانىسىغا ساھىبخانلىق قىلماقتا.

قەدىمىي شەھەرنىڭ 11 مىڭ ئادەم سىغىدىغان تىياتىرخانىسى ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇشى دەپ قارىلىدۇ. ئۇ ئىككى قەۋەتلىك سەھنە بىناسى ۋە ئورۇندۇقلىرى بىلەن لىكيا رايونىنىڭ ئەڭ ياخشى ساقلىنىپ قالغان تىياتىرخانىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بىناكارلىقىدىن باشقا، بۈركۈت، قارىغان كىشىنى تاشقا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ، دەپ قارىلىدىغان مېدۇسا، ئەپسانىۋى دېڭىز جانلىقلىرى بولغان سىرەنلەرنىڭ سۈرەتلىرى قاپارتما ھالەتتە كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ. پاتقان قاپلاپ كەتكەن شەھەرنىڭ نەقەدەر ھەيۋەتلىك ئىكەنلىكىنىڭ ئىپساتى مانا بۇ تىياتىرخانىدۇر.

* * * * *

مىرا قەدىمكى تىياتىرخانىسىغا يۇقىرىدىن قاراپ تۇرىدىغان قىيالىقلاردا ساياھەتچىلەرنىڭ ھەممىدىن بەك دىققىتىنى تارتىدىغان قۇرۇلمىلار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. قەدىمكى مىرادىن زامانىمىزغا ساقلىنىپ قالغان بۇ سېھرىي كۈچكە ئىگە قۇرۇلۇشلار، ئەمەلىيەتتە نېكروپول، يەنى بىر قەبرىستانلىقتىن ئىبارەت. يىراقتىن قارىغاندا ئۆيلەرگە ياكى كىچىك بۇتخانىلارغا ئوخشايدىغان بۇ قەبرىلەر، لىكيا رايونىدىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك ۋە جەلپكار تاش قەبرىلەردۇر. تاشلارغا ئويۇلغان، ئۈستۈنكى قىسمى ئۆگزىگە ئوخشايدىغان قەبرىلەر، ئۆز دەۋرىنىڭ ياغاچ ئۆيلىرىگە تولۇق تەقلىد قىلىپ ياسالغان. قەبرىلەرنىڭ شەكلى ۋە ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللار، ئۆلگۈچىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدە قەبرىدە ياتقان ئادەمنىڭ ھاياتىدىكى كۆرۈنۈشلەر تەسۋىرلەنگەن قاپارتما رەسىملەر بار.

لىكيا رايونىدا ئۆي تىپىدىكى قەبرىلەرنىڭ تېپىلىشى تاسادىپىيلىق ئەمەس، چۈنكى ئۇلار ئۆلۈمنى ئاخىرلىشىش ئەمەس، بەلكى ئورۇن ئۆزگىرىشى دەپ قارايتتى. ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن ھاياتلىرىنى مۇشۇ قەبرىلەردە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. بۇ سەۋەبتىن، ئۇ دۇنيادا راھەت كۆرسۈن ئۈچۈن، كىيىم-كېچەك ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان قاچا-قۇچا قاتارلىق نۇرغۇن نەرسىلەر ئۆلگەن كىشىنىڭ قەبرىسىگە قويۇپ قويۇلاتتى. قويۇلىدىغان نەرسە - كېرەكلەر ئۆلگۈچىنىڭ جىنسى ۋە قىلىۋاتقان خىزمىتىگە ئاساسەن ئوخشىمايتتى. قەدىمكى يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن تاش قەبرىلەر ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى تاپقىلى بولىدۇ. ئۇ يازغۇچىلارنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، يىلنىڭ مەلۇم كۈنلىرىدە قەبرىلەرگە يېمەكلىك ۋە ئىچىملىك قويۇپ قويۇلاتتى، گۈل ۋە مېۋىلەردىن ياسالغان گۈلچەمبىرەكلەر ئورۇنلاشتۇرۇلاتتى. ئۆلۈكلەرنى يامان روھلاردىن قوغداش ئۈچۈن قەبرىلەر بويىلاتتى.

مىرانىڭ كۆپ قىسمى بۈگۈنكى كۈندە نەچچە مىڭ كۇب مېتىر تۇپراقنىڭ ئاستىدا ياتماقتا. بىراق، ئۆلۈمنىڭ سىمۋولى بولغان قەبرىلەر گويا ھاياتنىڭ تەركىبى قىسمى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكچى بولغاندەكلا، بۈگۈنكى كۈندىمۇ قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا. تاش قەبرىلەر قىزىقارلىق بىناكارلىقى ۋە دەپنە قىلىش ئەنئەنىلىرى بىلەن دەۋرىمىز زىيارەتچىلىرىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلماقتا.

* * * * *

مىرانىڭ قەدىمكى دەۋردىكى خەلقئارا سودا مەركىزى ئاندرىياك ئىدى. بۇ يەردە بىنەپشە رەڭ ئىشلەپچىقىرىلىپ شەھەر ئىقتىسادىغا مۇھىم تۆھپە قوشۇلغانىدى. بۇ رەڭ بىر خىل تېكەنلىك  دېڭىز قۇلۇلىسى بولغان مورەكلەرنى بولقا بىلەن ئېزىپ، پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق روياپقا چىقىرىلاتتى. 1 گىرام بىنەپشە رەڭ ئىشلەپچىقرىش ئۈچۈن مىڭلىغان مورەك قۇربان قىلىناتتى. بۇ رەڭنى ئىشلەپچىقىرىش ناھايىتى جاپالىق بولغاچقا، ئۆزى قىممەتلىك، باھاسى يۇقىرى ئىدى. بۇ بىنەپشە رەڭنى «تېپىلماس» قىلغان نەرسە، ئۇنى پەقەت ئىمپېراتورلار بىلەن يۇقىرى قاتلامدىكىلەرلا ئىشلىتىدىغان بولۇشى ئىدى.

رەڭ ئىشلەپچىقىرىشتىن ئېشىپ قالغان قالدۇقلار قايتىدىن پىششىقلاپ ئىشلىنىپ، «مۇرېكس» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل سىمونت ياسىلاتتى؛ سىمونت ئاندرىياكقا خاس ئىدى. ئانادولۇدىكى بۇ سىمۇنت تۇنجى بولۇپ ئىشلىتىلگەن جاي، ئاندرىياكنىڭ ئەڭ مۇھىم قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى بولغان «گارانارىئۇم»، يەنى ئاشلىق ئامبىرى ئىدى. ئىككى مىڭ يىل مۇقەددەمكى چاغلاردىن زامانىمىزغىچە ساقلىنىپ قالغان بۇ قۇرۇلۇش، بۈگۈنكى كۈندە لىكيا مەدەنىيەتلىرى مۇزېي سۈپىتىدە ئىشلىتىلمەكتە. ئۇ بىزنى لىكيا بىرلەشمىسىنىڭ بىباھا قالدۇقلىرى ئارقىلىق مۇھىم مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلىمەكتە.

* * * * *

گەرچە ئۆزىنىڭ تارىخى ۋە خاراكتېرى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان بولسىمۇ، مىرانىڭ زامانىمىزدىكى داڭقىنىڭ چىقىشى ئەۋلىيا نىكولاس بىلەن مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى بۇ قەدىمكى شەھەر خىرىستىيان دىنىنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك ئەۋلىياسى نىكولاس ياكى سانتا كلاۋۇس بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقان جاي. بالىلار ۋە ماتروسلارنىڭ قوغدىغۇچىسى دەپ قارىلىدىغان ئەۋلىيا نىكولاس مىرادا ئېپىسكوپ ئىدى. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن «ئەۋلىيالىق» دەرىجىسىگە يېتىدۇ. ئۇ ۋاپات بولغاندا، دەمرەدىكى ئەۋلىيا نىكولاس چېركاۋىغا دەپنە قىلىنىدۇ. تاملىرىدا ئەۋلىيا نىكولاسنىڭ مۆجىزىلىرى ۋە خىرىستىيان دىنىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر ئورۇن ئالغان بۇ چېركاۋ، ئوتتۇرا ئەسىر بويىچە ھەج مەركىزى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ. دېڭىز يولى ئارقىلىق قۇددۇسقا بارىدىغان ئېتىقادچىلار، مىرادا توختاپ، ئەۋلىيا نىكولاس چېركاۋىنى زىيارەت قىلىپ ھاجىلارغا ئايلىنىدۇ. مەلۇمكى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭغا بېغىشلانغان ئىككى مىڭدىن ئارتۇق چېركاۋ بار. بۇلارنىڭ باشلامچىسى ۋە ئەڭ مۇھىمى مىراغا، يەنى دەمرەگە جايلاشقان.

* * * * *

ئانادولۇدا يەر ئاستىدا ئۇخلاۋاتقان ۋە نەچچە ئەسىرلىك سىرلارنى ئاشكارىلاش پەيتىنىڭ كېلىشىنى جىمجىت ھالەتتە ساقلاۋاتقان نۇرغۇن جايلار بار… ئانتاليانىڭ دەمرە رايونىدىكى مىرا قەدىمىي شەھىرىمۇ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئۇيقۇدا… بۈگۈنكى كۈندە، شەھەرنىڭ كىرىش قىسمىدىكى ئېگىز قىيالىقلارغا ئويۇلغان ئۆي تىپىدىكى قەبرىلىرى، تىياتىرخانىسى ۋە سېھرىي كۈچكە ئىگە ئاشلىق ئامىبرى زىيارەتچىلەرنى قارشى ئالماقتا. بۇ ھەيۋەتلىك شەھەر قېزىش خىزمىتى ئارقىلىق قايتىدىن يورۇق كۆرىدىغان كۈنلەرنى  كۈتمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر