پاتارا قەدىمكى شەھىرى...

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، قەدىمكى پاتارا شەھىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلاردىن بەھرىمەن بولىمىز.

1804949
پاتارا قەدىمكى شەھىرى...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئانادولۇ زېمىنلىرىدا ئېرالارنىڭ مېلودىيەسى ياڭرايدۇ. ھەر بىر قەدەمدە ئوخشىمىغان ئىشىكلەر ئېچىلىپ، كىشىنى ئۆتمۈشنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىغا ئېلىپ بارىدۇ... تارىختىن بۇيان سۆزلىنىپ كېلىۋاتقان بىر – بىرىدىن پەرقلىق ھېكايىلەر ئاڭلىغۇچىلارنى بىر ئەللەي ناخشىسى مىسالى ئىلكىگە ئېلىۋالىدۇ. قۇلاق سېلىۋاتقىنىڭلار بەلكىم ھەممىگە تونۇشلۇق ھېكايە بولۇشىمۇ، رىۋايەتكە ھاياتلىق ئاتا قىلغان، مىڭلارچە يىل مۇقەددەمكى چاغلاردىن بىزگىچە يېتىپ كەلگەن قىسسە بولۇشىمۇ مۇمكىن. قانداقلا بولمىسۇن، ئۇ بىزنى خۇددى بىر ماياكنىڭ نەچچە يۈز يىل ئىلگىرىكى چاغلارغا تەكلىپ قىلغىنىغا ئوخشاشلا، ئۆزىنىڭ تىكلىمە تاشلىرى، لاي تاختايلىرى ياكى ئىلاھ ھەيكەللىرى بىلەن بىر زامان تونېلىغا تەكلىپ قىلىدۇ.

* * * * *

شائىرلار ماياكلارنى «دولقۇنلار پادىچىسى» ياكى «قىيالىقلار شاھزادىسى» دەپ ئاتايدۇ… تۇنجى ماياكلارنىڭ ياسىلىشى ئۆيلىرىگە قايتىش يولىدىكى بېلىقچىلارنىڭ قىرغاقنى تېپىشىغا ياردەمچى بولۇش ئۈچۈن ئوت يېقىش پىكرىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلاتتى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى دېڭىزدىكىلەرگە پورت ۋە شەھەرنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى. ئۇ زامانلاردا دېڭىزلاردىكى خەۋپلەرنى كۆرسىتىپ بېرىش رولىنى ئويناش دەۋرىنىڭ كېلىشىگە تېخى ئۇزۇن ۋاقىت بار ئىدى. قەدىمكى دەۋرلەردە پاراخوت ياساش جەھەتتىكى ئىلگىرىلەشلەرگە ئەگىشىپ ماتروسلارنىڭ سانىمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى. دېڭىز چىراغلىرى (باشقىچە ئېيتقاندا ماياكلار) يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىنتايىن مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالدى. ئۇلار ماتروسلارنى قىيالىقلارغا سوقۇلۇپ كېتىشتىن، ئېقىنلارغا قۇربان بولۇشتىن ئاگاھلاندۇرىدىغان، بوران – چاپقۇن پەيتلىرىدە پاناھلىنىدىغان بىخەتەر پورتلارنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ھايات قۇتقۇزغۇچىلار ئىدى. ئۇلار نۇرغۇن ماتروسلارنى تۇمانلار ئارىسىدا غايىب بولۇشتىن، ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرغان، دېڭىز دولقۇنلىرىغا دوئېل ئېلان قىلغان قەھرىمانلارغا ئايلاندى.

تەخمىنەن ئىككى مىڭ يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان پاتارا ماياكىمۇ دەل ئەشۇ قەھرىمانلارنىڭ بىرى... رىم ئىمپېراتورى نېرون بۇ ماياكنى ئابرۇي قازىنىش مەقسىتىدە ياساتقۇزغان بولۇپ، نېروننىڭ رىمنى كۆيدۈرگەنلىكىگە ئائىت ھېچقانداق پاكىت يوق، ئەمما ماياك ئۈستىدىكى ئالتۇن يېزىق ئۇنى نېروننىڭ ياساتقۇزغانلىقىنىڭ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئىسپاتى ھېسابلىنىدۇ.

ئانتاليانىڭ قاش ناھىيەسىدىكى پاتارا ماياكى دۇنيانىڭ تۇنجى ماياكى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ ئەسلىي ماتېرىياللىرىغا تايىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈۋاتقان تۇنجى ۋە بىردىنبىر ماياك بولۇپ، ئومۇمىي ئېگىزلىكى 30 مېتىردىن ئاشىدۇ. ئۇنىڭ چوڭلۇقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئۈچۈن يەتتە قەۋەتلىك بىر بىنانى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرسىڭىز بولىدۇ!

ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن ئىككى سىلىندىر ۋە پەلەمپەيلىك بۇ ماياك ناھايىتى يۇقىرى ئىنژېنېرلىق تەجرىبىسىگە تايىنىپ ياسالغان بولۇپ، ئۇزۇن يىللار بويىچە يەر تەۋرەشلەر ۋە باشقا شارائىتلارغا قارشى قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئەپسۇسكى، پاتارا ماياكى 8.1 بال چوڭلۇقتىكى رودوس يەر تەۋرىشى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنك يۈز بەرگەن دېڭىز تاشقىنىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.

* * * * *

بىز پاتارانىڭ پەقەت ماياكى توغرىسىدىلا توختالدۇق، ئەمما ئۇنى ئانادولۇنىڭ، ھەتتا دۇنيانىڭ تۇنجىلىرى قاتارىغا كىرگۈزگەن يەنە بىر ئالاھىدىلىكىمۇ بار؛ ئىككى مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ قەدىمىي شەھەردە دۇنيانىڭ تۇنجى دېموكراتىك پارلامېنت بىناسىمۇ بار. ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر مونتېسكيۇ بۈگۈنكى كۈندىمۇ قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇۋاتقان پارلامېنت بىناسىنى «قەدىمكى دۇنيانىڭ ئەڭ مۇكەممەلى» دەپ ماختىغانىدى. پاتارا ئۆزىنىڭ قەدىمكى تىياتىرخانىسى، رىم زەپەر ئابىدىسى، چېركاۋلىرى، ھاماملىرى، كىچىك تۆپىلىك قەبرىستانلىقى ۋە شەھەرگە يىگىرمە كىلومېتىر يىراقلىقتىن سۇ ئېلىپ كېلىدىغان ئېرىقى بىلەن بۈگۈنكى كۈندە ھەم كىلاسسىك ئارخېئولوگىيەگە ھەمدە ئوتتۇرا ئەسىر تەتقىقاتىغا چىغىر ئاچماقتا.

پاتارا گىرېك دەۋرىنىڭ مۇھىم شەھىرى ئىدى. ئۇ يەنە رىم دەۋرىدە لىكيا ئىتتىپاقىنىڭ پايتەختى بولغانىدى. بۇلاردىن باشقا شەرقىي ئاقدېڭىزنىڭ قەدىمكى دەۋردىكى ئۈچ چوڭ ئاشلىق ئامبىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئانادولۇدىن رىمغا بارىدىغان دانلىق مەھسۇلاتلار، بۇ پورت شەھەردە ساقلىناتتى. پاتارانىڭ ئەپسانىلەردىمۇ ئالاھىدە ئورنى بار. چۈنكى ئەپسانىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىلاھلىرىنىڭ بىرى بولغان نۇر ۋە سەنئەت ئىلاھى ئاپوللو پاتارادا تۇغۇلغان دەپ قارىلىدۇ. ئاپوللو ئانادولۇلۇق بىر تەڭرى بولغاچقا، بۇ تۇپراقلاردا ئۇنىڭغا ئاتاپ نۇرغۇن بۇتخانا ۋە قۇربانلىق سۇپىلىرى سېلىنغانىدى.

ئەھمىيىتى ئەپسانىلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغان پاتارا، دىنلار تارىخىدىمۇ مۇھىم رول ئوينىغانىدى. رىۋايەتلەردە سانتا كلائۇس (روژدېستىۋو بوۋاي) دېگەن نام بىلەن تونۇلغان ئەۋلىيا نىكولاس پاتارالىق ئىدى. خىرىستىيان دىنىنى تارقىتىش ئۈچۈن ئانادولۇنى ئايلىنىپ چىققان ئەۋلىيا پائۇل، رىمغا كېتىش ئۈچۈن پاتارادىن پاراخوتقا ئولتۇرغانىدى. لىكىيە ئىتتىپاقى، خىرىستىيان دىنى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئىزنىك كېڭىشىگە پاتارا ئېپىسكوپىنىڭ ئىمزاسى بىلەن قاتنىشىپ ۋەكىللىك قىلاتتى.

* * * * *

بىز قەدىمكى دەۋرنىڭ چولپىنى ئورنىدىكى لىكىيەنىڭ پايتەختى بولغان پاتارانى تەسۋىرلەپ تۆگىتىپ بولالمايمىز. بۇ سېھرىي كۈچكە ئىگە مەدەنىيەتنىڭ ئىزلىرىنى، تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئۇزۇن مۇساپىلىق پىيادىلەر يولى بولغان «لىكىيە يولى»نى بويلاپ قوغلاش مۇمكىن. 550 كىلومېتىرلىق بۇ يول ئوخشىمىغان قىزىقىشلارغا ئاساسەن ئوخشىمىغان لىنىيەلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە بىر ماياك دۇنيانىڭ ئەڭ ياخشى ئۇزۇن مۇساپىلىك پىيادىلەر يوللىرى دەپ قارىلىۋاتقان لىكيا يولى بويىغا جايلاشقان؛ تۈركىيە دېڭىز قىرغاقلىرىنىڭ ئەڭ ئېگىز ماياكى ھېسابلىنىدىغان «گەلىدونيا ماياكى»، بۇ يول بويىدىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان مەنزىرىلىرى بىلەن بىرلىكتە كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.

* * * * *

ماياكلار قەدىمكى دەۋرلەردىن باشلاپ ئۆزلىرى تەۋە شەھەرلەرنىڭ ھەربىي ۋە ئىجتىمائىي - ئىقتىسادىي كۈچىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئېلېمېنتلارنىڭ بىرى بولۇپ، فۇنكسىيەسى ۋە بىناكارلىقى بىلەن ئىزچىل ھالدا دىققەت مەركىزى بولۇپ كەلدى. ئاتكرىتكا، ماركا، تامغىدىن تارتىپ رەسىم، كىنو، شېئىر ۋە رومانغىچە بولغان كەڭ ساھەدىن ئۆزىنىڭ مۇناسىپ ئورنىنى تاپتى. گەرچە ئۇ بەزىدە قورقۇنچنىڭ، بەزىدە يالغۇزلۇقنىڭ سىمۋولى دەپ قارالسىمۇ، ئەمما ئۇ يالغۇزلۇقنىڭ قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلالمايدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى. ئەمەلىيەتتە، ماياكلار دېڭىزدىكىلەرنى يېتەكلەپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزىنى يالغۇز دەپ ئويلايدىغانلارغىمۇ يېتەكچىلىك قىلىدىغان مەغرۇر، ئەمما كۈچلۈك قۇرۇلۇشلاردۇر. گەرچە بۈگۈنكى كۈندە دېڭىز تىرانسپورتىدا ئىلغار تېخنىكىلار ئىشلىتىلىدىغان بولسىمۇ، ئەمما كاشىلا كۆرۈلگەندە ئېھتىياج چۈشىدىغان مۇھىم ۋە كەم بولسا بولمايدىغان ئېلېمېنتلارنىڭ بىرىدۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر