ئانادولۇدىكى تاش كۆۋرۈكلەر...

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، ئانادولۇدىكى تاش كۆۋرۈكلەر ھەققىدە ئۇچۇر بېرىمىز...

1780405
ئانادولۇدىكى تاش كۆۋرۈكلەر...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بىرەر كۆۋرۈكنى كۆرگىنىڭىزدە، دەرھال ئۇنى بېسىپ ئۆتكۈڭىز كېلەمدۇ، كۆۋرۈكلەر سىزنى جەلپ قىلامدۇ؟ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈۋاتقىنىڭىزدا، تۇرۇۋاتقان يېرىڭىز ئېسىڭىزگە كېلەمدۇ؟ ئۆزىڭىزنى ئىككى قىرغاقنىڭ ئوتتۇرىسىدا دەپ ئويلامسىز؟ ياكى سىزنىڭ قارىشىڭىزچە، كۆۋرۈك پەقەت تۇرمۇشنى ئاسانلاشتۇرىدىغان يولدىنلا ئىبارەتمۇ؟

كۆۋرۈكلەر بىر قۇرۇلۇش بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇچرىشىشلارنىڭ، توسالغۇلارنى يېڭىشلەرنىڭ ياكى باشقا دۇنياغا يېتىشنىڭ سىمۋولىدۇر. ئۇلار يۇنان ئەپسانىلىرىدە ھەسەن-ھۈسەندۇر. سىكاندىناۋىيە ئەپسانىلىرىدە يىلتىزى يەردە، شاخلىرى ئاسمانغا تاقىشىدىغان، ئىككى دۇنيانى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان، تەڭرىلەر دۇنياسىغا يېتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان مۇقەددەس دەرەخ بولۇپ، بۇنىڭغا ئوخشاش دەرەخ تۈرك ئەپسانىلىرىدىمۇ ئۇچرايدۇ. «ھاياتلىق دەرىخى» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ دەرەخ، بۇ دۇنيانى ئاخىرەتكە تۇتاشتۇرىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى دەۋرلەردىكى شامان دۇمباقلىرىدا «جەننەت كۆۋرۈكى» دەپ ئاتىلىدىغان ھەسەن-ھۈسەن رەسىملىرى ئۇچرايدۇ. يىراق شەرق ئەقىدىسىدە يەر بىلەن ئاسمان ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈك ئىنساندۇر. كۆۋرۈكلەر پەقەت بىر قۇرۇلۇش بولۇشتىن ھالقىغان مەنىلەرگە ئىگىدۇر، ئۇلار ئۆتمۈشى بىزنىڭ يىلتىزىمىز بىلەن تۇتاشتۇر. شۇڭلاشقا، ئۇ دۇنيادىكى نۇرغۇن مەدەنىيەتلەردە ئوخشىمىغان سىمۋوللۇق مەنىلەر بىلەن ئۆز ئورنىنى تاپماقتا.

* * * * *

كۆۋرۈكلەر ئۆتمۈشتە پەقەت بىر قىرغاقتىن يەنە بىر قىرغاققا ئۆتۈش ئۈچۈنلا ئىشلىتىلەتتى. كىشىلەر دەرەخ غوللىرى ياكى ئۈزۈم تاللىرىدىن پايدىلىنىپ دەريا ۋە جىلغىلاردىن ئۆتۈشكە تىرىشاتتى. بىراق، بۇ ئۇسۇل ھەممىلا دەريا ياكى جىلغىلارغا ماس كەلمەيتتى، شۇڭا چوقۇم ئوخشىمىغان ھەل قىلىش چارىسى تېپىش زۆرۈر ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، بۇ قېتىم كىشىلەر تاشلار، ياغاچلار ۋە ياغاچ تالالىرىدىن پايدىلىنىپ ئىپتىدائىي شەكىلدىكى ئاسما كۆۋرۈكلەرنى ياسايدۇ. ياغاچ چىداملىق بولمىغاچقا، كۆۋرۈك ياساشتا تاشلار ئىشلىتىلىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، تاش ۋە ياغاچلارنىڭ ئورنىنى بېتون، تۆمۈر ياكى پولات ماتېرىياللار ئىگىلەيدۇ. دەرەخ تالالىرىنىڭ ئورنىنى تۆمۈر زەنجىرلەر، زەنجىرلەرنىڭ ئورنى پولات سىم ئارغامچىلار ئالىدۇ... كۆۋرۈكلەر ئىنسانىيەتنىڭ تېخنىكا ۋە ئىلىم-پەن تەرەققىياتىدىكى ئورنىنى نامايان قىلىپ بېرىدىغان بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرىغا ئايلىنىدۇ.

مەنبەلەر، تۇنجى كۆۋرۈكنىڭ خىتايدا سېلىنغانلىقىنى يازسىمۇ، ئەمما ئۇ كۆۋرۈكلەرنىڭ قالدۇقلىرى يوق. بۇ سەۋەبتىن، دۇنيانىڭ ئەڭ قەدىمكى كۆۋرۈكى سۇمېرلار تەرىپىدىن ياسالغان، دەپ قارىلىدۇ. قالدۇقلىرى تېپىلغان بەش مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ كۆۋرۈك ئىراقتىدۇر. گەرچە سۇمېرلار كۆۋرۈك سالغان بولسىمۇ، ئەمما كەڭ ئارىلىقلاردىن ئۆتۈشتە دېگەندەك مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ. كۆۋرۈكلەر پەقەت رىم ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ياسىلىشقا باشلايدۇ. كەمەرلىك ئۆتۈشمىلەردىن تەركىب تاپقان ئۇ كۆۋرۈكلەرنىڭ بەزىلىرى ھازىرمۇ بار. رىم دەۋرى كۆۋرۈكلىرىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى، شۇنداقلا ھازىرمۇ ئىشلىتىلىۋاتقان مىساللىرى ئىچىدە ئانادولۇدىكىلىرى ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدۇ. ئادانادىكى تاشكۆپرۈ (تاش كۆۋرۈك)، ئىزمىردىكى كەرۋان كۆۋرۈكى ۋە ئادىياماندىكى كەندەرە كۆۋرۈكى قاتارلىقلار ئۇلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

* * * * *

ئادانا ئانادولۇدىكى ئەڭ قەدىمكى ئولتۇراق رايونلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ تارىخى ھىتىتلارغا تۇتىشىدۇ. ئادانا قەدىمكى دەۋرلەردىن باشلاپ كارۋانلارنىڭ بېسىپ ئۆتۈش تۈگۈنى بولۇپ كەلدى. ئۇ رىم ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى مۇھىم شەھەر ئىدى. چۈنكى، ئىمپېرىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى زېمىنلىرىغا ئادانادىكى تاشكۆپرۈدىن ئۆتۈپ بارغىلى بولاتتى. بۇ كۆۋرۈك رىم دەۋرىدىن تارتىپ تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە فۇنكسيەسىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان دۇنيانىڭ ئەڭ قەدىمكى كۆۋرۈكى دەپ مۆلچەرلەنمەكتە. سەيخان دەرياسىدىكى تاشكۆپرۈ بۇنىڭدىن تەخمىنەن مىڭ ئالتە يۈز يىل ئىلگىرى نورمال تاش ۋە مەرمەر تاشلاردىن ياسالغان. كونا ئويمىلار تەكشۈرۈلگىنىدە، كۆۋرۈكنىڭ ھەر ئىككى كىرىش ئېغىزىدىكى «قەلئە دەرۋازىسى» دەپ ئاتىلىدىغان چوڭ ئەگمىلىك دەرۋازا ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. بۇ دەرۋازىلار شەھەرگە كىرگۈچىلەر تەكشۈرۈلىدىغان ھەمدە سىرتتىن كەلگەن سودىگەرلەردىن باج ئېلىنىدىغان جايلار ئىدى. كېيىنكى دەۋرلەردە كۆۋرۈكنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر مەنزىرە تاماشا قىلىش رايونى قوشۇلىدۇ ۋە بۇ يەرگە بىر ساراي سېلىنىدۇ.

ئۆز دەۋرىنىڭ ئىلغار تېخنىكا ۋە ئىنژېنېرلىق بىلىمى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تاشكۆپرۈ (تاش كۆۋرۈك)، سەيخان دەرياسىغا ئوخشاش چوڭ دەريالاردىن ئۆتۈش ئۈچۈن يىگىرمە بىر ئۆتۈشمىلىك قىلىپ لايىھەلىنىدۇ. ئادانانىڭ سىمۋوللىرىنىڭ بىرى بولغان 310 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى كۆۋرۈكنىڭ بۈگۈن كۈندە ئون تۆت ئۆتۈشمىسى بار بولۇپ، ئۇ 1600 يىلدىن بېرى شەھەرنىڭ ئىككى تەرىپىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرماقتا.

* * * * *

كۆۋرۈكلەر قەدىمكى دەۋرلەردىن باشلاپلا كىشىلەر، شەھەرلەر ۋە دۆلەتلەرنى ئۇچراشتۇرۇپ كەلمەكتە... ئۇلار تىنچ ياكى شاۋقۇنلۇق ئاقىدىغان دەريالار ئۈستىدە تۇرۇپ نۇرغۇن ئۇرۇشلار، نۇرغۇن ئايرىلىش ۋە دىدارلىشىشلارغا شاھىت بولىدۇ. بەزىلەر ئېقىۋاتقان دەريالاردىن بىخەتەر كېسىپ ئۆتۈشتە پايدىلانسا، بەزىلەر ناھايىتى كەڭ دەريا ۋە جىلغىلارنى كېسىپ ئۆتۈش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن پايدىلىنىدۇ. دەسلىپىدە بىر قىرغاقتىن يەنە بىرقىرغاققا ئۆتۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن كۆۋرۈكلەر، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ سودا ۋە ھەربىي مەقسەتلەر ئۈچۈن سېلىنىشقا باشلايدۇ. سانائەت ئىنقىلابىدىن كېيىنكى تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئېشىشى تۆمۈر كۆۋرۈكلەرنىڭ ياسىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، تېخىمۇ چوڭ ۋە تېخىمۇ چىداملىق كۆۋرۈكلەر قۇرۇلۇشقا باشلىنىدۇ.

كۆۋرۈكلەر سېلىنغان دەۋرلىرىنىڭ تېخنىكىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان خەلق بىناكارلىقىنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت كىشىلەر ياكى قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشلا ئەمەس؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلار بىزنىڭ ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسى ئوتتۇرىسىدىكى رىشتىمىزدۇر، بىر قۇرۇلۇشتىن ھالقىغان نەرسىلەردۇر... كۆۋرۈكلەر شەھەرلەرنىڭ سىمۋوللىرىدۇر، كۆپىنچە شەھەرلەر كۆۋرۈكلىرى بىلەن خاتىرىلىنىدۇ. ئۇلار ئۇچرىشىش، دىدارلىشىشلارنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان تۈگۈنىدۇر. ئۇلارنىڭ ناملىرى كىنو، رومان، غەزەل ۋە خەلق ناخشىلىرىدىن ئورۇن ئالىدۇ... كۆۋرۈكلەر ھاياتىمىزدا ئويلىغىنىمىزدىنمۇ كۆپ ئورۇن ئىگىلەيدۇ.

* * * * *

چورۇمنىڭ خاتتۇشا ئارخولوگىيە تەكشۈرۈش رايونىدىكى خارابىلىك، ئاناتولىيەنىڭ قەدىمكى دەۋردىن قالغان ئەڭ كونا كۆۋرۈكىنىڭ قالدۇقىدۇر. بەزى مەنبەلەرگە قارىغاندا، ئەدىرنەدىكى ئۇزۇنكۆپرۈ دۇنيانىڭ ئەڭ ئۇزۇن تاش كۆۋرۈكى. قارادېڭىزنىڭ <جۇدۇن> ئۆستىڭى ئۈستىگە سېلىنغان قوش كۆۋرۈك (چىفتە كۆپرۈ) ئىككى تەرەپنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. تەكگۆز (بىر كۆز) كۆۋرۈكى ئانادولۇ سەلجۇقىيلىرىنىڭ قىزىلئىرماق (قىزىل دەريا)قا سالغان تۇنجى كۆۋرۈكىدۇر. ساكاريا دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرۇۋاتقان جۇستىنىئانس كۆۋرۈكى، دەسلەپكى ۋىزانتىيە دەۋرىنىڭ بۇ جايلاردىكى ئەڭ كۆركەم ئابىدىۋى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى، شۇ ۋەجىدىن ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى —يۇنېسكونىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋاقىتلىق تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالماقتا. بۇرسادىكى ئىرگاندى كۆۋرۈكى ئەگمە شەكىللىك ئۆتۈشمىلىرىنىڭ ئۈستىدە قاتار- قاتار دۇكانلىرى بار تۈركىيەنىڭ بىردىنبىر، دۇنيانىڭ تۆت بازار كۆۋرۈكىنىڭ بىرى. دىيارباكىردىكى مالابادى كۆۋرۈكى دۇنيانىڭ زامانىمىزغىچە ساقلىنىپ قالغان ئەڭ چوڭ ئەگمە شەكىللىك تاش كۆۋرۈكى. قىسقىسى، ئانادولۇنىڭ قايسىلا شەھىرىگە بارسىڭىز، ئالدىڭىزدا چوقۇم مەيلى چوڭ ياكى كىچىك، بەزىلىرى ھەيۋەتلىك كۆۋرۈكلەر نامايان بولىدۇ. ئانادولۇ زاماننىڭ ئۈن-تىنسىز گۇۋاھچى كۆۋرۈكلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى مىساللىرى بىلەن تولغان. ھەتتا ئانادولۇنىڭ ئۆزىمۇ بىر كۆۋرۈكتۇر! ئاسىيا بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدا نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان رول ئويناپ كەلگەن ئادەتتىن تاشقىرى گۈزەل كۆۋرۈك... ئەسىرلەردىن بۇيان مەدەنىيەتلەر بىلەن بىرلىكتە غايەت زور تارىخ بۇ كۆۋرۈكنى بېسىپ ئۆتمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر