تىنچلىق باغچىسى

بىلىۋېلىڭ - 22

1779734
تىنچلىق باغچىسى

    ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىدا 24 دۆلەتتىن كەلتۈرۈلگەن كۆچەتلەر  ئورۇن ئالغان «تىنچلىق باغچىسى» نىڭ بارلىقىنى بىلەمسىز؟

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستافا كامال ئاتاتۈركنىڭ مەقبەرەسى جايلاشقان ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيى، 750 مىڭ كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى ساھەگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ ساھەنىڭ تەخمىنەن 630 مىڭ كۋادرات مېتىرلىق قىسمىنى «تىنچلىق باغچىسى» تەشكىل قىلىدۇ.

ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيى قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە، يەر كۆچۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئەتراپىدا يېشىل بەلۋاغ بەرپا قىلىش ئۈچۈن، 1946-يىلى كۆچەت تىكىش خىزمىتى باشلانغان. ئاتاتۈركنىڭ «مەملىكەتنىڭ تىنچلىقى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى» شۇئارىغا ئاساسەن، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن ۋە تۈركىيەنىڭ بەزى رايونلىرىدىن كەلتۈرۈلىدىغان كۆچەتلەر ئارقىلىق «خەلقئارا تىنچلىق باغچىسى» بەرپا قىلىش پىلانلانغان. «مەملىكەتنىڭ تىنچلىقى» شوئارىغا ۋەكىللىك قىلىش ئۈچۈن، ئىستانبۇل، ئەنقەرە، ئەسكىشەھىر ۋە سامسۇندا ئۆستۈرۈلگەن ئون مىڭلارچە كۆچەتلەر كەلتۈرۈلگەن. «دۇنيانىڭ تىنچلىقى» شوئارىغا ۋەكىللىك قىلىش ئۈچۈن،  24 دۆلەتكە  تەكلىپنامە ئەۋەتىلگەن. ئافغانىستان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، گېرمانىيە، ئاۋسترىيە، بېلگىيە، خىتاي، دانىيە، فىنلاندىيە، فىرانسىيە، ھىندىستان، ئىراق، ئەنگىلىيە، ئىسپانىيە، ئىسرائىلىيە، شىۋېتسىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، كانادا، قىبرىس، مىسىر، نورۋېگىيە، پورتۇگالىيە، يۇگۇسلاۋىيە ۋە گىرېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن تۈرلۈك دەرەخلەر ۋە كۆچەتلەر كەلتۈرۈلگەن.

بۈگۈنكى كۈندە، ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى قورشاپ تۇرىدىغان «تىنچلىق باغچىسى» دا 104 خىل ئوخشىمىغان تۈردىكى تەخمىنەن 50 مىڭ بېزەك دەرىخى، چاتقال ۋە بېزەك ئۆسۈملۈكى باردۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر