ئۇكرائىنا كىرىزىسى بارغانچە چۇڭقۇرلاشماقتا

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (22)

1769892
ئۇكرائىنا كىرىزىسى بارغانچە چۇڭقۇرلاشماقتا

ئۇكرائىنا كىرىزىسى بارغانچە چۇڭقۇرلاشماقتا

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (22)

(مۇرات يېشىلتاش)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ خەۋپسىزلىك تەتقىقاتلىرى دىرىكتورى ۋە يازغۇچىسى مۇرات يېشىلتاش تەرىپىدىن تەييارلانغان « ئۇكرائىنا كىرىزىسى بارغانچە چۇڭقۇرلاشماقتا» تېمىلىق ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ***** *******  ** ******

ئۇكرائىنا كرىزىسى بارغانسىرى چوڭقۇرلاشماقتا. ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئاخىرىقى مۇزاكىرادىنمۇ تەلەپ قىلىنغان نەتىجە چىقمىدى. رۇسىيەنىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتى تەلىپىگە ئامېرىكانىڭ قانداق جاۋاب قايتۇرغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. ۋاشىنگىتون ھۆكۈمىتى موسكۋادىن مەكتۇپنىڭ مەزمۇنىنى خەلقئارا جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماسلىقنى تەلەپ قىلدى. بۇنىڭ ئۆزىلا ئوتتۇرىدا يوشۇرۇن بىر سودىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئەتراپىدا ھەربىي قىسىملارنى توپلاش ھەركىتى پۈتۈن سۈرئىتى بىلەن داۋاملاشماقتا. ئەگەر مۇزاكىرىلەر مەغلۇبىيەت بىلەن نەتىجىلەنسە، رۇسىيەنىڭ ھەربىي قەدەم تاشلايدىغانلىقى ئېنىق. لېكىن بۇ قەدەمنىڭ دائىرىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئېنىقسىزلىقلار تېخىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە.

ئۇكرائىنا كرىزىسىنىڭ نۇرغۇن ئوخشىمىغان دىنامىك تەرىپى بار. بەلكىم بۇ دىنامىك تەرىپىنىڭ ئەڭ مۇھىمى، كرىزىسنىڭ پەقەت ئۇكرائىنا بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقى بولىشى مۇمكىن. رۇسىيە ۋە غەرب ھەر ئىككىسى كرىزىسنى يېڭى گېئوپولىتىكىلىق ھېسابلىشىش دەپ قارىماقتا. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى بىر پۇرسەت دەپ قارىغان ۋە «ئوچۇق ئىشىك» سىياسىتى دائىرىسىدە رۇسىيەگە قاراپ كېڭەيگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا جاۋابەن ئەمدىلىكتە رۇسىيە غەربنىڭ ئاجىزلىقىنى پۇرسەت بىلىپ يېڭى ھەرىكەتلەرنى باشلىماقتا. بۇ ھەرىكەت ئاساسلىقى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى رۇسىيەگە «يېقىن جايلار» دەپ ئاتالغان رايوندىن ئۇزاقلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلماقتا. بۇ رۇسىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. غەربكە نىسبەتەن بۇ ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسىغا قارشى تاشلانغان بىر قەدەم. موسكۋانىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتى گويا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزا دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا رۇسىيەنىڭ يېقىن رايونىدىن چېكىنىشىنى تەلەپ قىماقتا. بۇ تەلەپنى قوبۇل قىلىش ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسىنى قايتا قۇرۇپ چىقىشىغا توغرا كېلىدۇ دېگەنلىك بولىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، غەربتە تولۇق بىر ئورتاق تونۇش يوق. گېرمانىيەنىڭ سىياسىتى ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. بېرلىن ھۆكۈمىتى ئۇكرائىناغا قارىتىلغان قورال ياردىمىگە قارشى تۇرماقتا ۋە رۇسىيەگە قارىتا «تىنچلاندۇرۇش» سىياسىتىنى يولغا قويۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بولۇپمۇ تەبىئىي گاز مەسىلىسىدە رۇسىيەگە تايىنىدىغان گېرمانىيە، ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە تۇتقان قاتتىق پوزىتسىيىسىنىمۇ قوللىمايدىغاندەك قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن  فرانسىيەمۇ ئوخشاش بولمىغان مەيدان تۇتماقتا. ئامېرىكا خىتايغا بەكرەك مەركەزلىشىمەن دەپ، رۇسىيە تەھدىتىنى تۆۋەن چاغلاپ قالغاندەك قىلىدۇ.

تۈركىيە كرىزىسنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ ئۇرۇشقا ئايلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن تىرىشماقتا. ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا مۇرەسسەلەشتۈرگۈچى بولۇش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ 3-فېۋرالدا ئۇكرائىنادا زىيارەتتە بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ زىيارەتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى رۇسىيە بىلەن ئۇۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى كرىزىسنى ھەل قىلىشقا قۇلايلىق شارائىت يارىتىشتىن ئىبارەتتۇر. بىراق تۈركىيەنىڭ ئاساسلىق تۇتقان مەيدانى ھازىرمۇ غەرب بىلەن ئوخشاش شەكىللەنمەكتە. بۇ ھەقتە تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىن مۇستەقىل ھالدا رۇسىيە بىلەن سۆھبەتلەشمەيدۇ. لېكىن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كرىزىسنى پەسەيتىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگىنىچە تىرىشماقتا. چۈنكى قارا دېڭىز رايونى تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. رۇسىيەنىڭ قوراللىق مۇداخىلە قىلىش ئېھتىمالى تۈركىيەنى بىئارام قىلىدۇ ۋە تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان سالىدۇ. شۇڭلاشقا تۈركىيەنىڭ ئۈچىنچى يول تاپالايدىغان ياكى تاپالمايدىغانلىقى پۇتىننىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ چاقىرىقىغا قانداق جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىغا باغلىق.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر