مەرھەمەتلىك ئاللاھ ئەرش ئۈستىدە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) قارار ئالدى
اسمانلاردىكى، زېمىندىكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ۋە يەر ئاستىدىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىدۇر، ئاللاھنىڭ تەسەررۇپى ئاستىدۇر).
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تاھا سۈرىسى، 1 - 12 - ئايەتلەر. ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
تاھا (يەنى ئى مۇھەممەد!)[1]. قۇرئاننى ساڭا سېنى جاپاغا سېلىش ئۈچۈن ئەمەس[2]، پەقەت (ئاللاھتىن) قورقىدىغانلارغا ۋەز ـ نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلدۇق[3]. ئۇ زېمىننى ۋە (كەڭ) ئېگىز ئاسمانلارنى ياراتقان زات تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان[4]. مەرھەمەتلىك ئاللاھ ئەرش ئۈستىدە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) قارار ئالدى[5]. ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ۋە يەر ئاستىدىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىدۇر، ئاللاھنىڭ تەسەررۇپى ئاستىدۇر)[6]. ئەگەر سەن ئاشكارا سۆزلىسەڭ (ياكى يوشۇرۇن سۆزلىسەڭ، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئوخشاشتۇر)، چۈنكى ئۇ سىرنى ۋە ئۇنىڭدىنمۇ مەخپىيرەك ئىشلارنى بىلىپ تۇرىدۇ[7]. ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار[8]. مۇسانىڭ قىسسىسىدىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟[9] ئۆز ۋاقتىدا مۇسا (بىر جايدا) ئوتنىڭ يورۇقىنى كۆردى. ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە: «تۇرۇپ تۇرۇڭلار، مەن ئوتنىڭ يورۇقىنى كۆردۈم، مەن بېرىپ (ئۇنىڭدىن) بىرەر پارچە چوغ ئېلىپ كېلىشىم ياكى ئوت بار يەردە بىرەر يول باشلىغۇچىنى ئۇچرىتىشىم مۇمكىن» دېدى[10]. مۇسا ئوتنىڭ يېنىغا كەلگەندە نىدا قىلىندىكى، ئى مۇسا![11] مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭدۇرمەن، كەشىڭنى سالغىن، سەن ھەقىقەتەن مۇقەددەس ۋادى بولغان تۇۋادا سەن[12].