تارىخ شاھىتى - زىلە

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا تارىخىي ۋەقەلەرگە شاھىت بىلەن زىلە رايونى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز...

1762224
تارىخ شاھىتى - زىلە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تارىخنىڭ ئوخشىمىغان دەۋرلىرىگە شاھىت بولۇپ، ئۇنىڭ ئىزلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان ئانادولۇنىڭ قەلئە، سېپىل، مەسچىت، چېركاۋ، كۆۋرۈك ۋە قەدىمكى شەھەرلىرى «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى»دا ئاڭلىتىشقا ئەرزىيدۇ. ھەممە ئادەم دېگۈدەك جۇلىس قەيسەرنىڭ مەشھۇر «ۋېنى، ۋىدى، ۋىجى»، يەنى «كەلدىم، كۆردۈم، يەڭدىم» دېگەن سۆزىنى بىلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ سۆزلەرنى توكاتنىڭ زىلە ناھىيەسىدە دېگەنلىكىنى بىلمەيدۇ. تارىخ مانا مۇشۇنداق جايلاردا شەكىللىنىدۇ.

* * * * *

ئانادولۇنىڭ مۇستەسناسىز ھەممىلا يېرى تارىخ بويىچە ئىنسانلارنىڭ ئولتۇراق رايونى سۈپىتىدە تاللىشىغا ئېرىشىپ كەلدى. چۈنكى تۇرمۇشقا كېرەكلىك بارلىق ئېلېمېنتلار بۇ جۇغراپىيەدە مەۋجۇت ئىدى. زىلە ئانادولۇدىكى ئەڭ قەدىمكى ۋە ئەڭ مۇھىم مەركەزلەرنىڭ بىرى ئىدى. بۈگۈنكى توكات ۋىلايىتىنىڭ بىر ناھىيەسى بولغان زىلەدە تارىختا نۇرغۇن دۆلەتلەر قۇرۇلدى، ئىمپېراتورلۇقلار ھۆكۈم سۈردى. بۇ شەھەر قارادېڭىز بىلەن ئىچكى ئانادولۇنى بىر – بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان سىياسىي جۇغراپىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر دوقمۇشقا جايلاشقان بولۇپ، كىلىمات ۋە جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكلىرى تۈپەيلىدىن  ئەسىرلەر بويى ئولتۇراق رايونى بولۇش ئەۋزەللىكىنى ساقلاپ كەلدى. رايوندىكى قېزىش – تەكشۈرۈشلەر، بۇ شەھەرنىڭ ھىتىتلارنىڭ مۇھىم ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. زىلەدە ھىتىتلاردىن كېيىن ياشىغان فىرىگيانلارنىڭ ئىزلىرىمۇ ئۇچرايدۇ. قەدىمكى دەۋرنىڭ مەشھۇر جۇغراپىيەشۇناسى سترابو، بۇ شەھەرنى ئاسسۇر ئىمپېرىيەسى خانىشى سېمىرامىسنىڭ قۇرغانلىقىنى يازىدۇ. زىلە پارس ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى يىللىرىدا دىنىي جەھەتتىنمۇ مۇھىم ئورۇنغا ئۆتىدۇ. چۈنكى پارس بەرىكەت ئىلاھەسىگە ئائىت ئەڭ چوڭ بۇتخانىمۇ بۇ شەھەردە ئىدى. يىلنىڭ مەلۇم ۋاقىتلىرىدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى ئارقىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن دىنىي مۇراسىملار، زىلەنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچىيىشى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنىڭ ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ شەھەر نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق بەرپا قىلغۇسى كېلىدىغان جايىغا ئايلىنىدۇ. ھىتىتلار دەۋرىدىن باشلانغان مۇھىم زىددىيەتلەر ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسىگىچە داۋاملىشىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، بۇ توقۇنۇشلارنىڭ بىرى، رىم ئىمپېرىيەسى بىلەن پونتۇس پادىشاھلىقىنىڭ ئۇرۇشۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تارىختىكى ئەڭ قىسقا ۋە ئەڭ ئىخچام خەت يېزىلغان جاي سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ مەشھۇر ھەربىي ۋە سىياسىي داھىيسى جۇلىيۇس قەيسەر (جۈل سېزار) پونتۇس پادىشاھى فارناكېنىڭ زىلەگە يېقىن يەردە قىلغان ئۇرۇشى، رىم قوشۇنىنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. بۇ كاتتا غەلىبىنى جۇلىيۇس قەيسەر «كەلدىم، كۆردۈم، يەڭدىم» دېگەن مەنىدىكى «ۋېنى، ۋىدى، ۋىجى» دېگەن ناھايىتى قىسقا ئىبارىلەر بىلەن ئىپادىلەيدۇ. گەرچە بۇ بايانات ئارقىلىق قەيسەر كەمتەرلىك قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا مەسىلىلەرگە يۇقىرىدىن قاراش خاھىشى يوشۇرۇنغان. ئۇ بۇ سۆزى ئارقىلىق دۈشمەننى كەمسىتىدۇ، غەلبىنىڭ تېز قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ، ھەتتا ئۇنىڭدىن بۇرۇن پونتۇسنى يېڭەلمىگەن رىم ئىمپېراتورلىرىغىمۇ تەنە قىلىدۇ.

جۇلىيۇس قەيسەر رىمغا ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسىنى پەقەت بۇ ئۈچ سۆز يېزىلغان مەكتۇپ ئارقىلىق مەلۇم قىلىدۇ.  مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كاتتا غەلىبە تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ، «ۋېنى، ۋىدى، ۋىجى» دېگەن خەت يېزىلغان پۇللار باستۇرۇلىدۇ. نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئىپادىلەيدىغان بۇ ئۈچ سۆز قەدىمكى پۇللاردىلا ئەمەس، زىلە قەلئەسىدىمۇ ئۇچرايدۇ. چۈنكى، قەيسەرنىڭ غەلىبىسىنى خۇلاسىلەپ بەرگەن «كەلدىم، كۆردۈم، يەڭدىم» دېگەن سۆز قەلئەدىكى بىر ئابىدىنىڭ ئۈستىگىمۇ يازدۇرۇلىدۇ. زىلە قەلئەسى شۇ ۋەجىدىن تارىخنىڭ ئەڭ قىسقا، شۇنداقلا مەزمۇنى چوڭقۇر مەكتۇپىنى كۆرۈشنى خالايدىغان نۇرغۇن يەرلىك ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

* * * * *

ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان زىلە قەلئەسى ئانادولۇدىكى كەم ئۇچرايدىغان سېغىزدىن ياسالغان قەلئەلەرنىڭ بىرى. بۇ توكاتنىڭ زىلە ناھىيەسىدە ھېچبولمىغاندىمۇ مۇشۇنچىلىك دىققەتنى تارتىدىغان يەنە بىر قەلئە بار. چۈنكى بۇ قەلئەنىڭ كونت دراكۇلا رىۋايىتى بىلەن مۇناسىۋىتى بار، قانداقمۇ؟! 1400 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەفلاك بەگلىكى شاھزادىسى، قويۇپ بېرىلىشى بەدىلىگە ئوغۇللىرىنى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىگە گۆرۈگە قويىدۇ. توكات قەلئەسىدە تۆت يىل بويىچە گۆرۈدە تۇتۇپ  تۇرۇلغان شاھزادىلەرنىڭ بىرى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىدۇ. يەنە بىرى بولسا، «شەيتان، جاللات ۋە ئالدامچى» دېگەندەك ناملار بىلەن تونۇلغان رەھىمسىز بىر دۈشمەنگە ئايلىنىدۇ؛ ئۇ بولسىمۇ كىشىلەرنى قىيناپ ئۆلتۈرۈش بىلەن نام چىقارغان III.ۋىلاد دراكۇلا بولۇپ، ئارىدىن ئەسىرلەر ئۆتكەندىن كېيىن، دراكۇلا رىۋايىتىنىڭ باش پېرسوناژى بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كېتىدۇ.

توكات قەلئەسىدىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەتلىرى جەريانىدا، شەھەر مەركىزىگە تۇتىشىدىغان مەخپىي يوللار ۋە ئەفلاك خانلىقى شاھزادىسى III.ۋىلاد دراكۇلا ياتقان زىندان قاتارلىقلار بايقالدى. ئاممىباب مەدەنىيەتنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئېلېمېنتىغا ئايلانغان ۋامپېر ھېكايىلىرى ۋە دراكۇلا ھېكايىسىنىڭ ھەۋەسكارلىرى مانا مۇشۇ سەۋەبتىن كۈندىن - كۈنگە كۆپەيگەن ھالدا توكات قەلئەسىنى زىيارەت قىلماقتا.

* * * * *

توكاتتا يەنە دۇنيانىڭ ئەڭ ھەيۋەتلىك ئۆڭكۈرلىرىنىڭ بىرى بار. پازار ناھىيەسىدىكى باللىجا ئۆڭكۈرى تەبىئىي ھاسىل بولغان شەكىللىرى سەۋەبىدىن ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى —يۇنېسكونىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالماقتا. چۈنكى مۇتەخەسسىسلەر، بۇ ئۆڭكۈرنىڭ ھازىرغىچە بايقالغان بارلىق ئۆڭكۈر شەكىللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. باللىجا ئۆڭكۈرىدىكى دۇنيادا كۆپ ئۇچرىمايدىغان شەكىللەر ئۇنى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلماقتا.

سىلەرنىڭ بىر ئۆڭكۈرنىڭ تۇرۇسىدىن ساڭگىلاپ تۇرۇۋاتقان پىياز شەكىللىك ستالاكتىتلارنى ئىلگىرى كۆرۈپ باققان – باقمىغانلىقىڭلارنى بىلمەيمىز، ئەمما باللىجا ئۆڭكۈرىنى ئۆزگىچە قىلىدىغىنى، بۇ قىزىقارلىق شەكىللەردۇر. دۇنيا مىقياسىدا ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان «پىياز ستالاكتىتى» بۇ ئۆڭكۈردە ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ ھەمدە رەڭگى ۋە چوڭ - كىچىكلىكى بىلەن كۆزنى قاماشتۇرىدۇ. پىياز ستالاكتىتى تۈركىيەدە پەقەت مۇشۇ ئۆڭكۈردىلا ئۇچرايدۇ.

باللىجا ئۆڭكۈرىنىڭ ئىچى بىر – بىرىدىن پەرقلىنىدىغان كۆزنى قاماشتۇرغۇچى رەڭلەر بىلەن تولغان! بۇ ئۆڭكۈر، ئۆڭكۈر مەرۋايىتلىرى، پەردە ھاك چېچەكلىرى ۋە كىرىستاللاشقان ھاك تېشى قاتارلىق ھازىرغىچە نۇرغۇن كىشىلەر ئاڭلاپ، كۆرۈپ باقمىغان ئاجايىپ رەڭ ۋە شەكىل بايلىقىغا ئىگە بولۇپ، گويا باشقا بىر سەييارىنى ئەسلىتىدۇ.

3 مىليون 500 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە باللىجا ئۆڭكۈرىنىڭ سەككىز زالى زىيارەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ «قېرى» ئۆڭكۈرنىڭ يەنىلا بايقىلىشنى كۈتۈپ يېتىۋاتقان نۇرغۇن يەرلىرى بار. ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىدىكى نەملىك %50 تىن ئاشىدۇ، ئۇنىڭدىكى ساپ ئوكسىگېن مىقدارى بىز نەپەسلىنىۋاتقان ھاۋادىكى مىقداردىن خېلىلا يۇقىرى. باشقىچە ئېيتقاندا، ھاياتىنى ئوكسىگېن نەيچىسى بىلەن داۋاملاشتۇرغان بىمارلارنىڭ بۇ ئۆڭكۈردە ئۇ نەرسىلەرگە ھاجىتى چۈشمەيدۇ. ئۆڭكۈرنى سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسىلى بارلار، زىققا ۋە كاناي ياللۇغى بىمارلىرى دائىم زىيارەت قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر