ئۆيلەر كىتابلار بىلەن تولۇپ تاشسۇن!

يېڭى شەيئىلەر گۈزەل بولىدۇ - 18

1761295
ئۆيلەر كىتابلار بىلەن تولۇپ تاشسۇن!

(گامزە دەمەچ سىبىچ)

ئۆيلىرىدە تېخىمۇ كۆپ كىتاب بولغان بالىلار، چوڭ بولغاندا تېخىمۇ ئاز روھىي چۈشكۈنلۈككە ئۇچرايدۇ. كىتابلار بىلەن تولۇپ تاشقان ئۆيلەردە چوڭ بولغان بالىلار، ئىقتىسادىي شارائىتلار ۋە تەلىم – تەربىيە ئامىللىرى نەزەرگە ئېلىنغىنىدىمۇ، ياشانغانلىرىدا تېخىمۇ ئاز روھىي چۈشكۈنلۈككە ئۇچرايدۇ. بۇ بايقاش، بالدۇر تونۇشنى بېيىتىشنىڭ چوڭ مېڭىگە قارىتا ئۇزۇن مۇددەت قوغداش رولى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، ئۆيلىرىدە چوڭ كۈتۈپخانىلىرى بار بولغان بالىلارنىڭ مەكتەپتە ۋە كېيىنكى كەسپىي ھاياتىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.

ئىسرائىلىيەدىكى BenGurion ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئېللا كوھن-شۋارتىز ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى، بالدۇر كىتاب ئوقۇشنىڭ پايدىلىرىنىڭ تاكى ياشانغانغا قەدەر داۋاملىشىپ داۋاملاشمايدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈن، «ياۋروپادىكى ساغلاملىق، قېرىش ۋە پىنسىيۇنېرلىق ھەققىدىكى راي سىناش» پائالىيەتلىرىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، 2011-ۋە 2013-يىللىرى ياۋروپادىكى 16 دۆلەتتە ئەستە ساقلاش سىناقلىرى ئېلىپ بېرىلغان ئالزىمېر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولمىغان 65 ياشتىن يۇقىرى 8000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەھلىل قىلدى. سىناقلاردا، مەلۇم سۆزلەرنى يادلاش ۋە 1 مىنۇت ئىچىدە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۆپ ھايۋانلارغا ئىسىم قويۇش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلغانىدى.

تەتقىقاتچىلار قاتناشقۇچىلاردىن ئۇلارنىڭ بالىلىق دەۋرىدە ئۆيلىرىدە تەخمىنەن قانچىلىك كىتاب بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى ۋە ئۇلارغا «كىتاب يوق»، «بىر تەكچە كىتاب (تەخمىنەن 25 كىتاب)»، «بىر ئىشكاپ كىتاب (تەخمىنەن 100 كىتاب)»، 2 ئىشكاپ كىتاب ياكى تېخىمۇ كۆپ كىتاب بار قاتارلىق تاللاشلارنى سۇندى.

تېخىمۇ كۆپ كىتابلار ئارىسىدا ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكىنى ئىپادىلىگەنلەر، بارلىق ئەستە ساقلاش سىناقلىرىدا تېخىمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، 2011-ۋە 2013-يىللىرى ئېلىپ بېرىلغان سىناقلاردا، ئۇلاردا بىلىش – تونۇش جەھەتتىن ئازراق تۆۋەنلەش كۆرۈلدى.

تەتقىقاتچىلار; قاتناشقۇچىلارنىڭ مال – مۈلۈكلىرى، بىلىم سەۋىيەسى، جىسمانىي ساغلاملىقى ۋە باشقا ئامىللارنى تەڭشەش ئۈچۈن ئىستاتىستىكا تېخنىكىلىرىنى ئىشلەتكەندىمۇ، بايقاش نەتىجىلىرى ئوخشاش ئىدى.

كوھن-شۋارتىزنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭ سەۋەبى، كىچىكىدىنلا كىتاب ئوقۇشنىڭ كىشىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئوقۇشقا ئىلھاملاندۇرىغانلىقى، بۇنىڭ ئۇلارنىڭ بىلىم بايلىقىنى بېيتقان بولۇش ئېھتىماللىقى ئىكەن. ئوقۇش قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارنى قوزغىتىش پائالىيەتلىرى، چوڭ مېڭىدە، ئالزىمېر كېسەللىكىدىكىگە ئوخشاشلا، قوشۇمچە باغلىنىشلارنى شەكىللەندۈرۈپ، قېرىتىش باسقۇچلىرىنى كېچىكتۈرۈش رولىنى ئوينايدىكەن.

ئاۋسترالىيەدىكى ئېدىس كوۋان ئۇنىۋېرسىتېتىدىن رالف مارتىنسنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ قوشۇمچە باغلىنىشلارنىڭ بالىلىق دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ، كىتابلار بىلەن تولۇپ تاشقان ئۆيلەردە ئۆسۈپ يېتىلگەن بالىلارنى، چېنىقىش ۋە چالغۇ ئەسۋابلىرىنى چېلىش قاتارلىق بىلىش زاپاسلىرىنى ئاشۇرىدىغان باشقا قوزغىتىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقىمۇ ئىلھاملاندۇرىدىكەن.

مەنبەسى: تۈركىيە ئىلمىي ۋە تېخنولوگىيەلىك تەتقىقات ئورنى پەن-تېخنىكا ژۇرنىلى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر