ھەر يىلى مىليونلارچە توننىلىق توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى تاشلىۋېتىلىدۇ ياكى كۆيدۈرۈۋېتىلىدۇ

يېڭى شەيئىلەر گۈزەل بولىدۇ - 19

1757643
ھەر يىلى مىليونلارچە توننىلىق توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى تاشلىۋېتىلىدۇ ياكى كۆيدۈرۈۋېتىلىدۇ

(گامزە دەمەچ سىبىچ)

كىيىشكە بولىدىغان كىيىملەرنىڭ ۋەھشىلەرچە بىر تەرەپ قىلىنىشى ھەم مۇھىت بۇلغىنىشىنى ھەم مىلياردلارچە دوللارلىق زىياننى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

كىيىم ئىشكاپىڭىزغا نەزەر تاشلىغىڭىزدا، سىز ھېچ كىيىپ باقمىغان ياكى بەك ئاز كىيگەن، ھەتتا ئۇنتۇپ قالغان كىيىملەرنى ئۇچرىتىپ قالدىڭىزمۇ؟ دۇنيا مىقياسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن بۇ سوئالنىڭ جاۋابى؛ «شۇنداق، ئۇچرىتىپ قالدىم» دىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى، بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، سېتىۋېلىنغان توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ 30 پىرسەنتى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىلمەيدىكەن.

ئىشلىتىلمىگەن مەھسۇلاتلار ھەم ئىقتىسادقا ھەمدە ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىش تەبىئەتكە زىيان يەتكۈزمەكتە. ھەر يىلى كىيىشكە بولىدىغان كىيىملەرنىڭ تاشلىۋېتىلىشى 460 مىليارد دوللارلىق زىيان ئېلىپ كەلمەكتە. بۇ ئەھۋالنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى، يېقىنقى 15 يىلدا كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئىككى ھەسسە ئېشىپ كېتىشى ۋە ئىشلىتىلىش ۋاقتىنىڭ % 36 ئازىيىشىدۇر. چۈنكى، «تېز سۈرئەتلىك مودا» ئېقىمى دەپ ئاتىلىدىغان ناچار سۈپەتلىك توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ ئۆمرى پەقەت بىر يىللا بولىدۇ.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 17 مىليون توننا توقۇمىچىلىق ئەخلەتلىرى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ سان ياۋروپا ئىتتىپاقىدا 5 مىليون 800 مىڭ توننىغا يېتىدۇ. توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەخلەتلەرگە تاشلىۋېتىلىش نىسبىتى% 5 ئەتراپىدا. ئەگەر بۇ ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتى مۇشۇنداق داۋاملاشسا، 2050-يىلى كىيىم-كېچەكلەرنىڭ سېتىلىش مىقدارى 175 مىليون توننىغا يېتىشى مۇمكىن. 2050-يىلىغا بارغاندا، يىلىغا 150 مىليون توننا كىيىم كۆيدۈرۈلىدۇ، ياكى ئەخلەتلەرگە تاشلىۋېتىلىدۇ. يەنى، ھازىرقىدىن 3 ھەسسە ئارتۇق كىيىم – كېچەك ئەخلەتلەرگە تاشلىۋېتىلىدۇ ...

توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ قالدۇقلىرى 2025-يىلدىن باشلاپ ئەخلەتلەرگە تاشلىۋېتىلمەيدۇ

توقۇمىچىلىق ساھەسى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان مۇھىت بۇلغىنىش ۋە ئىقتىسادىي ئىسراپچىلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىلىۋاتىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى، 2025-يىل 1-يانۋاردىن باشلاپ توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ قالدۇقلىرىنى ئەخلەتلەرگە تاشلىۋېتىش ياكى كۆيدۈرۈشنى چەكلىدى. بۇ چەكلىمە،  قايتا پىششىقلاپ ئىشلەش ئۈچۈنمۇ مۇھىم پۇرسەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ قايتا پىششىقلاپ ئىشلەشكە قوشقان تۆھپىسى% 1 كىمۇ يەتمەيدۇ. 2025-يىلىدىن ئېتىبارەن توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ قالدۇقلىرىنىڭ % 95  ىنىڭ قايتا پىششىقلاپ ئىشلىنىدىغان مەھسۇلاتلارغا ئايلاندۇرۇلۇشى نىشان قىلىنماقتا.

تۈركىيە «قايتا پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ئىسراپچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىلانى» دائىرىسىدىكى پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئۇزاق مەزگىلدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆلچەملىرى بىلەن ئوخشاش نىسبەتلەرنى نىشان قىلماقتا.

يەككە تەدبىرلەرنىڭ يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى

توقۇمىچىلىقنىڭ سەلبىي تەسىرلىرىگە ئەسلىدە يەككە تەدبىرلەر ئارقىلىقمۇ تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ. ئىستېمالچىلارنىڭ ئاڭلىق ھالدا ھەرىكەت قىلىشى، كىيىم-كېچەك دۇنياسىنىڭ يەرشارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى% 20 تۆۋەنلىتىدۇ. ئۇنداقتا، نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

كىيىم-كېچەك ساھەسىدە ئىشلەپچىقىرىش ئاساسەن ئېھتىياجغا باغلىق بولۇپ، ئېھتىياجدىن ئارتۇق كىيىم – كېچەك سېتىۋېلىشمۇ ئەڭ چوڭ مەسىلىلەردىن بىرى دەپ قارىلىدۇ. بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، سېتىۋېلىنغان توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ 30 پىرسەنتى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىلمەيدىكەن.

گەرچە مۇھىت ئاسرايدىغان دىتىرگېنت ئىشلىتىش ۋە تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا كىيىم يۇيۇش يەككە ھالەتتە تاشلىنىدىغان كىچىك قەدەملەر بولسىمۇ، ئەمما ئاممىۋى ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرىدۇر. مودىدىن قالغان كىيىم – كېچەكلەرنىڭ ككىچىككىنە ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق قايتا ئىشلىتىلىشى، نىمكەش ھالەتتە ئىشلىتىلىشى ۋە مەھسۇلاتلارنىڭ تاشلىۋېتىلمەستىن ياماپ كىيىلىشى قاتارلىق تاللاشلارمۇ ئالدىمىزدىكى يىللاردا تېخىمۇ كۆپ كۈنتەرتىپتە بولىدۇ. دەرۋەقە، دۇنياغا داڭلىق توقۇمىچىلىق شىركەتلىرى بۇ ھەقتە زاۋۇتلىرىنى ئاللىقاچان ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ بولدى.

مەنبەسى: TRT Haber



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر