ئېلان دۇنياسىنىڭ يېڭى بازىرى: چۈش خاككېرلىقى

يېڭى شەيئىلەر گۈزەل بولىدۇ - 17

1754319
ئېلان دۇنياسىنىڭ يېڭى بازىرى: چۈش خاككېرلىقى

(گامزە دەمەچ سىبىچ) 

سېتىش شىركەتلىرى ئۇيقۇ ۋە چۈش خاككېرلىقى ۋاسىتىسى ئارقىلىق سېتىۋېلىش ھەرىكىتىنىڭ ماھىيىتىىنى ئۆزگەرتىۋېتىش ۋە كىشىلەرنى ئۆزلىرى خالىغان تەرەپكە يۈزلەندۈرۈشنىڭ يېڭى ئۇسۇللىرىنى ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا سىناق قىلىشقا ئۇرۇنماقتا.

تېخنولوگىيە دۇنياسىدىكى ئەڭ چوڭ ئىلھام مەنبەلىرىدىن بىرى شەك - شۈبھىسىز ھالدا كىنوچىلىقتۇر. بۈگۈنكى كۈندىمۇ يېقىن ئۆتمۈشتىكى ئىلىمىي فانتازىيەلەر، ئىلىمىي ھەقىقەتلەر داۋاملىق رېئاللىققا ئايلانماقتا. كرىستوفېر نولان يازغان ئەسەرگە ئاساسەن ئىشلەنگەن «Inception» ناملىق فىلىم، بۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۆلگىسى بولۇشى مۇمكىن.

بەلكىم فىلىمنىڭ سىيۇژىتى ئېسىڭىزدە بولۇشى مۇمكىن. لېئوناردو دىكاپىرو جانلاندۇرغان پېرسوناژ كوب ئىنتايىن تالانتلىق ئوغرى ئىدى.

لېكىن، ئۇ ئوغرىلىق قىلغان جاي، نە بىر بانكا، نە بىر مۇزېي، نە بىر بازار ئەمەس ئىدى.

زېھىننىڭ ئەڭ مۇداپىئەسىز ئەھۋالدىكى چۈش كۆرۈش پەيتىدە، كىشىلەرنىڭ ئاڭسىز ھالىتىدىن پايدىلىنىپ مەلۇماتلارنى ئوغرىلايتتى.

ئەمما تەجرىبىسىنى كۆرسىتىشكە تېگىشلىك بولغىنى، بۇ قېتىم بىر پىكىرنى ئوغرىلاش ئەمەس، ئەكسىچە يېڭى بىر پىكىرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە چۈشەنچىلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىش ئىدى.

ئۇنداقتا، بۇ فىلىم قانداق قىلىپ رېئاللىققا ئايلىنالايدۇ؟

ماسساچۇسېتس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى (MIT) نىڭ پائالىيەتلىرى ئىلھام مەنبەسى بولدى. دەۋالار،  ماسساچۇسېتس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى، خارۋارد ۋە مونترېيال ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى 3 تەتقىقاتچىنىڭ يازغان ماقالىلىرى بىلەن كۈنتەرتىپكە كەلدى.

ماسساچۇسېتس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ، چۈش خاككېرلىقى ۋە ئۇخلاۋاتقانلار بىلەن ئالاقە قىلىش ئۈسكۈنىسى لايىھەلىگەنلىكى مەلۇم.

لېكىن، بۇ تەتقىقاتلار، چۈش كۆرۈشنىڭ ئۆگىنىشكە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكشۈرۈش، زەخىملىنىشتىن كېيىنكى بېسىم قالايمىقانچىلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قاباھەتلىك چۈشلەرنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ۋە داۋالاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلماقتا.

ھېچ بولمىغاندا، «رەسمىي بايانلار» مۇشۇ شەكىلدە ئېلان قىلىنماقتا.

ئېلان شىركەتلىرى يېقىندىن كۆزەتمەكتە

ماقالىنىڭ ئىككى ئاپتورى، ماسساچۇسېتس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى لايىھەلىگەن بۇ ئۈسكۈنىنى ئىشلەپچىقىرىش گۇرۇپپىسىدا ئىشلەيدۇ. كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان نۇقتا بولسا، سېتىش شىركەتلىرىنىڭ، ئۇيقۇ ۋە چۈش خاككېرلىقى ۋاسىتىسى ئارقىلىق سېتىۋېلىش ھەرىكىتىنىڭ ماھىيىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىش ۋە كىشىلەرنى ئۆزلىرى خالىغان تەرەپكە يۈزلەندۈرۈشنىڭ يېڭى ئۇسۇللىرىنى ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا سىناق قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، چۈش مەزمۇنىغا تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇيقۇنىڭ ئالدى-كەينىدە غىدىقلاندۇرغۇچلارنىڭ ئارىلاشتۇرۇۋېتىلىشى، بۇنى  سودا ۋە پايدىغا ئېرىشىش مەنبەسىگە ئايلاندۇرماقتا.

بۇنىڭ قانداق ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى تەپسىلاتلار تېخى ئېنىق ئەمەس. لېكىن، سېتىش شىركەتلىرىنىڭ «چۈش خاككېرلىقى» غا بولغان قىزىقىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ.

تەتقىقاتچىلار، يەنە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى ئېلانلارنى باشقۇرىدىغان فېدېراتسىيە سودا كومىتېتىغا چاقىرىپ قىلىپ، چۈش خاككېرلىقىنىڭ ھازىردىن باشلاپلا چەكلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.

چۈش خاككېرلىقىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ھەقىقىي كەسىپكە ئايلىنىدىغانلىقىنى ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا پەرەز قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئەمما فىلىملەر، تېخنولوگىيەنىڭ ئەڭ كۈچلۈك بېشارەتلىرى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

مەنبەسى: TRT Haber  

تېمىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى تور بېتىمىز www.trt.net.tr دىكى «پىروگراممىلار قىسمى» دىن كۆرەلەيسىلەر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر