سانتا كلاۋۇس

بىلىۋېلىڭ - 17

1753591
سانتا كلاۋۇس

سانتا كلاۋۇس دەپ ئاتالغان ئەزىز نىكولاسنىڭ ئانتاليانىڭ دەمرە ناھىيەسىدە ياشاپ ئۆتكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

خىرىستىيانلار ئارىسىدا ياردەم ۋە كەمتەرلىكنىڭ سىمۋولى بولغان ئەزىز نىكولاس، ئانتاليا ۋىلايىتىنىڭ قاش ناھىيەسىگە يېقىن قەدىمكى شەھەر پاتارادا تۇغۇلغان، دەپ قارىلىدۇ. كېيىنكى مەزگىلدە ھازىرقى ئىسمى دەمرەگە ئۆزگەرتىلگەن قەدىمكى مىرا شەھىرىگە بېرىپ، شۇ يەردە ياش ۋاقتىدا ئېپىسكوپلۇق ماقامىغا يەتكەن. يېڭى يىلغا قەدەم قويغاندا ئارزۇ - ئارمانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان، بارلىق بايلىقىنى نامراتلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى تاللىغان ئەزىز نىكولاس، رىۋايەتلەرگە قارىغاندا،  بولۇپمۇ بالىلار، نامراتلار، ساياھەتچىلەر ۋە دېڭىزلارنىڭ قوغدىغۇچىسىغا ئايلانغان.

دەمرە / مىرادا ياشايدىغان كىشىلەر، ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن بىر چېركاۋ سالدۇرغان ۋە ئۇنىڭ قەبرىسىنىڭ بۇ يەردە مەڭگۈ قالىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. چېركاۋنىڭ تاملىرىغا «مۆجىزىلەرنىڭ ئەۋلىياسى» دەپ ئاتالغان ئەزىز نىكولاس كەلتۈرگەن دەپ قارالغان مۆجىزىلەر تەسۋىرلەنگەن. چېركاۋ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، دەمرە دەرياسى تاشقىن ئاپەتلىرىدە يەر ئاستىغا كۆمۈلۈپ كەتكەن بولۇپ، 1956-يىلقى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان. خىرىستىيان ئورتودوكس ئېتىقادىغا مەنسۇپ كۆپ ساندا زىيارەتچى، ھەر يىلى، 12-ئاينىڭ 6-كۈنى، يەنى ئۇنىڭ ۋاپات بولغان خاتىرە كۈنى، ئەزىز نىكولاسنى خاتىرىلەش ئۈچۈن  دەمرەگە كېلىدۇ ۋە مۇراسىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ چېركاۋ 1994-يىلدىن باشلاپ مۇزېي سۈپىتىدىمۇ زىيارەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر