ئوتتۇرا شەرقتىكى نورماللىشىش ئىزدىنىشى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (15)

1745419
ئوتتۇرا شەرقتىكى نورماللىشىش ئىزدىنىشى

ئوتتۇرا شەرقتىكى نورماللىشىش ئىزدىنىشى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (15)

(جان ئاجۇن)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئوتتۇرا شەرقتىكى نورماللىشىش ئىزدىنىشى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ** **** *** *** ****

ئوتتۇرا شەرقتە كۆرۈنۈشتە دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەر پەسەيگەن ۋە بىر قەدەر تىنچلانغان دەۋرگە قەدەم قويماقتىمىز.  ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن زەيىدنىڭ تۈركىيەگە قىلغان زىيارىتى ۋە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىشى بۇ جەرياننىڭ ئەڭ مۇھىم نامايەندىلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى. تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە مىسىر ئوتتۇرىسىدىمۇ سۆھبەتلەر داۋاملاشماقتا. شۇنىڭدەك ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى يەنە ئىران بىلەن ئوخشاش جەرياننى يولغا قويۇشقا تىرىشماقتا. ئەجىبا بۇ نورماللاشتۇرۇش ئىزدىنىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولامدۇ؟

ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن زەيىدنىڭ ئەنقەرەدىكى زىيارىتى ۋە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن كۆرۈشۈشى شۇنداقلا نۇرغۇن كېلىشىملەرنىڭ ئىمزالىنىشى ۋە 10 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىنىدىغانلىقىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئوتتۇرا شەرقتىكى يېڭى «تەڭپۇڭلۇق» ئىزدىنىشىنىڭ مۇھىم نامايەندىسىگە ئايلاندى. يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان رايوندىكى ئاكتىيورلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك توقۇنۇشنىڭ ئورنىغا دىئالوگ ۋە يارىشىش ئىزدىنىشىگە كىرگەندەك قىلىدۇ. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تۈركىيە بىلەنلا ئەمەس، ئىران بىلەنمۇ ئوخشاش ئىزدىنىشنى باشلىغان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا. ئوخشاشلا تۈركىيەمۇ سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشقا تىرىشماقتا.

ئۇنداقتا رايوندىكى ئاكتىيورلار تۇيۇقسىزلا مەۋقەلىرىنى ئۆزگەرتكۈدەك زادى نېمە ئىش يۈز بەردى؟

بۇ ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن بىر قانچە ئامىل ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ. بىرىنچىسى، بايدىن دەۋرىدىكى ئامېرىكانىڭ رايونغا قاراتقان سىياسىتىدۇر. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ئەمدىلىكتە ئامېرىكانىڭ شەرتسىز قوللىشىغا ئېرىشەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. ھەتتا ئافغانىستاندىكى ۋەقەلەر ۋە ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرقتىن قەدەممۇ قەدەم ئەسكەر چېكىندۈرىۋاتقان كۆرۈنۈشى بۇ دۆلەتلەرنى قاتتىق ئەندىشىگە سالغاندەك قىلىدۇ. شۇڭلاشقا تۈركىيە ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرگە بولغان كەسكىن مەيدانىنى تۈزىتىشكە مەجبۇر بولغان بولىشى مۇمكىن.

ئىككىنچىسى، ئەرەب باھارى ۋە ئاممىۋىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئىلگىرىكى كۈچىنى يوقاتقانلىقىدۇر. پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرى ۋە مىسىر ھۆكۈمرانلىرى ھازىرچە ھاكىمىيەتلىرىنىڭ مەجۇتلىقىغا خەۋپ ھېس قىلمايدىغان بولدى. شۇڭلاشقا ئۇلار بۇ ئاممىۋىي ھەرىكەتلەرنىڭ ھىمايىچىسى ۋە ئۈلگىسى دەپ قارايدىغان تۈركىيەنى ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا ئېغىر تەھدىت دەپ قارىمايدۇ.

ئۈچىنچىسى، رايونلۇق توقۇنۇش ۋە ۋاكالەت ئۇرۇشلىرىدا ھېچ بىر دۆلەتنىڭ غەلىبە قىلالمايدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يەتكەنلىكى ھەمدە ئېغىر زىيانغا پاتىدىغانلىقىنى كۆرگەنلىكىدۇر. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئىقتىسادىي نۇقتىدىن بۇ كۈرەشنىڭ ئىقتىسادىي چىقىمىنىڭ كۈندىن كۈنگە ئېشىۋاتقانلىقىدۇر.

بۇ بارلىق ئامىللار رايوندىكى دۆلەتلەرنى شارائىتقا ماس ھالدا نورماللىشىشقا يېتەكلىگەندەك قىلىدۇ. بىراق ئوتتۇرا شەرقتە مەڭگۈلۈك نورماللىشىشتىن سۆز ئېچىش تېخى بەكلا بالدۇر. سۈرىيە ۋە يەمەندىن لىۋىيەگىچە بولغان نۇرغۇن توقۇنۇش رايونلىرى مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقتا شۇنداقلا رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلىي تەبىئىتى، تۈزۈلمە قۇرۇلمىسىنىڭ ئاجىزلىقى، يەر شارىنىڭ ئۆزگىرىشى مۇمكىنلىكى، بولۇپمۇ ئامېرىكانىڭ ھەرىكەت ئۇسۇلىنىڭ پەرقلىق بولۇش ئېھتىماللىقى ئېنىقسىزلىق پەيدا قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر