باش كېپىكى ۋە تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

شىپا بۇلىقى - 14

1743633
باش كېپىكى ۋە تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

( دوكتور مەھمەت ئۇچار)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: كېپەك؛ باش تېرىنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى ئۆلۈك ھۈجەيرىلەرنىڭ پارچىلىرىنىڭ تۆكۈلۈشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان بىر خىل كېسەللىكتۇر. جۈملىدىن، كېپەك، ھەم ئاياللار ھەم ئەرلەرنىڭ چېچىدا كۆرۈلىدىغان تېرە كېسەللىكىدۇر.

كېپەكنى يوقىتىش ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىچە:

• چاچنى دائىم يۇيۇش،

• چاچنى سىستېمىلىق تاراش،

• چاچنى داۋاملىق ئاسراش،

• ئۇزۇن چاچلىق كىشىلەر ئۈچۈن چاچنى دائىم تۈگۈۋالماسلىق،

• بېسىمنى ئازايتىش،

• بەك ئىسسىق يۇيماسلىق،

• بەك سوغۇق يۇيماسلىق،

• چاچنى بەك كۆپ بويىماسلىق،

• گېلى، چاچ قاتۇرۇش سۇيۇقلۇقى، كۆپۈك قاتارلىق چاچ ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشنى ئازايتىش،

• قۇياش نۇرىدىن پايدىلىنىش،

• ۋىتامىن B نى تولۇقلاش،

• سىنىك ۋىتامىننى تولۇقلاش،

• كېپەكنى يوقىتىشقا ماس كېلىدىغان چاچ سوپۇنى ئىشلىتىش.

كېپەكنى يوقىتىشقا قارىتا تەۋسىيەلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1 – باش كېپىكىگە قارشى تەبىئىي ئۇچۇشچان مايلارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ: چاي دەرىخى مېيى، كوكۇس يېغى ۋە زەيتۇن يېغى.

• ئالوي:

ئالوي قۇرۇق چاچ تېرىسىنى يۇمشىتىپ، تېرە كېسىلىنى ساقايتىدۇ. ئالوينى يۇيۇنۇشتىن بۇرۇن چېچىڭىزغا ئۇۋۇلاپ سۈرۈڭ، ئاندىن، 10 مىنۇت كۈتۈڭ، بۇ ئۇسۇلنى تاكى تېرە كېسىلى ساقايغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرسىڭىز بولىدۇ. لېكىن، بۇ جەرياندا نەملىك ساقلاش خۇسۇسىيىتى بار چاچ سوپۇنى ئىشلىتىش ئەڭ ياخشىدۇر.

• كوكۇس مېيى

بۇ ماي باكتېرىيە يوقىتىش ئالاھىدىلىكى ۋە تېرىنىڭ نەملىكىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ھۆل تەمرەتكە ئالامەتلىرىنى ئازايتىشقا ياردەم بېرىدۇ.

• چاي دەرىخى مېيى

چاي دەرىخى مېيى، كېپەك ئالامەتلىرىنى ئازايتالايدىغان باكتېرىيە يوقىتىش ۋە ياللۇغ قايتۇرۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. لېكىن، سەزگۈر تېرىلەردە غىدىقلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا، ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى كوكۇس يېغى قاتارلىق مايلار بىلەن سۇيۇلدۇرۇش كېرەك.

• ئۇستىقۇددۇس مېيى:

ئۇستىقۇددۇس مېيى، باش تېرىسىنى چىڭىتىپ، تېخىمۇ سىلىق ۋە ساغلام قىلىدۇ. ئۇستىقۇددۇس مېيىنى  بادام يېغى قاتارلىق مايلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەندە، باش كېپىكى مەسىلىسىدىن قۇتۇلۇشقا پايدىسى باردۇر.

• زەيتۇن يېغى:

باش تېرىڭىزگە ئازراق زەيتۇن يېغى سۈرۈڭ، ئاندىن ئىسسىق سۇ بىلەن نەملەنگەن ئىسسىق لۆڭگىنى  بېشىڭىزغا ئوراڭ، ئارقىدىن، 40 مىنۇت ساقلاڭ، بۇ ئۇسۇلنى ھەر ھەپتە تەكرارلاڭ.

      لىمون سۈيى:

لىمون سۈيى مايلىق ۋە كېپەكلىك چاچلاردىن قۇتۇلۇشتا ئۈنۈمى يۇقىرىدۇر. بۇ ئۇسۇل، چاچنىڭ  PH سەۋىيەسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش بىلەن بىللە، باش تېرىسىگە ئورۇنلىشىۋالغان تەمرەتكىنىڭ ئۆسۈشىنىڭمۇ ئالدىنى ئالىدۇ. يۇيۇنۇشتىن بۇرۇن ، چېچىڭىزنى لىمون سۈيى بىلەن ھۆل قىلىپ، 20 مىنۇت ساقلاڭ.

     چاققان ئوت:

 چاققان ئوتنى قۇرۇق ياكى ھۆل پېتى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. بىر تاتلىق قوشۇقى چاققان ئوتنى (تەخمىنەن تۆت گرامدىن بەش گرامغىچە) 750 مىللىلىتىرلىق قايناۋاتقان سۇغا سالغاندىن كېيىن، قاپىقىنى يېپىپ، تۆۋەن ئوتتا تۆت مىنۇت قاينىتىڭ، سوۋۇغاندىن كېيىن سۈزۈڭ. چېچىڭىز پاكىز بولسا، چققان ئوتى سۈيى بىلەن يۇيۇڭ، يېرىم سائەت ساقلىغاندىن كېيىن، پەقەت سۇ بىلەنلا يۇيۇپ، قۇرۇتۇڭ. چېچىڭىز پاكىز بولمىسا، ئالدى بىلەن، چاچ سوپۇنى ياكى سوپۇن بىلەن يۇيۇڭ، ئاندىن، ئالدىن تەييارلىغان چاققان ئوتى سۈيىنى چېچىڭىزغا سۈرۈپ، يېرىم سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، پەقەت سۇ بىلەنلا يۇيۇپ، قۇرۇتۇڭ. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق چېچىڭىزغا ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلالايسىز ۋە كېپەك بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز.

   تەركىبىدە ۋىتامىن A مول بولغان يېمەكلىكلەر:

تەركىبىدە ۋىتامىن A مول بولغان سەۋزە، ئۆرۈك، جىگەر، ياۋروپا كەرەپشىسى، بەرەڭگە، چوڭ يوپۇرماقلىق قىزىلچا ۋە بېلىق قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، كېپەكتىن يىراقلاشتۇرۇپ، ساغلام ئوزۇقلىنىشقا ياردەم بېرىدۇ.

    ئالما سىركىسى:

 ئالما سىركىسىنىڭ pH قىممىتى باش تېرىسىگە ماس كېلىدۇ ۋە باكتېرىيە ئۆلتۈرىدۇ. 1  ئىستاكان سۇغا 1 قوشۇق سىركە سېلىنىپ، چاچنىڭ تېگىگە ئۇۋۇلاپ سۈرۈلىدۇ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 20 مىنۇت ساقلاپ، ئىسسىق سۇ بىلەن يۇيۇلىدۇ، ھەپتىدە 3 قېتىم تەكرارلىنىدۇ، بۇ ئۇسۇل چاچنىڭ پارقىراق كۆرۈنۈشىگىمۇ ياردەم بېرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر