تۈركىيە ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ نورماللىشىشى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز

1742564
تۈركىيە ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ نورماللىشىشى

تۈركىيە ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ نورماللىشىشى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (14)

(مۇرات يېشىلتاش)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ خەۋپسىزلىك تەتقىقاتلىرى دىرىكتورى ۋە يازغۇچىسى مۇرات يېشىلتاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيە ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ نورماللىشىشى» تېمىلىق ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ***** *******  ** ******

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئەمەلىي رەھبىرى بولغان مۇھەممەد بىن زەيىد ئەل نەھياننىڭ تۈركىيە زىيارىتىدىن كېيىن، نۇرغۇن كۈزەتكۈچىلەر تۈركىيە بىلەن پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا باشلىدى. زەيىدنىڭ تۈركىيە زىيارىتى 2011-يىلدىن بېرى ئوخشىمىغان لاگېرلاردا ئورۇن ئالغان ۋە كەسكىن كۈرەش قىلىۋاتقان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ نۆۋەتتە يېتىپ كەلگەن باسقۇچىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقى نۇقتىسىدىنمۇ ئالاھىدە دىققەت تارتتى. بۇ زىيارەتتە تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا 10 مىليارد دوللارلىق سودا ۋە مەبلەغ سېلىش كېلىشىملىرىنىڭ ئىمزالىنىشى بولسا، مۇناسىۋەتلەرنىڭ كەلگۈسىنىڭ نامايەندىسى بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. گەرچە يېقىنقى ئون يىلدا ئىككى دۆلەت ئۆز-ئارا كەسكىن سىياسەتلەرنى يولغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى بۇ كەسكىنلىكنىڭ سەلەبىي تەسىرىگە ئۇچرىمىغان بولغاچقا بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ رايوننىڭ كەلگۈسى نۇقتىسىدىن تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكى مەلۇم.

ئىككى دۆلەت بىر مەزگىل داۋاملاشقان ئۆز-ئارا يېقىنلىشىش جەھەتتە بەزى قەدەملەرنى تاشلىغان ئىدى. لېكىن ھېچكىممۇ نورماللىشىشنىڭ بۇنداق تېز بولىشىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى. بۇ يېقىنلىشىشىنىڭ ئارقىسىدا ئىككى تەرەپ نۇقتىسىدىن بەزى سەۋەبلەر بار، ئەلۋەتتە.

ھەممىدىن مۇھىمى بۇ زىيارەت رايونلۇق ۋە دۇنياۋى ئۆزگىرىشنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسى ئىدى. ئامېرىكادا بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ترامپ دەۋرىدىكى ئوتتۇرا شەرق ۋە دېڭىز قولتۇقى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى بولۇپمۇ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىنى ئەندىشىگە سالدى. بايدىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىقا چىقمايلا ترامپنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا سۇنغان «ئاق چەك» سىياسىتىنى بىكار قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بايدىن يادرو سىياسىتى سەۋەبىدىن ترامپ دەۋرىدە ئىرانغا ئىشلىتىلىتىۋاتقان «تولۇق بېسىم» سىياسىتىدىن ۋاز كەچتى ۋە بۇ ئەھۋال ئىرانغا قارىتا ئاجىز  كېلىپ قالغان پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىنى يېڭى ئىزدىنىشلەرگە مەجبۇر قىلدى. بۇنىڭغا قارىتا رايوندىكى دۆلەتلەر باشقا رايون دۆلەتلىرى بىلەن بولغان زىددىيەتنى ئازايتىشنى قارار قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئوتتۇرىسىدا مەلۇم مەزگىلدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان ۋە يەمەن مەسىلىسىدە تېخىمۇ ئوچۇق-ئاشكارە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان كېلىشەلمەسلىكلەرمۇ ئىككى پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىناقلىقنى بۇزدى. تاشقى سىياسىتىدە رىئالىست ۋە ئەمەلىيەتچىل بولغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بۇ ئەھۋالنى تۈركىيە بىلەن يېقىنلىشىشنىڭ پۇرسىتى دەپ قاراپ، رايوندىكى باشقا دۆلەتلەردىن بۇرۇنراق ھەرىكەت قىلدى ۋە تۈركىيە بىلەن بولغان كەسكىن دىپلوماتىيەسىدىن ۋاز كېچىپ، نورماللىشىشقا قاراپ چوڭ بىر قەدەمنى تاشلىدى. رايوندىكى نورماللىشىش دولقۇنى قاتارغا بولغان قامال قىلىش سىياسىتىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن باشلانغان ئىدى، ئەلۋەتتە.

 تۈركىيە ئۈچۈنمۇ نورماللىشىشنىڭ مۇۋاپىق ئاساسى بار. چۈنكى بۇنى بىر تەرەپلىمە جەريان دەپ قاراشقا بولمايدۇ. تۈركىيەمۇ يېقىندىن بۇيان رايوندىكى ئىختىلاپلىق دۆلەتلەر بىلەن نورماللىشىشقا تىرىشىۋاتاتتى. گەرچە مىسىر، ئىسرائىلىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بەزى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما تېخىچە تولۇق بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن ئىدى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن نورماللىشىش باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ تېز بولدى. تۈركىيە بۇ جەھەتتە «ئوچۇق دىپلوماتىيە» نىڭ ئالدىدا توسالغۇ پەيدا قىلىشنى تاللىمىدى. چۈنكى تۈركىيە يېقىندىن بۇيان رايوندا ئۆزىگە قارشى يۈز بېرىۋاتقان قۇتۇبلىشىشنى بۇزۇپ تاشلاشقا تىرىشماقتا ئىدى. بۇنى تۈركىيەنىڭ مەۋجۇت مەۋقەسىدە كۆپ مۇرەسسە قىلماستىن، گرېتسىيە ۋە جەنۇبىي قىبرىس ئەتراپىدا شەكىللىنىۋاتقان ئىتتىپاقنى پارچىلاش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ قاراش كېرەك. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن بولغان يېقىنلىشىش دەل مانا شۇنداق بىر مەزگىلدە ئىشقا ئاشتى.

ھازىر جاۋاب تېپىشقا تېگىشلىك ئاساسلىق سوئال، «بۇ نورماللىشىش پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرى بىلەن يېقىنلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ، يوق؟»

شۈبھىسىزكى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن تۈركىيەنىڭ لىۋىيە، مىسىر ۋە سۈرىيە قاتارلىق مەسىلىلەردە ئوخشىمىغان سىياسىي چۈشەنچىسى بار. بىراق ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن نورماللىشىش تۈركىيەنىڭ مىسىر ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن قويۇق ئالاقە ئورنىتىشىنى ئىشقا ئاشۇرىشى مۇمكىن، ئاندىن رايونلۇق جىددىيلىكلەرمۇ بىر بىرلەپ ھەل بولىشى مۇمكىن. بۇ بارلىق ئىشلارنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن ھېچ بولمىغاندا 2022-يىلىنىڭ بىرىنچى پەسلىنى ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر