«كنىدوس ئافرودىت ھەيكىلى» ۋە كنىدوس قەدىمكى شەھىرى

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ يېڭى سانى...

1739269
«كنىدوس ئافرودىت ھەيكىلى» ۋە كنىدوس قەدىمكى شەھىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بۇ زېمىن تارىختىكى تۇنجى گۈزەللىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانلىق قىلىدۇ؛ رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئىلاھلار ئوتتۇرىسىدىكى بۇ گۈزەللىك مۇسابىقىسى بۇنىڭدىن تۆت مىڭ يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن بولۇپ،  ئافرودىت ئەڭ گۈزەل تەڭرىچە ئۇنۋانىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن باھالىغۇچىنى قايمۇقتۇرىدۇ ۋە بۇ قىلمىشى ئارقىلىق ترويا ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنىلا «ئەڭ گۈزەل تەڭرىچە» دېگەن نامغا ئېرىشىدۇ. «ئافرودىت» دېگەن نام ئەسىرلەردىن بۇيان دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايال، كەم - كۈتىسىز نىسبەتلەر ۋە مۇكەممەللىك قاتارلىق ئۇقۇملار بىلەن بىرلىكتە تىلغا ئېلىنىدۇ ۋە بۇ ئۇقۇملار بىلەن گىرەلىشىپ كېتىدۇ. تەڭرىچەگە ئاتاپ نۇرغۇن بۇتخانىلار سېلىنىدۇ، سان – ساناقسىز ھەيكەللەر ياسىلىدۇ. سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا سەنئەت تارىخىنىڭ «تۇنجىلىرى» قاتارىغا كىرگەن «داتچا-كنىدوس ئافرودىت ھەيكىلى» ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىمىز.

* * * * *

يۇنان ئەپسانىلىرىدە مۇھەببەت ياكى گۈزەللىك ئىلاھى دەپ قارىلىدىغان ئافرودىت، ماتروسلارنىڭ قوغدىغۇچىسى، شۇنداقلا موللۇق، تۇغۇشچانلىق ۋە بەرىكەت تەڭرىچىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەينى دەۋرنىڭ مەشھۇر ھەيكەلتىراشى پراكسىتېلېس، ماتروسلۇق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كنودوسلۇقلارغا بىر ھەيكەل ياساپ بېرىدۇ. «يالىڭاچ ئافرودىت» دەپمۇ ئاتىلىدىغان «كنودوس ئافرودىت ھەيكىلى» دۇنيادىكى تۇنجى «يالىڭاچ ئايال ھەيكىلى» بولغاچقا، ئابىدە خاراكتېرىگە ئىگىدۇر. گەرچە ئاياللار ۋە ئۇلارنىڭ بەدىنى كېيىنكى يىللاردا تەڭرىچە ئافرودىت قىياپىتىدىكى تاۋارغا ئايلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ھەيكەلتىراش پراكسىتېلېسنىڭ ئەينى دەۋردىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك خىزمىتى ئىدى.

 شۇ چاغغىچە پەقەت يۇنان تەڭرىلىرىنىڭ، يەنى ئەر تەڭرىلەرنىڭلا بۇنداق ھەيكەللىرى ياسىلاتتى، تەڭرىچەلەر بولسا، كىيىم - كېچەكلىرى بىلەن ئويۇلاتتى. تەسەۋۋۇر قىلىنغىنىنىڭ ئەكسىچە، بۇنىڭ شەھۋانىيلىق بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ئىدى... ئەر  مەركەزلىك بىر جەمئىيەت بولغان ھەمدە ئەپسانىلىرىدىمۇ بۇلار ئېنىق ئەكس ئەتكەن گىرېك مەدەنىيىتىگە نىسبەتەن نۇقسانسىز بەدەن ئەرلەرنىڭ بەدىنى ئىدى. شۇڭلاشقا، ئۇنى كۆرگەزمە قىلىشنىڭ ھېچقانداق زىيىنى يوق ئىدى. ئاياللارنىڭ بەدىنى مۇكەممەل ئەمەس دەپ قارالغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەيكەللىرى كىيىملىك ھالەتتە  ياسىلاتتى.

سەنئەت تارىخىدىكى يېڭى بىر تېمىنىڭ تۇنجى ئۈلگىسىنى شەكىللەندۈرگەن كنودوس ئافرودىت ھەيكىلى، بۇنىڭلىق بىلەنلا توختاپ قالماستىن، ئاياللارنىڭ گىرېك جەمئىيىتىگە قاتنىشىشقا باشلايدىغانلىقىنىڭ بېشارىتىنىمۇ بېرىدۇ. ئۇ ئەسىرلەر بويى نۇرغۇن سەنئەتكارلارنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، ئافرودىت ئارقىلىق غايىۋىلەشتۈرۈلگەن ئاياللار بەدىنى ھەيكەلتىراشلىقنىڭلا ئەمەس، يەنە رەسىم، شېئىر، رومان ۋە كىنولارنىڭمۇ تېمىسى بولىدۇ.

* * * * *

ئافرودىت بىر تەڭرىچە بولۇپ، دۇنيەۋىي گۈزەللىكتىن ھالقىغان بىر ئىلاھىي گۈزەللىكنىڭ ئۆزگىچە نامايەندىسىدۇر. ھەيكەلمۇ بۇ قاراشنىڭ نامايەندىسىدۇر. كىنودوس ئافرودىت قەدىمكى دەۋر سەنئىتىنىڭ ئىپتىخار مەنبەلىرىنىڭ بىرىدۇر. شۇڭا ئۇ دەۋردىكى بەزى يازغۇچىلار بۇ ئېستېتىك مۆجىزەگە «پۈتكۈل قەدىمكى دۇنيانىڭ كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان نادىر ئەسىرى» دەپ باھا بېرىدۇ. كىنودوس ئافرودىت ھەيكىلى ھەيكەلتىراش تەرىپىدىن يۇيۇنۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ھالەتتە تەسۋىرلىنىدۇ. شۇڭىمۇ ئۇ دىنىي مەنىگە ئىگە بولىدۇ؛ چۈنكى يۇيۇنۇش باشقا بارلىق بەرىكەت،  موللۇق تەڭرىچەلىرىدىكىگە ئوخشاشلا دىنىي ۋەزىپەدۇر.

 كىنىدوس خەلقى ماتروسلارنىڭ قوغدىغۇچىسى ئافرودىتنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ ھەيكەل كېنىدوسلۇق ماتروسلار ھەر تەرەپتىن كۆرەلەيدىغان ئېگىز بىر يەردىكى بۇتخانا ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. خەلق ئافرودىتنىڭ خەتەرلىك يوللارنى كۆرەلەيدىغانلىقىغا، بوران - چاپقۇنلۇق ھاۋا شارائىتىدا ئۇلارنىڭ پورتلارغا بىخەتەر بېرىۋېلىشىغا ياردەدم بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، ھەيكەلنى كۆرگەن ماتروسلار ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر، ھەيكەلنىڭ ھەر تەرەپتىن كۆرۈنۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئادەتتىن چەتنەپ بۇتخانىنىڭ يۇمىلاق ھالەتتە ياسالغان بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئافورىدت بۇتخانىسى دەپ ئاتىلىدىغان بۇ قۇرۇلۇش يەنە «يۇمىلاق بۇتخانا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. لېكىن، بۇلار پەرەزدىن باشقا نەرسە ئەمەس، چۈنكى ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت ئىزدېرىكى قىلىنغان بۇ مەشھۇر ھەيكەل، يا بۇتخانىدىن ياكى كنىدوسنىڭ باشقا بىر يېرىدىن تېپىلمىدى... تەتقىقاتچىلارنىڭ قولىدا ئەينى چاغدا بۇ يەرنى زىيارەت قىلغانلار قالدۇرغان خاتىرىلەر، قېزىش – تەكشۈرۈش جەريانىدا تېپىلغان ئافرودىت سۈرىتىنىڭ پارچىلىرى ۋە بۇ ئىبادەتخانىغا تەۋە دەپ قارالغان تام رەسىملىرىگە دائىر ئۇچۇرلارلا بار.

* * * * *

كنودوسنىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان باشقا قۇرۇلۇشلىرىغا ئۆتۈشتىن بۇرۇن، بۇ شەھەر ھەققىدە ئازراق توختىلىپ ئۆتىمىز. ھازىرقى كۈنىدە داتچا يېرىم ئارىلىنىڭ ئەڭ يىراق چېتىگە جايلاشقان كنودوس، قەدىمكى دەۋردىكى مۇھىم سودا، مەدەنىيەت ۋە سەنئەت شەھەرلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ ئەگە دېڭىزى بىلەن ئاقدېڭىز ئۆزئارا ئۇچراشقان جايغا جايلاشقان بولغاچقا، دېڭىزچىلىق جەھەتتەمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىدى. كنودوس ئاقدېڭىزدىن قارا دېڭىزغا قاراپ ماڭغان پاراخوتلارنىڭ توختاپ ئۆتۈش نۇقتىسى بولۇپ، ئۇزۇق – تۈلۈك ۋە سودا بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىش ھەمدە ئارام ئېلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئورۇندا ئىدى. ئۇ ئىنتايىن مۇۋاپىق تەبىئىي پورتلىرى بىلەن ناچار ھاۋارايى شارائىتلىرىدا ماتروسلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولاتتى. دەسلەپتە بۇ شەھەر چوڭ قۇرۇقلۇق ۋە ھازىر «تۆگە بوينى» دەپ ئاتىلىدىغان «كاپ كرىئو» ئارىلىدىن تەركىب تاپاتتى. شۇڭلاشقا، ئەينى چاغنىڭ جۇغراپىيەشۇناسى سترابو كنودوسنى «قوشماق شەھەر» دەپ ئاتىغانىدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، ئارال بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇق ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز تولدۇرۇلۇپ ئىككى ئايرىم پورت ۋۇجۇدقا چىقىرىلىدۇ. شىمالدىكى ئەگە دېڭىزى پورتى تېخىمۇ بىخەتەر بولغاچقا، ھەربىي ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، جەنۇبتىكى پورت سودا پاراخوتلىرىغا ئاجرىتىلىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا دېڭىزنى تولدۇرۇش تېخنىكىسىنى بىلىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك پايدىلىنىش كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىناكارلىق ئۇتۇقى سۈپىتىدە كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ.

يەر شەكلى ئوڭغۇل – دوڭغۇل بولغاچقا، كنودوس قەدىمىي شەھىرىدىكى ئىمارەتلەر پەلەمپەيسىمان شەكىلدە سېلىنغانىدى. يۇقىرىدا شەھەرنىڭ ئېگىز يېرىگە سېلىنغان «يۇمىلاق بۇتخانا» ياكى ئافرودىت بۇتخانىسى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتكەنىدۇق. كنودوسنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان باشقا قۇرۇلۇشلىرى دۇكان ۋە مال سېتىۋېلىش مەركىزى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن ستوئا، بەرىكەت ۋە موللۇق تەڭرىچەسى دەمەتەر ئۈچۈن ياسالغان مۇقەددەس جاي، يىگىرمە مىڭ كىشىلىك چوڭ تىياتىرخانا، ئاپوللو ۋە دىئونىسوس بۇتخانىسى قاتارلىقلاردۇر. بۇنىڭدىن باشقا، قەدىمكى دەۋرنىڭ ئەڭ چوڭ قەبرىستانلىقلىرىنىڭ بىرىمۇ بۇ شەھەرگە جايلاشقان.

باي - باياشاتلىقى ۋە ھەيۋەتلىكلىكى بىلەن داڭق چىقارغان بۇ شەھەر نۇرغۇن قېتىم بۇلاڭ - تالاڭ قىلىنىدۇ. بۇ خىل بۇلاڭچىلىق تارىخىي رولىنى ئاخىرلاشتۇرغان چاغلاردىمۇ داۋاملىشىدۇ! بەزىلەر تاپقان نەرسىلىرىنى ئۆز دۆلىتىگە ئېلىپ كېتىپ باي بولۇشنى ئارزۇ قىلسا، يەنە بەزىلەر ئافرودىتنىڭ ھەيكىلىنى تېپىپ نام - شۆھرەت قازىنىشنى كويىغا چۈشىدۇ.  19- ۋە 20- ئەسىرلەردىكى خەزىنە ئوۋچىلىقى تۈسىدىكى رەھىمسىزلەرچە قېزىشلار كىندوسقا زور زىيانلارنى يەتكۈزىدۇ... تېپىلغانلار چەت ئەلگە ئەتكەس قىلىنىدۇ. ھەجىمى، ئېغىرلىقى ۋە يۇقىرى بەدىئىي قىممىتى بىلەن ئالاھىدە مۇھىم ھېسابلىنىدىغان  «كنودوس شىرى» ۋە ھەقىقىي ئىنسان ئۆلچىمىدە ياسالغان بەرىكەت ئىلاھى «كنودوس دەمەتەرى» ھەيكەللىرى بۈگۈنكى كۈندە ئۆزلىرى تەۋە بولغان يەردىن يىراقتا — لوندوندا كۆرگەزمە قىلىنماقتا.

* * * * *

ئافرودىتنىڭ ھەيكىلىنى ياساش ئارقىلىق يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلغان ھەيكەلتىراش پراكىستېلېس، بۇ شەھەرنى داڭلىق ساياھەت مەركىزىگە ئايلاندۇردى. كنودوسنىڭ سەنئەتتىلا ئەمەس، ئىلىم- پەن ۋە مەدەنىيەتتىمۇ باشلامچى شەھەر بولۇشىغا تۆھپە قوشقان باشقا كىشىلەر ھەققىدىمۇ قىسقىچە ئۇچۇر بېرىپ ئۆتەيلى. ئارخىدېس ۋە ئېۋكلىدقا باشلامچى بولغان، كائىناتنىڭ  قۇرۇلمىسىنى ماتېماتىكىلىق مودېل سۈپىتىدە تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان ماتېماتىك، ئاسترونوم ۋە پەيلاسوپ ئۆدوكۇسمۇ كنودوسلۇقتۇر. قەدىمكى دۇنيانىڭ يەتتە مۆجىزەسىنىڭ بىرى بولغان مىسىردىكى ئىسكەندىرىيە ماياكىنىڭ لايىھەلىگۈسى سوستراتوس كىنىدوستا ياشايتتى. ئۆز دەۋرىنىڭ ئىككىنچى چوڭ تېببىي مەكتىپىنى قۇرغان ئۆرىفون ھىپوكرانىڭ زاماندىشى ۋە رەقىبى ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر