لىۋىيەدە يېقىنلىشىپ قالغان سايلاملار

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (12)

1736075
لىۋىيەدە يېقىنلىشىپ قالغان سايلاملار

لىۋىيەدە يېقىنلىشىپ قالغان سايلاملار

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (12)

(مۇرات يېشىلتاش)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ خەۋپسىزلىك تەتقىقاتلىرى دىرىكتورى ۋە يازغۇچىسى مۇرات يېشىلتاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «لىۋىيەدە يېقىنلىشىپ قالغان سايلاملار» تېمىلىق ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ***** *******  ** ******

لىۋىيەدە دېكابىردا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان سايلامنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، دۆلەت ئىچىدىكى جىددىيلىك كۈچىيىشكە باشلىدى. سايلامنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغان ياكى ئۆتكۈزۈلمەيدىغانلىقى، سايلامنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى، سايلام رايونىنىڭ بېكىتىلىشى ۋە نامزاتلارنىڭ بېكىتىلىشى قاتارلىق نۇرغۇن ئېنىقسىزلىقلار تۈپەيلىدىن يېڭى بىر ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. لىۋىيەدىكى ھەر قايسى تەرەپلەر تاشقى بېسىم ۋە قانۇنلۇق سالاھىيەت جەھەتتىكى ئەندىشە سەۋەبىدىن سايلام ئۆتكۈزۈشنى ئارزۇ قىلماقتا. ئەمما سايلامنىڭ قانداق شارائىتتا، قانداق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى نامەلۇم.

سايلام باسقۇچىدا، ھافتەر ۋە ئۇنى قوللىغۇچى دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ بەك ئالدىنقى پىلانغا چىقىشى مۆلچەرلەنمەكتە. ھافتەرنىڭ ئامېرىكا پۇقراسى ئىكەنلىكىگە قارىماستىن، لىۋىيە پرېزىدېنتلىقىنى تەلەپ قىلىشىمۇ قىزىقارلىق تېما سۈپىتىدە كۈنتەرتىپتە تۇرماقتا. چۈنكى لىۋىيە سايلام قانۇنىدا قوش دۆلەت پۇقرالىقى بولغانلارنىڭ سايلامدا نامزات بولىشى چەكلىنىدۇ. بۇ ۋەجىدىن ھافتەرنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى توبرۇك مەركەزلىك مەجلىس، قانۇندا بولۇشقا تېگىشلىك رەسمىي مەسىلىلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانى ۋە تەرتىپ ئىنتىزامنى ئويلاشمايلا يېڭى سايلام قانۇنى چىقىرىشقا ئۇرۇندى.

كۈتۈلگىنىدەك خەلققە ۋەكىللىك قىلىدىغان يۇقىرى ئورگان بولغان تىرىپول مەركەزلىك دۆلەت ئالىي كېڭىشى بۇ قانۇننى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇندىن باشقا يەنە، كېڭەشنىڭ رەئىسى خالىد ئەل مىشرى ئۆز نۇتۇقىدا سايلامنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېخنىكىلىق جەھەتتىن سايلامنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ، ھافتەرگە ئوخشاش ئاكتىيورلارنىڭ پرېزىدېنتلىق ئورۇندۇقىغا ئولتۇرۇشىنى ھەرگىز  قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. سۆزىنىڭ ئاخىرىدا سايلامنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلدى. بۇ ئەھۋال تىرىپولى تەرەپتىكى سايلامنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتىنىڭ كۈنسىرى كۈچىيىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

بۇ بارلىق ئىشلاردىن باشقا يەنە، تىرىپولى مەركەزلىك ئاكتىيورلار ئوتتۇرىسىدا ئورتاق بىر نامزات چىقىرىش توغرىسىدا بىردەكلىك ئىشقا ئاشقىنى يوق. بۇ جەرياندا، قاززافىينىڭ ئوغلى سەيفۇلئىسلامنىڭ پىرېزىدېنتلىققا نامزات بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى يېڭى تالاش – تارتىشلارغا يول ئاچتى. ئۆزىنى شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدا تاللىنىشقا تېگىشلىك باشقا بىر نامزات سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان سەيفىلئىسلام، خەلقنى سايلامغا قاتنىشىشقا چاقىرىق قىلدى. ھافتەر ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرىگە قارىماستىن پرېزىدېنتلىقنى تەلەپ قىلىۋاتقان بىر مۇھىتتا، سەيفىلئىسلامنىڭ نامزاتلىقىغا خەلقنىڭ قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى ئوچۇق-ئاشكارە بىر مەسىلە. بەزى رايونلاردا ئاللىقاچان نامايىش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، خەلق سەيفۇلئىسلامنىڭ نامزاتلىقىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىشماقتا.

لىۋىيەدە سايلام ئۆتكۈزۈش ياكى ئۆتكۈزمەسلىك، ئۆتكۈزۈلگەن تەقدىردە، قانۇنلۇق دەپ قارالىشى ياكى قارالماسلىقى قاتارلىق ھەر خىل پوزىتسىيەلەر تېخىچە ئېنىقسىزلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. قانداقلا بولمىسۇن، سايلام لىۋىيەدە يېڭى بىر باسقۇچنىڭ باشلىنىشىغا سەۋەب بولىشى ۋە قايتىدىن توقۇنۇشلارنى قوزغىتىشى مۇمكىن. چۈنكى ھافتەر جەزمەن ئۆز رايونىدا قوراللارنىڭ سايىسىدا سايلىغۇچىلارغا بېسىم ئىشلىتىپ، غەلىبە قىلماقچى بولىدۇ. قوراللارنىڭ سايىسىدا ئەركىن بىر سايلامنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. باشقا ئاكتىيورلار بولسا بۇ نەتىجىنى قوبۇل قىلمايدۇ ۋە  نەتىجىدە سايلام بىلەن يېڭى بىر جىددىيلىك پەيدا قىلىنغان بولىدۇ. بۇ ئەھۋال بىر مەزگىل داۋاملاشقان ئۇرۇش توختىتىشنى بۇزۇپ تاشلاپ، لىۋىيەنىڭ قايتىدىن قالايمىقانچىلىققا پېتىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

بۇنداق مۇھىتتا، فىرانسىيەنىڭ پارىژ يىغىنى ئارقىلىق لىۋىيە مەسىلىسىگە تەسىر كۆرسىتىشى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ سەزگۈرلەشتۈرىۋىتىشى تۇرغانلا گەپ. لىۋىيەدىكى مەسىلىلەرنى سايلام ھەل قىلالمايدۇ، ئەمما سايلام دۆلەتنىڭ تەقدىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر