ئىراق باش مىنىستىرىغا قىلىنغان سۇيىقەت

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (11)

1732806
ئىراق باش مىنىستىرىغا قىلىنغان سۇيىقەت

ئىراق باش مىنىستىرىغا قىلىنغان سۇيىقەت

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (11)

(مۇرات يېشىلتاش)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئىراق باش مىنىستىرىغا قىلىنغان سۇيىقەت» تېمىلىق ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

******** ****** ***** *******

ئىراق باش مىنىستىرى مۇستاپا ئەلكازېمىنىڭ تۇرالغۇسى قورالسىز ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان (SİHA) نىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. بىخەتەرلىك مەنبەلىرىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، باغداتنىڭ قوغدىلىنىدىغان يېشىل رايونىغا جايلاشقان مۇستاپا ئەلكازېمىنىڭ تۇرالغۇسىغا 3 قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇم قىلغان. تۇرالغۇ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. باش مىنىستىر كازىمى يارىدار بولماستىن قۇتۇلۇپ قالغان. بۇ ھۇجۇم ئىرانغا يېقىنلىقى بىلەن بىلىنگەن قوراللىق ئۇنسۇرلار باش مىنىستىرغا تەھدىت سالغاندىن كېيىنلا يۈز بەرگەن بولۇپ، ھەممەيلەننىڭ دىققىتى ئىچكى تۇقۇنۇش چىقىش ئېھتىمالىغا  مەركەزلەشكەن ئەھۋالدا تۇرماقتا.

 ئىراقتا سايلامدىن كېيىن سىياسىي مالىمانچىلىق ۋە مۇقىمسىزلىق تەدرىجىي كۈچەيدى. بولۇپمۇ سايلامدا مەغلۇپ بولغان ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى شىئە قوراللىق كۈچلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي كۈچىنى مەيدانلاردا ئىشلىتىشكە باشلىغاندەك قىلىدۇ. ئىراق باش مىنىستىرى مۇستاپا ئەلكازىمىنىڭ تۇرالغۇسىنىڭ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى بۇنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ھالقىسى بولدى. ئىراق بىخەتەرلىك مەسئۇللىرى ۋە قوراللىق گۇرۇپپىلارغا يېقىن مەنبەلەر باش مىنىستىر مۇستاپا كازىمىنىڭ تۇرالغۇسىغا قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان  بىلەن ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ ئىراننىڭ  قوللىشى ئاستىدىكى قوراللىق تەشكىلاتلار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن خەلقئارا تاراتقۇلارغا بايانات بەرگەن مەزكۇر مەنبەلەر، ھۇجۇمدا ئىشلىتىلگەن قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان  ۋە پارتىلاتقۇچلارنىڭ ئىراندا ياسالغانلىقىنى ئېيتتى.

كازىمىغا قىلىنغان ھۇجۇمغا قارىتا دۇنيادىن زور نارازىلىقلار يۈكسەلدى. تۈركىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەر ئەيىبلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 15 ئەزاسىمۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، كازىمىنىڭ تۇرالغۇسىنىڭ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ھۇجۇم نىشانى قىلىنغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە قەستلەپ ئۆلتۈرمەكچى بولغانلارنىڭ قولغا ئېلىنىشى شۇنداقلا سوتقا تارتىلىشى كېرەكلىكىنى ئېلان قىلدى. ئاخباراتلاردا ئېلان قىلىنغان باياناتلىرىدا بارلىق دۆلەتلەرنى ئىراق ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىشقا چاقىردى.

ئامېرىكانىڭ ئىراقتىن قەدەممۇ-قەدەم چېكىنىشى بىلەن پەيدا بولغان كۈچ بوشلۇقىنى ئىران تولدۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.  مۇقتادا ئەل سادىرنىڭ ھەرىكىتى  قاتارلىق ئىراق ۋەتەنپەرۋەر قۇرۇلمىلىرى بولسا، ئىراننىڭ بۇ ئىستىلاسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشماقتا. سايلامدىمۇ مۇقتادا ئەل سادىر تەشكىللىگەن پارتىيەلەر بىرلەشمىسى ۋە سۇننىي مەزھىپىدىكى گۇرۇپپىلار يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشىپ بوي كۆرسەتتى. بۇنى ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ھاشدىششابى ئۇنسۇرلىرى ھەزىم قىلالمىغاندەك قىلىدۇ. ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى گۇرۇپپىلار سىياسەتتە چۈشۈپ قالغان بۇ ناچار ئەھۋالنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن قولىدىكى قوراللارغا يۈزلەنمەكتە. بولۇپمۇ باغداتتا نۇرغۇن نۇقتىلارغا جايلاشقان بۇ ئۇنسۇرلار باش مىنىستىر كازىمىغا ۋە ئىراق ئارمىيىسىگە تەھدىت سالماقتا. ئىراقتا ئىراننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كەسكىن بىر كۈچ تالىشىش كۈرىشى يۈز بەرمەكتە.

ئىراقتا تېزدىن يېڭى سىياسىي كۈچ شەكىللىنىشى، مەركىزى ئارمىيە ھاشدىششابى بىلەن مۇناسىۋىتى بار قوراللىق ئۇنسۇرلارنى قورالسىزلاشتۇرىشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، توقۇنۇش تېخىمۇ كۈچىيىپ بىر ئىچكى ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر