قوتۇر كېسىلى ۋە تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

شىپا بۇلىقى - 10

1731475
قوتۇر كېسىلى ۋە تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

( دوكتور مەھمەت ئۇچار)

قوتۇر كېسىلىنى ئۆسۈملۈكلەر ئارقىلىق ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىچە:

سامساق

سامساقنىڭ قوتۇر مىكروبىنى يوقىتىش رولى بار.

ئىشلىتىلىشى:

قوتۇر كېسىلىگە قارشى  ھەر كۈنى سالات ياكى تاماققا 2 ياكى 3 تال خام سامساقنى قوشۇشقا، خام سامساقنى قېتىققا توغراپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

سامساقنى بىۋاسىتە تېرىگە سۈرگەندە غىدىقلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئورنىغا، ئېزىلگەن سامساققا زەيتۇن ياكى كوكۇس يېغى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، پاختا توپنى ئارىلاشمىغا چىلاپ، قوتۇر بار رايونغا سۈرۈلىدۇ. 2 سائەتتىن كېيىن، يۇيۇلىدۇ، مۇشۇ بويىچە، تاكى ساقايغانغا قەدەر كۈنىگە 2 قېتىم داۋاملاشتۇرۇلىدۇ.

زەرچىۋە

زەرچىۋە تەركىبىدىكى كۇركۇمىن ماددىسىنىڭ باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش رولى بار.

ئىشلىتىلىشى:

زەرچىۋەنىڭ بىۋاسىتە ئىشلىتىلىشى، قوتۇر كېسىلىدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرىدۇر.

بولۇپمۇ قول ۋە پۇتلاردىكى قوتۇر كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان زەرچىۋە ئۆسۈملۈكى تالقان قىلىنىپ، سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن خېمىرغا ئايلاندۇرۇلغان بۇ ئارىلاشما، قوتۇر پەيدا بولغان رايونلارغا يۈز مېيىغا ئوخشاش سۈرۈلىدۇ. ئاندىن، بۇ رايونلارنىڭ ياخشى قۇرۇشى كۈتۈلىدۇ، ھەمدە  ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئون بەش مىنۇتتىن كېيىن، كۆپ سۇ بىلەن يۇيۇلىدۇ. بۇ ئۇسۇل ھەر كۈنى تەكرارلىنىدۇ.

زەرچىۋە يەنە كوكۇس مېيى بىلەنمۇ ئارىلاشتۇرۇلۇپ، قوتۇر بار رايونغا مەلھەم قىلىپ چېپىلىدۇ.

ئەسكەرتىش: زەرچىۋە ئۇسۇلىنى قوللانغىنىڭىزدا، تېرىڭىزنى سېرىق كۆرسىتىشى مۇمكىن، ئەمما  بىر نەچچە كۈن ئىچىدە يوقاپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.

كۆكتاتلار

قوتۇر كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان كىشى، سەۋزە، تۇرۇپ، قىزىلچا، بەرەڭگە ۋە تاتلىق بەرەڭگە قاتارلىق كىراخمال تەركىبى يۇقىرى كۆكتاتلارنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ ئورنىغا، تەركىبى كىراخمالدىن تۆۋەن بولغان بروككولى، يېسىۋىلەك ۋە سەرەبىل قاتارلىق يېڭى ئورگانىك كۆكتاتلارنى ئىستېمال قىلىشى لازىم. ئەگەر شېكەرلىك نەرسىلەر بەك كۆپ ئىستېمال قىلىنسا، قوتۇرنىڭ شەكىللىنىشى تېزلىشىپ كېتىدۇ.

ئالما سىركەسى

ئالما سىركەسى قوتۇر قىچىشىشنى پەسەيتىدۇ.

ئىشلىتىلىشى:

بىر پاختا توپى ئالما سىركەسىگە چىلىنىپ، قوتۇر بار رايونغا سۈرۈلىدۇ، بۇ ئۇسۇل كۈنىگە 3 قېتىم تەكرارلىنىدۇ.

ئېچىتىلغان سۈت مەھسۇلاتلىرى

سۈت كىسلاتا باكتېرىيەسى بىلەن ئېچىتىلغان سۈت مەھسۇلاتلىرى  ئىنتايىن ياخشى پروبوتوتىك مەنبەسىدۇر. ئايران، قېتىق، پىشلاق ۋە كېفىر قاتارلىق سۈت مەھسۇلاتلىرى پايدىلىق مىكروبلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ، بەدەننى قوتۇر  كېسەللىكلىرىگە قارشى قوغدايدۇ.

ئازادى دەرىخى يوپۇرمىقى

ئازادى دەرىخى يوپۇرماقلىرىنىڭ جەۋھىرى مۇھىم تېرە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مىكروب ۋە تېرە قوتۇرىنى يوقىتالايدۇ.

ئىشلىتىلىشى:

ئازادى دەرىخى يوپۇرماقلىرى بىر نەچچە مىنۇت قاينىتىلىدۇ. سوۋۇغاندىن كېيىن، قوتۇر بار رايونغا سۈرۈلىدۇ.

زىغىر ۋە چىيا ئۇرۇقلىرى

زىغىر ۋە چىيا ئۇرۇقلىرى يۈرەك مۇسكۇللىرىنىڭ ئۆسۈشىنى قوللاپ، بەدەننىڭ قوتۇر كېسەللىكلىرىگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. زىغىر ۋە چىيا ئۇرۇقلىرىنى سالات ياكى قېتىققا قوشۇپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

كوكۇس مېيى

كوكۇس مېيى پەقەت يېنىك ياكى ئوتتۇراھال قوتۇر كېسىلى يارىلاندۇرغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۈنۈملۈك دورا بولالايدۇ.

ئىشلىتىلىشى:

كوكۇس مېيى قوتۇرلۇق رايونغا كۈنىگە 3 قېتىم سۈرۈلىدۇ. قوتۇر يوقىتىلغاندىن ۋە كوكۇس مېيى نەملىك ساقلاش دورىسى سۈپىتىدە سۈرۈلگەندىن كېيىنمۇ بىر نەچچە ھەپتە ئىشلىتىلىدۇ. دەرۋەقە، كوكۇس مېيى، كەلگۈسىدىكى قوتۇردىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىدۇر.

چۆل رەيھىنى مېيى

چۆل رەيھىنى مېيى قوتۇرنىڭ ئۆسۈشىنى توختىتالايدۇ.

ئىشلىتىلىشى:

سۇيۇقلاندۇرۇلغان چۆل رەيھىنى مېيىنى يۇقۇملانغان رايونغا سۈرۈشكە بولىدۇ؛ بۇ ئۇسۇل كۈنىگە 3 قېتىم تەكرارلىنىدۇ.

چاي دەرىخى مېيى

چاي دەرىخى مېيى بۈگۈنكى كۈندە، قوتۇر كېسىلىنى داۋالاشتا ئۈنۈملۈك ۋە كەڭ قوللىنىلىدىغان ئاساسلىق ماي ھېسابلىنىدۇ.

ئىشلىتىلىشى:

كوكۇس مېيى بىلەن% 2 سۇيۇلدۇرۇلغان چاي دەرىخى مېيى ئارىلاشتۇرۇلۇپ، قوتۇرلۇق رايونغا كۈنىگە 3 قېتىم سۈرۈلىدۇ.

قىچا:

قوتۇرلۇق رايونغا بىر قوشۇق قىچا مېيى سۈرۈلۈپ، يېرىم سائەت ئەتراپىدا كۈتۈلىدۇ، ئاندىن، بۇ ماينىڭ يىغىندىلىرى يۇيۇنۇش ئارقىلىق تازىلىنىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئۈنۈملۈك نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، بۇنى بىر ياكى ئىككى ھەپتە داۋاملاشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىمدۇر. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، قىچا تالقىنىنى ئاز مىقداردىكى سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، مەلھەم قىلىپ، قوتۇرلۇق رايونغا ئۇۋىلىغاچ سۈرگەندىن كېيىن، تاكى قۇرۇغانغا قەدەر كۈتۈلىدۇ، قۇرۇغاندىن كېيىن، مول سۇ بىلەن يۇيۇلىدۇ.

كۇلى بېھىسى ئۆسۈملۈكى:

پىشقان كۇلى بېھىسى ئۆسۈملۈكىنىڭ بىر پارچىسى كېسىلىپ، قوتۇرنىڭ ئۈستىگە سۈرۈلىدۇ. پىشقان كۇلى بېھىسى ئۆسۈملۈكى قوتۇر كېسەللىكلىرىنى دەرھال تىنچلاندۇرۇش ۋە ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىش رولىغا ئىگە. ئۇ يەنە، ئېچىشىش ۋە قىچىشىشنى يەڭگىللىتىدۇ ۋە پەسەيتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر