باش ئاغرىقى ۋە تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

شىپا بۇلىقى - 06

1717965
باش ئاغرىقى ۋە تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

 

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

ساغلاملىق مەسىلىسى سۈپىتىدە دائىم ئۇچرايدىغان باش ئاغرىقى ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. تۈرلىرىگە ئاساسەن ھەر خىل بولىدىغان باش ئاغرىقى بىر نەچچە سائەت ياكى بىر قانچە كۈن داۋاملىشىشى مۇمكىن.

باش ئاغرىقىنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى  تۆۋەندىكىچە:

 1 - ئۇستىقۇددۇس مېيى:

ئۇستىقۇددۇس مېيى بىۋاسىتە پۇراق سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ، دىففۇزورغا 2 تامچە قويۇپ، توقۇلما قەغەزگە ئىككى تامچە تېمىتىپ پۇراش شەكلىدە قوللىنىلىدۇ.

2 - دورىلىق پىننە مېيى:

دورىلىق پىننە مېيىنىڭ ھۇزۇر بېغىشلىغۇچى رولى سەۋەبىدىن، يۇقىرى قان بېسىم ۋە جىددىيلىشىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك باش ئاغرىقلىرىنى پەسەيتىشتە تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇلى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ.

3 - رەيھان مېيى:

رەيھان مېيى مۇسكۇلنى بوشىتىش رولىنى ئوينايدۇ. باش ئاغرىقلىرى ۋە ئاجىز مۇسكۇللارنى داۋالاشتىمۇ ئۈنۈمى يۇقىرىدۇر.

4 - زىغىر ئۇرۇقى:

زىغىر ئۇرۇقىنىڭ تەركىبىدە ئومىگا 3 مول بولغانلىقتىن، باش ئاغرىقلىرىنى پەسەيتىش رولى بار.

5 - تۈرك قەھۋەسى ۋە چاي:

قەھۋە ۋە چاينىمۇ باش ئاغرىقىنى پەسەيتىشتە ئىشلىتىشكە بولىدۇ. قەھۋە تەركىبىدىكى كوففېئىن باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ. بىر ئىستاكان تۈرك قەھۋەسى ياكى بىر پىيالە چاي ئىچىپ بەرگەندە، ئاغرىق پەسەيتىش رولى سەۋەبىدىن، دەسلەپكى باسقۇچلاردا ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ، يەنىلا بەك كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك.

6 - بارماق بىلەن يىڭنە سانجىش رايونىغا بېسىم ئىشلىتىش:

  • باش بارماق بىلەن كۆرسەتكۈچ بارماق ئوتتۇرىسىدىكى نۇقتىغا يەنە بىر قول بىلەن بېسىم ئىشلەتكەندە، باش ئاغرىقىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.

• قاش ئوتتۇرىسىدىكى نۇقتىغا جايلاشقان يىڭنە سانجىش بېسىم نۇقتىسىغا بېسىم ئىشلىتىش، بېسىم ۋە ھارغىنلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.

• بۇرۇن بىلەن كۆز چانىقى ئوتتۇرىسىدىكى نۇقتا، بۇرۇن كۆۋرۈكى بىلەن كۆز چانىقى ئۈستىگە، قاشنىڭ ئاستىغا جايلاشقان بولۇپ، بېسىم ياكى سوغۇقتىن كېلىپ چىققان باش ئاغرىقلىرىنى، كۆرسەتكۈچ بارماق ئارقىلىق بۇ رايونغا بېسىم ئىشلىتىش  ئارقىلىق پەسەيتىش مۇمكىن.

7 - ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇش:

ئەگەر باش ئاغرىقى زۇكام ياكى بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، بۇ ئىسسىق ھاۋا بۇرۇن يوللىرىنى ئېچىش رولىنى ئوينايدۇ.

8 - پېشانىسىگە ۋە چېكە رايونىغا مۇز قويۇش:

پېشانىسىگە ۋە چېكە رايونىغا ھۆل لۆڭگە قويۇش ياكى مۇز خالتىسى بىلەن مۇز قويۇش ئارقىلىق باش ئاغرىقىنى پەسەيتىش مۇمكىن. پېشانە ۋە چېكە رايونىغا مۇز قويغان ۋاقىتتا، باش ئاغرىقىنى تېزدىن يوقىتىش ئۈچۈن، مۈرىنىڭ كەينىگە ئىسسىق سۇغا چىلانغان ھۆل لۆڭگە قويۇش كېرەك. تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن، بۇ ئۇسۇلنى تەكرارلاشقا بولىدۇ.

9 – ئۇسسۇزلۇقتىن ساقلىنىش لازىم:

باش ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئۇسسۇزلۇقتۇر. شۇ ۋەجىدىن، باش ئاغرىقى باشلانغان ھامان، داۋاملىق سۇ ئىچىش كېرەك. ئەگەر باش ئاغرىقى بولسا، ئۇنداقتا بەك سوغۇق سۇ ئىچىشتىن ئېھتىيات قىلىش لازىم.

10 – باشنىڭ ئارقا تەرىپى، بويۇن ۋە مۈرىنى ئۇۋۇلاش:

 بۇ ئارقىلىق باش ئاغرىقىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.

11 - نەپەسلىنىش مەشىقى:

بەزىدە پەقەت توغرا نەپەسلىنىشمۇ داۋالاشنىڭ ئورنىنى باسالايدۇ. چوڭقۇر نەپەسلىنىش بىلەن ئارام تاپقىلى، بۇ ئارقىلىق بەدەندىكى جىددىيلىكنى ئازايتىپ، بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدە باش ئاغرىقىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.

12 -  قاراڭغۇ ۋە جىمجىت جايدا ئارام ئېلىش:

سالقىن، قاراڭغۇ ۋە جىمجىت جايدا كەم دېگەندە 30 مىنۇت ئارام ئېلىپ، نەپەسكە ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىق باش ئاغرىقىنى پەسەيتكىلى ۋە يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.

13 – ئالما سىركىسى:

1 ئىستاكان قىزىق سۇغا 1 قوشۇق ئالما سىركىسى ئىلاۋە قىلىنىدۇ، ياخشى ئارىلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئالما سىركىسى ئاستا ئىچىلىدۇ.

14 - لىمون سۈيى:

يېرىم لىموننى بىر ئىستاكان قىزىق سۇغا سىقىپ، ئارىلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىچىلىدۇ.

15 - قەلەمپۇر

9-10 دانە قۇرۇق قەلەمپۇر ئىنتايىن سۇس چايغا تاشلىنىدۇ ۋە شېكەرسىز ئىچىلىدۇ.

16 – روزېمارىيە چېيى:

باشنىڭ يېرىمى ئاغرىقى ئۈچۈن، بىر ئىستاكان سۇ قاينىتىلغاندىن كېيىن، ئىچىگە بىر ھەسەل قوشۇقى روزېمارىيە قوشۇلىدۇ، تۆۋەن ئوتتا 9-10 مىنۇت دەملەنگەندىن كېيىن، سۈزۈلۈپ، تاماقتىن كېيىن ئىچىلىدۇ. بۇ ئارىلاشما كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن ئۇدا 21 كۈن ئىشلىتىلىدۇ.

17 - يېشىل چاي:

يېشىل چاي،  باش ئاغرىقىنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىش ئۇسۇللىرىدىن بىرى بولۇپ، باش ئاغرىغاندا يېشىل چاي ئىچىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

18 - ئىھلامۇر:

ئىھلامۇر چېيى دائىملىق باش ئاغرىقى ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

19 - بەلىزگۈل چېيى:

بەلىزگۈل  چېيىنىڭ تىنىچلاندۇرۇش رولى سايىسىدا دائىملىق باش ئاغرىقى يېنىكلەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر