تۈركىيەدە قۇرۇلغان تۇنجى ئايروپىلان زاۋۇتى

بىلىۋېلىڭ - 05

1714317
تۈركىيەدە قۇرۇلغان تۇنجى ئايروپىلان زاۋۇتى

 دىدەم گۈنەرى

تۈركىيەدىكى تۇنجى ئايروپىلان زاۋۇتىنىڭ 1926-يىلى قۇرۇلغانلىقىنى بىلەمسىز؟

جۇمھۇرىيەتنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە ھەر ساھەدە دېگۈدەك زور تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگەنىدى. ئاۋىياتسىيە ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ئىدى. مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك، تۈركىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە تەرەققىياتىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىۋاتاتتى. 1925-يىلى، 7 سېنتەبىر كۈنى، مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، 3 مىليون 500 مىڭ لىرالىق سەرمايىلىك بىر شىركەت قۇرۇلدى. پاي چەكلىرىنىڭ % 51 ى تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ،  ،% 49 ى بولسا گېرمانىيە Junkers   ئايروپىلان زاۋۇتىنىڭ ئىدى. قەيسەرى ئايروپىلان زاۋۇتى ئۈچۈن كېرەكلىك ماتېرىياللار گېرمانىيەدىن كەلتۈرۈلدى. 1926-يىلى، 6 ئۆكتەبىر كۈنى، دۆلەت مۇراسىمى ئارقىلىق  ئېچىلغان بۇ زاۋۇت، 6 سېختا 50 تۈرك ۋە 120 گېرمان ئىشچىسى بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىدى. قۇرۇلغان چاغدا، بۇ زاۋۇت دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئايروپىلان زاۋۇتلىرىدىن بىرى ئىدى.

قۇرۇلۇپ ئىككى يىلدىن كېيىن، گېرمانىيە شىركىتى پاي چەكلىرىنى تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ئورگىنىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى، ئارقىدىنلا زاۋۇت بىر مەزگىل ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتتى. 1930-يىلى قايتا ئېچىلغان قەيسەرى ئايروپىلان زاۋۇتىدا، 1942-يىلغىچە جەمئىي 7 خىل ئوخشىمىغان تىپتىكى 212 ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىلدى. 1940-يىللاردا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيەگە قىلغان مارشال ياردىمنىڭمۇ تەسىرىدە، ئاۋۋال ئايروپىلان زاۋۇتىدا ئىشلەپچىقىرىش توختاپ قالدى، كېيىنچە زاۋۇت، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت ۋە رېمۇنت  - ئاسراش ئىشلىرى مەركىزىگە ئايلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر