سائىنت پائولوس چېركاۋى

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ يېڭى سانىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1709656
سائىنت پائولوس چېركاۋى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بۇ تۇپراقلاردا مەدەنىيەتلەر بارلىققا كېلىدۇ، كۈلتۈرلەر گۈللىنىدۇ... بۇ يەردە ئەپسانە ۋە داستانلار رېئال تۇرمۇش بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ كۆپ خۇدالىق دىنلارغىمۇ، بىر تەڭرىلىك دىنلارغىمۇ ساھىبخانلىق قىلىدۇ.  بۇ جۇغراپىيەدە بەزىلەر تەبىئىي ھادىسىلەرگە ئىشىنىدۇ، بەزىلەر سۇنى مۇقەددەس دەپ قارايدۇ؛ ئەپسانىۋى ئىلاھلارغا ئىشىنىدىغانلارمۇ، ئاسمان ئىلاھىغا ئىشىنىدىغانلارمۇ بار. يەھۇدىيلار، خىرىستىيانلار ۋە مۇسۇلمانلار بۇ تۇپراقلاردا بىللە ياشايدۇ. ئانادولۇ خىرىستىئان دىنىنىڭ تارقىلىشىغا ئوخشاش دۇنيا دىنلىرىنىڭ تارىخىنى شەكىللەندۈرگەن مۇھىم ئۆزگىرىشلەرگە شاھىت بولىدۇ. ئانادولۇ قۇددۇستىكى زۇلۇم ۋە رىمدىكى بېسىملاردىن قاچقانلارنىڭ پاناھگاھى بولىدۇ. يېڭى دىن ۋە ئۇنىڭ ۋەكىللىرىنى يوقىتىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەندە، تۇنجى خىرىستىيانلار كىشىلەرنى كەڭ قورساقلىق بىلەن قارشى ئالىدىغان ئانادولۇغا بېرىشنى قارار قىلىدۇ. ئوقۇش ئۈچۈن بارغان قۇددۇستا خىرىستىيان دىنىنى قوبۇل قىلغان تارسۇسلۇق ساينت پاۋئۇلۇس ئانادولۇغا ئۆتكەن تۇنجى رەھبەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ. ئۇ ساياھىتى ئارقىلىق يېڭى دىننىڭ قۇددۇستىن ئانادولۇغا ۋە ئۇ يەردىن ياۋروپاغا تارقىلىشىدا گەۋدىلىك رول ئوينايدۇ.

* * * * *

خىرىستىيانلارنىڭ سىمۋوللۇق زاتلىرىنىڭ بىرى بولغان سانت پائۇلۇسنىڭ ئىسمى ئىنجىلدا تارسۇسلۇق پاۋل دەپ تىلغا ئېلىنىدۇ. شۇڭلاشقا، ئانادولۇنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان تارسۇس، خىرىستىيان دىنى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم شەھەر دەپ قارىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ساينىت پائۇلۇس چېركاۋى، ساينىت پائۇلۇس قۇدۇقى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي مۇھىتى ب د ت پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى- يۇنېسكونىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋاقىتلىق تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالماقتا.

ساينىت پائۇلۇس چېركاۋى ۋە ساينىت پائۇلۇس قۇدۇقى خىرىستىيان دىنىنىڭ مۇھىم ھەج مەركەزلىرى قاتارىدا سانىلىدۇ. چېركاۋ كېيىنكى ئەسىرلەردە سانت پائۇلۇسقا ئاتاپ سېلىنغان، قۇدۇق بولسا، سانت پائۇلۇسنىڭ ھويلىسى دەپ قارالغان ئورۇنغا جايلاشقان. ئۆتمۈشتە ھەج قىلىش ئۈچۈن قۇددۇسقا بارغانلار بۇ يەرنى زىيارەت قىلىپ، مۇقەددەس ۋە شىپالىق دەپ قارالغان قۇدۇقنىڭ سۈيىدىن ئىچكەن. سۇيى قەتئىي ئازايمايدىغان قۇدۇق بۈگۈنكى كۈندىمۇ خىرىستىيان ھاجىلىرى ئۈچۈن ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا مۇھىم سىمۋول ھېسابلىنىدۇ. ھويلىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا تاش بىلەن ياتقۇزۇلغان قەدىمىي يول بار. بۇ يول سانت پائۇلۇس دەۋرىدىكىگە شەكلىنى ھازىرمۇ ساقلاپ كەلمەكتە.

* * * * *

سائىنت پائۇلۇس ھەزرىتى ئەيسانىڭ 12 ئەلچىسى (ھەۋارىسى)نىڭ بىرى بولمىسىمۇ، خىرىستىيان دىنىغا قوشقان تۆھپىسى سەۋەبىدىن بەزى مەنبەلەردە «ئەلچى» دەپ تەسۋىرلىنىدۇ. ئۇ ئانادولۇنى ئەڭ جەنۇبىدىن تارتىپ ئەڭ غەربىگىچە ئايلىنىپ، يېڭى دىننى تارقىتىشقا تىرىشىدۇ. بۇ بۈگۈنكى ئىلغار يول تورىدىن پايدىلىنىلغان تەقدىردىمۇ، بىر نەچچە ھەپتە ۋاقىت كېتىدىغان جاپالىق سەپەر ئىدى. گەرچە ئۇ نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئايلىنىپ يۈرۈپ يېڭى دىننى چۈشەندۈرۈشتىن ۋاز كەچمەيدۇ ۋە يېڭى ئەگەشكۈچىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە سائىنت پائۇلۇس ياكى سائىنت پاۋلو دەپ ئاتىلىدىغان بۇ يول تۈركىيەدىكى ئەڭ ئۇزۇن پىيادىلەر يوللىرىنىڭ بىرى. ئانتاليا ۋە ئىسپارتا شەھەرلىرىنى بېسىپ ئۆتىدىغان يولنىڭ ئۇزۇنلۇقى 500 كىلومىتىر بولۇپ، خەلقئارالىق تەبىئىي مۇھىتتا پىيادە سەيلە قىلىش ئۆلچىمىگە چۈشىدۇ. سائىنت پائۇلۇس يولى پەرگە قەدىمىي شەھىرىدىن باشلىنىپ، ئىسپارتادىكى پسىديا ئانتىئوكيا قەدىمكى شەھىرىدە، يەنى يالۋاچتا ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، پىيادە مېڭىش لىنىيەسى ۋە يۆنىلىشلىرى قىزىل ۋە ئاق بوياقلار بىلەن ئىشارەتلەنگەن. پىسديا ئانتىئوكيا ياكى يالۋاچ، خىرىستىيان دىنىنىڭ تۇنجى ۋەز-نەسىھەتلىرىنىڭ بىرى قىلىنغان شەھەر. شەھەر ھەج مەركىزى دەپ جاكارلانغاندىن كېيىن، بۇ يول خىرىستىيانلار تەرىپىدىن مۇقەددەس دەپ قوبۇل قىلىنغان. بۈگۈنكى كۈندىمۇ ھەج قىلىشنى خالايدىغان نۇرغۇن خىرىستىيانلار سائىنت پائۇلۇس يولىدىن ماڭىدۇ.

ئاسفالىتلانمىغان، تەبىئىي ھالىتى بۇزۇلمىغان بۇ 500 كىلومېتىرلىق يول بويىدا نۇرغۇن قەدىمىي شەھەرلەر بار. يولنىڭ 10 كىلومىتىرلىق قىسمى يازىلى جىلغا تەبىئەت باغچىسىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. جىلغا يەنە قىزىل قارىغاي، چىنار، چىلان ۋە ياڭاق قاتارلىق مول ئۆسۈملۈكلىرى ۋە ياۋايى ھايۋانلىرى بىلەنمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بۇ يەردە سائىنت پائۇلۇسنىڭ ئىزىنى بويلاپ ماڭغانلارنىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغان نەرسىلەرمۇ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، تاشلارنىڭ بىرىگە يېزىلغان «ئەركىن ئادەم» ناملىق شېئىر!

«ئەي يولۇچى، سەپەر ھازىرلىقىنى قىل ۋە ئاتلان يولغا، شۇنى بىلگىنكى،

ئەركىن ئادەم پەقەت خاراكتېر جەھەتتە ئەركىن ئادەمدۇر.»

دېگەن مىسرالار بىلەن باشلانغان  بۇ شېئىرنى قۇل بولۇپ تۇغۇلۇپ، كېيىن ئەركىنلىككە ئېرىشكەن قەدىمكى دۇنيانىڭ مۇھىم مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ بىرى بولغان ئېپىكېتۇس يازىدۇ. يازما كانيون نامىنى تاشقا يېزىلغان بۇ شېئىردىن ئالىدۇ.

* * * * *

سائىنت پائۇلۇس ئانادولۇنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى ئايلىنىپ يۈرۈش جەريانىدا نۇرغۇن جايلاردا قونىدۇ. كېيىنچە ئۇ قوغان جايلارغا ئۇنىڭغا ئاتاپ چېركاۋلار سېلىنىدۇ. مەرسىننىڭ مۇت رايونىدىكى ئالاخان موناستىرىمۇ شۇلارنىڭ بىرى. گۆكسۇ ۋادىسىنىڭ تىك ئېتىكىگە جايلاشقان مۇناستېر بىناسى بىرى ۋەيران بولغان ئىككى چېركاۋ، قىيالىقلارغا ئويۇلغان راھىبلارنىڭ ھۇجرىلىرى، چۆمۈلدۈرۈش ئۆيى ۋە قەبرىلەردىن تەركىپ تاپىدۇ. 1300 مېتىر ئېگىزلىككە سېلىنغان بۇ موناستىر ئۆزىنىڭ ئالاھىدە تاش ئويمىچىلىقى بىلەن كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. دۇنياغا داڭلىق سەيياھ ئەۋلىيا چەلەبى بۇ يەرنى كۆرۈپ: «ئۇستىسىنىڭ قولىدىن يېڭىلا چىققاندەك قىلىدۇ» دېگەنىدى. چېركاۋلار ۋە موناستىر بىناسى بۈگۈن كۈندە ب د ت پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى- يۇنېسكونىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋاقىتلىق تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالماقتا.

* * * * *

ئانادولۇدا قۇرۇلغان قەدىمكى مەدەنىيەتلەرنىڭ ھەر بىرى بۇ جۇغراپىيەگە ئۆزىگە ئائىت بىر نەرسىلەرنى ئىلاۋە قىلىپ كەلدى. بىز زىيارەت قىلغان قەدىمكى شەھەرلەر پەقەت ئۆتمۈشنىڭ ئىزلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يادىكارلىقلاردىنلا ئىبارەت بولۇپ قالماستىن، ئۇلار تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ، مەدەنىيەت - سەنئەت ۋە ئېتىقادنىڭ نامايەندىسىدۇر. تىياتىرخانىلارمۇ، نور كۆۋرۈكلەرمۇ، خىشتىن ياسالغان ئوردىلارمۇ، مۇقەددەس جايلارمۇ بىزگە مىراس قالىدۇ... ھەر قەدەمدە ئالدىمىزغا ئابىدىلەر، بۇتخانىلار، قۇربانلىق سۇپىلىرى، چېركاۋلار، موناستىرلار، ئىبادەتخانىلار ۋە مەسچىتلەر ئۇچراپ تۇرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئانادولۇنىڭ بايلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. ئەسىرلەر بويى ئىنسانىيەت تارىخىدا ئىز قالدۇرغان تەرەققىياتلارغا شاھىت بولىدۇ. ئانادولۇ ئالدىمىزدا ھەيۋەتلىك تاغ چوققىسىدىكى ئىلاھلارنىڭ ھەيكەللىرى، قىيا تاشلارغا ئويۇلغان دۇئا-تىلاۋەت سورۇنلىرى ۋە بىر ئېتىقادچىنىڭ سەۋرچان، شۇنداقلا ئىرادىلىك سەپىرىنىڭ قەدەملىرى سۈپىتىدە ئەكس ئېتىدۇ. بەزى سەپەرلەر ھەيران قالارلىق ئىشلار بىلەن تولغان بولىدۇ. ئۇ ئىنساننى ئەزەلدىن بىلمەيدىغان ھېكايىلەر قاينىمىغا ئىتتىرىدۇ، باشقا دىيارلارغا، باشقا دەۋرلەرگە ئېلىپ بارىدۇ؛ پەرقلىق ئېتىقادلارنىڭ ئىزلىرىنى كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلىدۇ. بۇ يەرلەر خىرىستىيان دىنى تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقەلەرگە سەھنە بولىدۇ. تۇنجى چېركاۋ، تارىخىي شىپاخانىلار، ھەزرىتى مەريەم تۇرغان ئۆي بۇ يەردە... سائىنت پائۇلۇسنىڭ سەپەرلىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بۇ تۇپراقلاردا روياپقا چىقتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر