تۈركىيە پ ي د|ي پ گ غا ئىزچىل زەربە بەرمەكتە

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز:تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، تۈركىيە قىسىملىرى ۋە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى نۇرغۇن دۆلەتتە ھەربىي ھەرىكەت ۋە نۇقتىلىق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا زەربە بەرمەكتە.

1702124
تۈركىيە پ ي د|ي پ گ غا ئىزچىل زەربە بەرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشى تېز سۈرئەتتە داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، تۈركىيە ئارمىيە قىسىملىرى ۋە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى نۇرغۇن دۆلەتتە بىرلا ۋاقىتتا ھەربىي ھەرىكەتلەر ۋە نۇقتىلىق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا زەربە بەرمەكتە. بىراق، يېقىنقى كۈنلەردە، بولۇپمۇ سۈرىيەدە مۇھىم ھەربىي ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قولچۇماقچىسى پ ي د|ي پ گ غا ئېغىر زەربە بېرىلدى.

پ ي د|ي پ گ ئامېرىكانىڭ قوغدىشى ئاستىدا سۈرىيەدىكى مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، تۈركىيە بۇ تەشكىلاتنى ئۈنۈملۈك ھالدا زەربە نىشانى قىلىشقا باشلىدى.

تۆۋەندە سەتا-تاشقى سىياسەتلەر تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇننىڭ بۇ ھەقتىكى ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز...

تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تۈركىيەدە تېررورىست كاتتىبېشى ئابدۇللاھ ئۆجالان تەرىپىدىن 1970-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قۇرۇلغاندىن كېيىن، سۈرىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا ۋە سۈرىيە ئىچىدە تەشكىلاتلىنىپ زورىيىشقا باشلىغان. بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى دادا ئەسەد دەۋرىدە لىۋاندىكى لاگېرلاردا تەشكىلات ئەزالىرىنى تەربىيەلەپ، تۈركىيەگە قارشى پايدىلىنىشقا ئۇرۇنغان. ئەمما، تۈركىيەنىڭ ھەربىي ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە، كەينىگە چېكىنىپ، ئۆجالان ۋە باشقا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى سۈرىيەدىن چىقىرىۋېتىلگەن. سۈرىيە ئىنقىلابىنىڭ باشلىنىشى بىلەن تەڭ، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى قايتىدىن پ ك ك دىن ھەم ئىنقىلابچى كۈچلەرگە ھەمدە تۈركىيەگە قارشى پايدىلىنىش ئۈچۈن تەشكىلاتنىڭ سۈرىيەدىكى قۇرۇلمىسى بولغان پ ي د|ي پ گ بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ ۋە نۇرغۇن رايونلاردىن چېكىنىپ چىقىپ، بۇ جايلارنى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تاشلاپ بەرگەن.

تېررورلۇق تەشكىلاتى، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن نۇرغۇن ساھەلەردە ھەمكارلىقلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى نۇرغۇن جايلاردا ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا ئۆتتى. ئارقىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشتە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىپ، ھۆكۈمرانلىق جايلىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتتى. بولۇپمۇ، 2014-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن تارتىپ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د|ي پ گ ئامېرىكانىڭ ياردىمى ئاستىدا سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا كەڭ جايلارنى كونتروللۇقىغا ئالدى. مەسىلەن، راققە، دېيرىزۇر قاتارلىق ئېنېرگىيە مەنبەلىرى مول بولغان ئەرەب رايونلىرىدىمۇ ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمرانلىقىنى ئورناتتى.

تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ مەقسىتى ئەسلىدە، قولىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان سۈرىيەدىكى ئافرىن بىلەن شەرقتىكى رايونلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئىلگىرىلەش ۋە ئاخىرىدا شەرقىي ئاقدېڭىزغىچە پەسكە چۈشۈپ ۋە دېڭىزغا تۇتىشىپ، بىر ئاپتونوم رايون شەكلى ئارقىلىق كىچىك دۆلەتتىن بىرنى قۇرۇش ئىدى. بىراق، تۈركىيە 15-ئىيۇل ھەربىي ئىسيانىدىن كېيىنلا دەسلەپتە فىرات قالقىنى ھەرىكىتى، ئارقىدىن زەيتۇن شېخى ھەرىكىتىنى قوزغاپ، بۇ پىلانلارنى بىتچىت قىلدى. كېيىچە يەنە، تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى بىلەن فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى تېل ئابياد ۋە رەسۇلايننى تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن تازىلاپ «پ ك ك  دۆلىتى» پىلانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مەغلۇب قىلدى.

تۈركىيە بۇ مەزگىلدە، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىمۇ رايوندىن چىقاردى. رۇسىيە بىلەن بەششار ئەسەد كۈچلىرى فىراتنىڭ شەرقىدىكى بەزى رايونلارغا ئورۇنلاشتى.

شۇنداق بولسىمۇ، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د|ي پ گ فىراتنىڭ غەربىدىكى تېل رىفات ۋە مۇنبىچ رايونلىرىدا، فىراتنىڭ شەرقىدە ئاين ئەل ئاراپتىن مالىكىيەگىچە، جەنۇبتا راققە ۋە دېيرىزۇرنىڭ بىر قىسمىدا مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلمەكتە. تۈركىيە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا ۋە رۇسىيەگە بېسىم قىلىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تەسىرىنى ئازايتىشقا تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەرىكەتلىرى ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىپ، تەشكىلاتنىڭ ئاتالمىش نامدىكى كاتتىباشلىرىنى بىر تەرەپ قىلدى. تۈركىيە يەنە، رايوندا ياشاۋاتقان كۈرت (كورد) ۋە ئەرەبلەرنى تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قوغداشقا ۋە ئۇلارنى توغرا نىشانغا يۈزلەندۈرۈشكە تىرىشماقتا.

تۈركىيە تەرەپتە تېررورلۇق تەشكىلاتى يوقىلىش گىردابىغا كەلتۈرۈلدى. ئىراق تەرەپتە بولسا، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەربىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق تار يەرگە قىستالدى. سۈرىيە تەرەپتە بولسا، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئامېرىكانىڭ قوغدىشى ئاستىدا مەۋجۇتلۇقىنى قوغداشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. تۈركىيە ھەر بىر پۇرسەتتە سۈرىيەنىڭمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا بىخەتەر جاي ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا نىشانغا ئېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر