باكۇ خىتابنامىسى

ياۋروئاسىياغا نەزەر - 84

1686328
باكۇ خىتابنامىسى

ئەزەربەيجان، پاكىستان ۋە تۈركىيە پارلامېنت باشلىقلىرى تەرىپىدىن ئىمزالانغان «باكۇ خىتابنامىسى»

ئابدرەسۇل ئىسھاقوۋ

2021-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئەزەربەيجان مىللىي مەجلىسىنىڭ رەئىسى ساھىبا گافاروۋا، پاكىستان مىللىي مەجلىسىنىڭ باشلىقى ئەسەد قەيسەر ۋە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ، باكۇدا ئۈچ تەرەپ يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، بۇ دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىرى مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىن ئاخىرىدا، ئەزەربەيجان-پاكىستان-تۈركىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىغان «باكۇ خىتابنامىسى» ئىمزالاندى.

پارلامېنت باشلىقلىرى ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن كۆرۈشتى، شېھىتلەر قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلدى. پارلامېنت باشلىقلىرى شۇشادىمۇ زىيارەتتە بولۇپ، بىرلىك ۋە باراۋەرلىك سىگنالى بەردى.  كېلەر قېتىملىق ئۈچ تەرەپ پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ، 2022-يىلى مارتتا پاكىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

2021-يىلى 1-ئايدا، ئەزەربەيجان، پاكىستان ۋە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئىسلامئابادتا ئۈچ تەرەپ يىغىنى ئاچقانىدى. يىغىندا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى «ئىسلامئاباد خىتابنامىسى» نى ئىمزالىغانىدى.

«باكۇ خىتابنامىسى»، پارلامېنتلار ئارا دىيالوگ، بىخەتەرلىك، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدە ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ. بۇ خىتابنامە ئىلگىرى بار بولغان ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ ھۆججەت شەكلى بولۇپ، ئۈچ تەرەپنىڭ ھەمكارلىقىنى قۇرۇلمىلاشتۇرۇشىغا تۆھپە قوشىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پاكىستاننىڭ تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسى  بىلەن قويۇق ھەمكارلىق ئورنىتىشى بارلىق تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇندۇر.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارلىرى قەغەز يۈزىدىلا قېلىۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ خىل ھەمكارلىقنىڭ ئورنىتىلىشى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭدىن كېيىن، ئەزەربەيجان، پاكىستان ۋە تۈركىيە خەلقئارا سەھنىدە بىر-بىرىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قوللايدۇ.

ئەزەربەيجان، پاكىستان ۋە تۈركىيە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى، كەشمىر مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ۋە ئافغانىستاندا مۇقىملىق ئورنىتىلىشى قاتارلىق مۇھىم رايونلۇق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا باشلامچىلىق رول ئوينىشى مۇمكىن. قاراباغنىڭ ئىشغالىيەتتىن ئازاد قىلىنىشىدا تۈركىيە بىلەن پاكىستاننىڭ ئەزەربەيجاننى قوللىشى بۇنىڭ روشەن ئىپادىسىدۇر.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ، باكۇدا، ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇداپىئە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. دەرۋەقە، ئەزەربەيجان – تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىق يېقىنقى 30 يىل ئىچىدە مۇقىم تەرەققىي قىلدى. مۇھىم ساندىكى ئەزەربەيجان ئوفىتسېرلىرى تۈركىيەدە تەربىيىلەندى. ئىككى دۆلەتنىڭ مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرلار سىستېمىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلمەكتە. بۇ ھەمكارلىق يېقىنقى 44 كۈنلۈك قاراباغ ئۇرۇشىدا مېۋە بەردى. تېمىمىز ھەققىدە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈشىمىز كېرەككى، پاكىستان-تۈركىيە-ئەزەربەيجان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنىڭ سېنتەبىردە ئەزەربەيجاندا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ ھەربىي ھەمكارلىقى زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە.

ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيە، ئۈچ تەرەپ يىغىنلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتكۈزمەكتە. ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيە، ھازىرغىچە ئىران، گىرۇزىيە، رۇسىيە ۋە تۈركمەنىستان بىلەن ئۈچ تەرەپلىك يىغىنلار ئاچتى. بۇ يىغىنلارنىڭ بەزىلىرى كېيىنكى ئۈچ تەرەپلىك باشلىقلار يىغىنلىرىغا زېمىن ھازىرلاپ بەردى. پاكىستان بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۈچ تەرەپ يىغىنلىرىمۇ مەزكۇر دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇپلا قالماي، يەنە رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە، ھەمدە رايوننىڭ تەرەققىياتىغىمۇ خىزمەت قىلىدۇ. بايراقلىرىدا ئاساسلىق سىمۋول سۈپىتىدە ھىلال ئاي ۋە يۇلتۇز بار بولغان بۇ ئۈچ دۆلەت، كۈچلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا زور تۆھپە قوشىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر