قبرىس تىنچلىق ھەرىكىتى

قبرىس تىنچلىق ھەرىكىتى ۋە ئارقا كۆرۈنۈشى.

1677496
قبرىس تىنچلىق ھەرىكىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: قىبرىس ئەنگلىيە ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە ئىككى خەلقلىق، ئىككى دىنلىق قۇرۇلمىغا ئىگە ئىدى. 1931 – يىلدىن ئېتىبارەن ئەنگلىيەدىن مۇستەقىللىقىنى قازىنىشقا تىرىشقان رۇملار، ئارالنى گىرېتسىيە بىلەن بىرلەشمەكچى بولدى. خەلقئارالىق كېلىشىملەرگە ئاساسەن ئارالدا كاپالەتچىلىك ھوقۇقى بار بولغان تۈركىيە، 1974 – يىلىغا كەلگەندە تۈرك نوپۇسىغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئارالغا ھەربىي يۈرۈش قىلدى. ئارالنىڭ تەخمىنەن يېرىمى تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئازاد قىلىندى. شۇ كۈندىن تارتىپ ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقان بىر تىنچلىق باسقۇچىغا قەدەم قويۇلدى. ئىككى خەلقلىق ئارالنىڭ ئىككى تەرىپىنى بىرلەشتۈرۈش تىرىشچانلىقلىرى ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا. قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتى سايىسىدا بىخەتەرلىكى ھەم مەۋجۇدىيىتى كاپالەت ئاستىغا ئېلىنغان قىبرىس تۈركلىرىنىڭ يېنىدا بولۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر